باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 865 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۈزەل ئۇيغۇر قىزى چىن مودەن ھەققىدە قىسسە
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 469
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە469دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-28 01:15

گۈزەل ئۇيغۇر قىزى چىن مودەن ھەققىدە قىسسە

تەخمىنەن مىلادى 1807 يىللىرى مەنچىڭ خاندانلىقى غەربى دىياردىكى يەرلىك ۋاڭلارنى چارلاپ كېلىشكە بىر باش مۇپەتتىش بېگى ئەۋەتىدۇ ( بۇ ئەمەل نامى ئەينى زاماندا "چىڭ چەي دارېن " دەپ ئاتىلاتتى ) ۋە قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشىدۇ ...
يالاقچى شامەخسۇت بۇ ئەمەلدارنى ئوردىدا بىر نەچچە كۈن مېﻬمان قىلىپ ، ئۇيغۇر قىزلارنى ئۇنىڭغا ﻫەدىيە قىلىدۇ ...بۇ توڭگوز ئەمەلدار ئوردىدا ئويناپ زېرىكىپ شامەخسۇتقا يېزىغا بېرىش ئارزۇسىنى ئېيتىدۇ...
شامەخسۇت ئۇنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ باغداشتىكى يېزىلىق ئوردىسىغا ئېلىپ چىقىدۇ ...ﻫەمدە چىقىشتىن بۇرۇن شۇ يەردىكى 15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياش قىزلارنى تۇتقۇن قىلىشقا ﻫەم ئوردىغا ئەكىلىشكە مەخپى بۇيرۇق بېرىدۇ !....
يالاقچى چېرىكلەر بىر دەمدىلا شۇ يەردىكى قىز ، چوكان ، ئىشقىلىپ ياش ئايال ئەۋلادىنىڭ ﻫەممىنى تۇتۇپ ئوردا بېغىغا سولاپ قويىدۇ
شامەخسۇتنىڭ باغداشتىكى مىراقۇلى (يىلقىچىسى ) تۆمۈر بوسۇقنىڭ ئەمدىلا 15 كە كىرگەن گۈزەل ئەخلاقلىق قىزى گۈلايلا مۇ شۇ قاتاردا تۇتقۇن قىلىندۇ ، ﻫەرقانچە قارشىلىق قىلسىمۇ بىچارە ئاجىز قىز ئۇلارنىڭ رەﻫىمسىز قامچىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ...ﻫەمدە باشقىلارنىڭ ئۇ يەرگە ئاپىرىپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناپ بۇلۇپلا قايتىپ كېلىدىكەنمىز دىگەندەك گەپلىرى بىلەن مەجبۇرەن ئۇ يەرگە ئاپىرىلدۇ...
گۈلايلا ئەشۇ يۇرتتا يۇرت ئەركىسى بۇلۇپ ، گۈزەل ، ئەخلاقلىق ، باتۇر بولغاچقا خەلىقنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ساﻫىپجامال قىز ئىدى

ئىپلاس شامەخسۇت ﻫېلىقى توڭگوزنى باشلاپ چىقىپ شەرىپىگە داغدۇغىلىق زىياپەتلەرنى بېرىدۇ ...زىياپەت خىراجەتلىرىنى يەرلىك خەلىقتىن تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاستىرىتتىن ئادەم ئەۋەتىدۇ ...
داغدۇغىلىق زىياپەت داۋامىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى قامچىلاپ مەجبۇرى ئۇسۇلغا چۈشۈرىدۇ...بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەل قىز گۈلايلا نىمۇ بوش قويمايدۇ...بىچارە قىزنىڭ كۆز يېشى ۋە ئاﻫۇ زارىغا پەقەت رەﻫىمسىز قامچىلار بىلەن جاۋاپ قىلغان مۇناپىق جاللاتلار ئۇنى مەجبۇرى ئۇسۇلغا سالىدۇ
خۇددى بۇلۇتلار ئارىسىدا مۇڭلىنىپ يۈرگەن ﻫىلال ئايدەك ، غەمكىن چىراي بۇ قىزنىڭ گۈزەل ﻫۆسنى مەيداندىكى ﻫەرقانداق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ
ئۇنىڭ ﻫۆسنىدىن ئۆزىنى يوقاتقان ﻫېلىقى ئەمەلدار " پاﻫ ، پاﻫ ... شا دارېئىن ... قۇمۇل دىيارىدا جەننەت پەرىلىرى باركەن ئەمەسمۇ ...پاﻫ ، بۇ قىز .. مودەنگۈلنىڭ ئۆزىكەن .. مودەن ...مودەن ... " دەپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ۋالاقشىپ كېتىدۇ...
شا مەخسۇت تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇ ئەمەلدارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قا قاﻫلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ ...ﻫەم ئۇنىڭدىن بۇ قىزغا كۆڭلى بولسا ئېلىپ كىتەمدىكىن دەپ سورايدۇ...
ئاللا بىچارە قىزنىڭ تەلىيىگە . ئۇ مۇناپىق ئەمەلدار ﻫۆكۈمەت ئىشىنى مۇﻫىم بىلىپ ، ﻫازىرچە تۇرۇپ تۇرسۇن ، سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ كېتەي دىگەندەك مەنىلەردە بىر گەپلەرنى دىيىشدۇ
شۇندىن ئېتىبارەن گۈلايلا نىڭ ئىسمى قۇمۇل دىيارىدا چىن مودەپ دەپ ئاتىلىدۇ

شا مەخسۇت باغداشتىن قايتار چاغدا ئوردا بېگى يولۋاسقا چىن مودەننى تۇتۇپ ئوردىغا ئاپىرىشنى ، ئۇنى مۇپەتتىش بېگىگە سوۋغا قىلدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ
بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتكۈل ئەلگە تارقىلىدۇ
گۈلايلا بىلەن كىچىگىدىن بىللە چوڭ بولغان پادىچى يىگىت ئاق تۇرسۇننىڭ قەلبى ئاللىبۇرۇن چىن موﻫەببەت بىلەن گۈلايلا غا باغلانغان ئىدى ، ئۇلار بەخىتلىك كۈنلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان پەيىتلەردە ئاڭلىغان بۇ شۇم خەۋەر ياش ئاق تۇرسۇنغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.
خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ئوردا نەۋكەرلىرى چىن مودەننى ئوردىغا ئېلىپ ماڭىدۇ ،
ئۇيغۇر قېنى سىڭگەن ياش قارام يىگىت ئاق تۇرسۇن بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن باغداش داۋىنىدا بىچارە قىزنى قۇتقۇزۇشقا ﻫەرىكەت قىلىدۇ...
ئوتتۇرىدا قاتتىق ئېلىشىش بولىدۇ ، ئارلىقتا چىن مودەنگە ئوقيا تېگىپ قانغا مىلىندۇ .ئاق تۇرسۇننىڭ قەلبى ئۆرتىنىپ ئۇ قىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرىشىغا ، پۇرسەتپەرەس نامەرت چېرىكلەر ئۇنى ئارقا تەرەپتىن تۇتىۋېلىپ باغلىۋالىدۇ ....
شامەخسۇت بۇلارنى ۋەﻫشىلەرچە ئۆلتۈرۈپ سازايى قىلىدۇ ، ﻫەمدە جەمەتى ۋە دوستلىرىنى نومغا سۈرگۈن قىلىدۇ
شۇ ۋەقەدىن كېيىن ، خەلىق ئارىسىدا چىن مودەننى ئەسلەپ نۇرغۇن قوشاقلار پەيدا بولىدۇ ، خەلىق شامەخسۇتقا بولغان نەپرىتىنى مۇشۇ قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ

گۈلايلا 15 ياشتا
چىن مودەن دەپ ئاتالغان
شامەخسۇتنىڭ قولىدا
قىزىل قانغا بويالغان

بۇ يىل باغداش بېغىدا
ئۈششۈك تەگدى غورىغا
جاللاتلار ئېلىپ ماڭدى
چىن مودەننى ئوردىغا

چىن مودەننىڭ يۈرۈشى
جەرەندەك چاققان
شامەخسۇت يىلان بۇلۇپ
بىچارىنى چاققان


يۇقارقىلارنى ئوقۇغان ﻫەرقانداق ئويغۇرنىڭ يۈرىكى تىترىمەي ، گۈلايلا ، ئاق تۇرسۇن ۋەكىللىگىدىكى سان ساناقسىز بەختسىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ﻫىسداشلىق قىلماي تۇرالمايدۇ ،
شۇنداق ، مۇشۇلار بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىز ئىدى...قورقماس ، تىز پۈكمەس ، ۋىجدانلىق ئۇيغۇرىمىز ئىدى !!!


مەنبە:   تور   دۇنياسى
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1119
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1119دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 11834 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-13

بىر ئەلگە باش بولغان كىشىنىڭ ئار نۇمۇسى بولمىسا شۇنداق بولدۇ ،شۇ شامۇخسۇت جاناپمۇ ھەر قاچان ئوزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتار بولغۇيتتى.مۇسۇلمانچىلىقنى چۇشەنمەي مۇسۇلمان بولغان كىشى شۇنداق بولدۇ ،ۋاختى كەلسە اللە بىلدۇ دەپ ھەممنىنى قىلدۇ .
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
bilig
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1126
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 528
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە528دانە
ئۆسۈش: 1160 %
مۇنبەر پۇلى: 6164 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-01-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-29 01:33

ئەمەل ئۇچۇن مىللەتنى ساتىدىغان مۇناپىقلار ھەر زامان مەجۇت  ھۇشىيار بولماق لازىم