باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 904 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: موللا زەيدىننىڭ سوراق قىلىنىشى
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 469
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە469دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-28 01:17

موللا زەيدىننىڭ سوراق قىلىنىشى

موللا زەيدىن خۇراپى ئۆرپ ئادەتلەرگە قارىتا نۇرغۇن قاپىيىلىك سۆزلەرنى ، بېيىت قوشاقلارنى توقۇپ چىقارغاندىن كېيىن ، كونىلىق تەرەپدارلىرىدىن بولغان مۇتەئەسسىپلەر قازىخانىغا موللا زەيدىننى چېقىپتۇ .
بىر كۈنى قازى موللا زەيدىننى چاقىرىتىپ كېلىپ قازىخانىدا سوراق قىپتۇ :
_ سەن كۇفرى سۆز- نەزمە - بېيىتلەرنى كىمدىن ئۆگەندىڭ ؟
موللا زەيدىن : كۇفرى سۆزلەر چىقاردۇر ،
كۇفرى ئادەمدىن .
ﻫەق سۆزلەر چىقاردۇر ،
توغرا ئادەمدىن .
قازى : سېنىڭ بۇ ئېيتقان ﻫەم يازغانلىرىڭ كۇفرى تۇرۇپتىغۇ ؟ سەن كاپىرمۇ ، نىمە ؟
موللا زەيدىن :
موللىنى كاپىر دىمىسىلە ،
موللا كاپىرىدىن يامان .
موللىنى كاپىر دىگەنلەر ،
ﻫەممە كاپىردىن يامان .
قازى : ئۆلىمالارنىڭ ﻫەممىسىگە لەقەم قويۇشۇڭغا بائىسى نىمە ؟
موللا زەيدىن :
موللىلارنىڭ ئىشىدىن ،
بايقاپ قېرى قېرى يېشىدىن .
لەقەم چۈشەر قىلمىشىغا
ئۆتكۈزدىلەر بېشىدىن .
قازى : ﻫەي ، خوتۇن تالاق ، سەن نىمانچە قوشاقچى بولۇپ كەتتىڭ ؟ !
موللا زەيدىن :
چېكىلىدىغان چۆجەكنىڭ
تۇخۇمى پالاق بولۇرمۇ ؟
ئۆيلەنمىگەن يىگىتنىڭ
خوتۇنى تالاق بولۇرمۇ ؟
ﻫەربىر جاۋابتىن كېيىن چوڭ كىچىك موللىلارنىڭ ﻫەممىسى ئىختىيارسىز كۈلۈپ تۇرغانلىقتىن ، قازى بىر ئۆزى ئاچچىغلىنىپ ، ئاخىرى ئۇمۇ كۈلۈپ تاشلاپتۇ .
قازى : سېنى بىز سوراق قىلىمىزمۇ ، سەن بىزنى سوراق قىلامسەن ؟ قايسى ﻫەق ؟
موللا زەيدىن :
ﻫەق ناﻫەقنىڭ مۇساپىسى ،
كۆز بىلەن قۇلاق ئارىسى .
كۆرمەي تۇرۇپ راست دىگەن ،
ﻫاماقەتنىڭ چاي خالتىسى ...
قازى: ئۆلىمالارنى تەسقىر قىلىپ قويغان لەقەملەرگە دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلەمسەن؟
موللا زەيدىن :
دەلىل ئىسپات تەيياردۇر ،
ئاسماندىن چۈشەر لەقەم .
مەرتلىك بىلەن چىدىسىلا ،
ماڭا سالماي دەرت ئەلەم .
قازى بۇنىڭ گەپچىلىكىنى ئاڭلىغۇسى كېلىپ ، تاكى سۆزى تۈگىگىچە شۈك تۇرۇشقا كېپىللىك قىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن موللا زەيدىنمۇ قازىخانىغا بۇ تاماشىنى كۆرگىلى كەلگەن خەلققە قاراپ ، مەغرۇرانە قىياپەت بىلەن مۇنداق مۇخەممەسلەرنى ئوقۇپتۇ :

مەدرىسگە تەئەللۇق كۆردۈم ۋەخپە بارلىغىن ،
ئاخۇنۇملار تالاشىدۇر ، كۆردۈم ئىچى تارلىغىن .
ئەلەم ئاخۇن ﻫاكاۋۇر ، تۇتماس خۇدا يارلىغىن ،
مۇپتى پەتىۋا ﻫەققى يەپ بىلمەس كۆڭۈل قارىلغىن ،
قارام ، پىخسىق نەپسىكەشلەر ، كەلمەس ئاخىر زامانە.

قارى يادار قۇراننى مەنىسىدىن بىخەۋەر،
خاتىپ ئوقۇر خۇتبىنى ، ئۇلۇغ شاﻫنى مەدﻫىيلەر،
موللا كۆپ ، ئەممام تولا قىلىپ بىر- بىر ﻫىلىلەر،
مۇرات مەقسەت بۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنى شەرﻫىلەر،
پىتنە پاسات ، غەيۋەتلەر بولماس ئاخىر زامانە .

قىرىق تاشنى توققۇز تىزىپ كاﻫىن ئېيتۇر يالغاننى ،
ساﻫىر ئالۇر جۇدە قىلدىم دەپ پالدىن ئېشىپ قالغاننى ،
ﻫۆكما سۈپەت پىرىخون كېلىپ ، كۆردۈم داپنى چالغاننى،
ئاغزىدا لاپ ، قولىدا داپ ، بىلمەس قولى تالغاننى ،
سېﻬرىگەرلىك ، ئالدامچىلىق ئاقماس ئاخىر زامانە.

ئىشان ماڭۇر ئايلىدا ، تۈزەپ ساقال - بۇرۇتنى ،
سوپىلار ماڭۇر پادا ياڭلىغ ئەگەشتۈرۈپ مۇرۇتنى ،
غايىب رىزقى تاماسىدا شەيىخلەر ئوقۇر دۇرۇتنى ،
مەخسۇم نامىنى بۇلغاپ ، كولار مەقەت قۇرۇتنى ،
سالىﻬ سۈپەت ، ﻫايۋان سۈرەت كەلمەس ئاخىر زامانە .

قۇشقاچ ئارا قۇرغۇي كەبى كەلسە خەلپەت موللىغا،
نەمرۇت ﻫەم شەددات كەبى ئالسا دەررە قولىغا ،
قىيامەتتە گۈل ئۈنەرگە زەربە قىلۇر بالىغا ،
ئاخۇنۇملار سۈكۈت قىلدى زالىملارنىڭ يولىغا،
شۇنداق باغرۇ- كۆڭلى قارا كەلمەس ئاخىر زامانە.
.............................................................
موللا زەيدىن مۇشۇنداق نەزمىلەردىن خېلى كۆپ ئوقۇپتۇ، ﻫەممەيلەن شۈك تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ. ئاخىرىدا ئۇ كۆپچىلىككە سالام بېرىپ ، "تەتىل قىلىش" قاتارلىق مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ئەيش- ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىغا دائىر يازغان شېئىرلىرىمۇ بارلىغىنى جاكارلاپتۇ .
موللا زەيدىننى خەلق ئاممىسى ﻫۆرمەتلەپ قۇچاقلىۋاپتۇ . قازى ، ئەلەم مۇپتى .... لار خەلقنىڭ موللا زەيدىننى مۇنداق ﻫىمايە قىلغانلىقىدىن جازا بېرىشكە ئامالسىز قاپتۇ . پەقەت "مۇشرىك " ، "جىدىت" دەپ نام بېرىپتۇ .

مەخمۇت زەيىدى
" بۇلاق " تىن ئېلىندى
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 4171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-28

موللا زەيدىن ھەقىقەتەن نوچىكەن.يازمىڭىزغا تەشەككۈر.
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.