باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8920 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈركىيىدە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدۇ؟
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 108
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 133
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
ئۆسۈش: 1330 %
مۇنبەر پۇلى: 1935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2012-01-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-01 16:19

تۈركىيىدە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدۇ؟

تۈركىيىدە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدۇ؟
UF)4K3X  
:i4>&4j  
تۈركىيىدە ھازىر تەخمىنەن 60 -80 مىڭ ئەتراپىدا جۇڭگو مۇھاجىرى ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 40-50 مىڭى ئۇيغۇر، 10-20 مىڭ ئەتراپىدا قازاق.ئۇيغۇرلار ئاساسەن قەيسەرى،ئىستانبول،ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدۇ. قازاقلار ئاساسەن ئىستانبولغا تارقالغان.تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنى ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش دەپ قارىغاچقا، ئۇلارغا گىراژدانلىق سالاھىيىتى بېرىشتە ئېتىبار سىياسەت قوللىنىدۇ.دىيارىمىزدىن بارغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. xgi/,Nk '  
دەسلەپتە، يەنى 30-يىللاردا ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىشىقا باشلىغان.1949-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە سودا قىلىش، تۇغقان يوقلاش، ھەج قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1962-يىلدىكى «ئىلى چۆچەك ۋەقەسى» دە شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيىگە بىرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1980-يىللاردىن كىيىن ئاساسەن ئوقۇش، سودا، ھەج قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيىگە بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. G:]w UC\  
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئاساسەن جۇڭگو تۈركىيە ئارىسىدا تاشقى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاساسلىقى يىپەك، ئۆي جاھازلىرى، دورا ماتېرىياللىرى،ئىشخانا بويۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش، ئۆي-مۈلۈك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.دۆلەت ھالقىغان چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.ئىقتىسادىي كىرىمى ياخشى بولۇپ، ئاساسەن تۈركىيە جەمئىيىتىگە ئۆزلەشكەن.تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرھال سەۋىيىدە.نۆۋەتتە ياپونىيە، ئامېرىكىلاردا ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركىيدە مۇھاجىر بولۇش ھەممە ئېتىراپ قىلغان تاللاشقا ئايلاندى.ئۇلارنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، ئىدىيىسى ئوچۇق، بىلىملىك بولغاچقا، تۈركىيىدە خېلى ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ ھەم تۈركىيىنىڭ ئاساسىي ئىقىم جەمئىيىتىگە ئۆزلىشەلەيدۇ. St6U  
قازاق خەلقى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز قىستۇرۇپ قوياي، ئۇلار ئاساسەن 1949-يىلدىن كېيىن تۈركىيىگە كۆچۈپ بارغان. ئاساسەن كۆن-خۇرۇم تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ZPT6 p J  
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىچىدە سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرلەردىن باشقا يەنە مۇخبىر، ئىنژنىر،ئالىم، كارخانىچىلارمۇ خېلى كۆپ. مەسىلەن، ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى ئالىم، ئىستانبولدىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق توپ سېتىش سودىگىرى پەرھات، تۈركىيىدىكى ياپونيە شىركىتىنىڭ لېدىرى دولقۇن، تۈركىيە ئارمىيسىنىڭ گېنېرالى پاشا قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ]&')# YO  
b|cUKsL5  
, 8NY