ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمىتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ
سىز  تېمىڭىزدا ئاتا - ئانىلارغا  دۇئا قىلسا  بولمايدۇ دېمەكچىما؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟
سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز  مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: < بىر كىشى نامىزىنىڭ دۇئاسىدا
بارلىق مۇسۇلمان ئەر- ئايللار ئۈچۈن دۇئا قىلمىسا، ئۇنىڭ دۇئاسى تاكى قىيامەتكىچە ئاسماندىكى
مۇئەللەقتە ئېسىلىپ  تۇرۇپ ، اللە نىڭ ھوزۇرىغا يېتىپ بارالمايدۇ >. دېگەن.
 
اللە تائاللا نىڭ بىزلەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇبارەك كىتاۋى   قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىيىلگەن :
 
پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا -ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە  شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان
ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن. مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن ( يەنى مېنىڭ 
ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەردىن قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا ( جىمى گۇناھلاردىن ) تەۋبە قىلدىم،
مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن.
پەرۋەردىگارىم ! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا -ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا ، سەن رازى بولىدىغان
ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن. رەھمتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن.
قۇرئان كەرىم 27- سۈرە نەمل 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى 
 
پەرۋەردىگارىم ! ماڭا  ۋە ئاتا  -ئانامغا  مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆئمىن 
ئەر- ئاياللارغا مەغفىرەت قىلغىن.
71قۇرئان كەرىم - سۈرە نوھ  28- ئايەتنىڭ بىر قىسمى 
پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى ، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن ، ئاياللىرىدىن ، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى
بولغانلارنى ئۇلارغا  ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت 
بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.
قۇرئان كەرىم 40- سۈرە غافىر  8- ئايەت 
مانا  ماشىنىڭغا ئوخشاش  ئەمىلى مىساللار قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن ....
بۇ ئايەتلەردە ئاتا - ئانا تىلغا ئېلىنىپتىمۇ  ياكى ئېلىنماپتىمۇ؟ !
سىز  < قۇشناڭ كاپىر بولسىمۇ  ، ساڭا ئەرزىيەتلا يەتكۈزمىگەن بولسا ، ئۇنىڭغا  زىيان يەتكۈزمە 
دىيىشنى بىلىدىكەنىسىز؟  نېمىشقا   ئاتا -ئانا  مەيلى ھايات ياكى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسۇن 
پەرەنتلەرنىڭ  ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلشىغا قارشى مۇقام توۋلايسىز.........
دېگەن بۇ ئىككى  گىپىڭىز  بىر - بىرىگە زىت ئەمەسمۇ؟ 
ۋاقىت قىس . مەن خىزمەتتە ...يەنە پاراڭلىشامىز....