ئەنگىلىيەلىك ئاق سۆڭەك كانافېن 23 يېشىدا ئاتىسىدىن قالغان خېلى كۆپ مىراسقا ۋارىسلىق قىلدى ۋە كىيىنچە مىسىرغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى،ئۇ ئارخولوگىيە ئېشلىرى بىلەن شوغۇللىنىش قارارىغا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، يەنى 1905- يىلى مىسىردىكى پادىشاھ قەبرىسى جېلغىسدا ئارخولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ھوقوقىغا ئېرىشۋالدى . ئۇ گەرچە مۇشۇ ئېش ئۈچۈن 17يىل يۈرەك قىنىنى بىكارغا سەرىپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما قىلچە روھسىزلانمىدى،ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيەدە تۇرۇۋاتقان كانافېن 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 6- كۈنى قېزىش خېزمىتىنىڭ يېتەكچىسى كاتتىن : « تاغ جېلغىسدىن ھېچقانداق زىيان -زەخمەتكە ئۇچۇرمىغان چوڭ قەبرىنى تېپىلدى، سىزنىڭ كىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز » دىگەن تېلگىراممىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئۈنچە - مەرۋايىتقا تولغان ئۈچ قەبرە
كانافېن غالىبلارغا خاس قىياپەت بىلەن مىسىردىكى ئېش ئورنىغا كەلدى . ئۇ 16 باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشۈپ ، ئۈنچە -مەرۋايىت ۋە ئالتۇن قاچا- قۇچا ، ساندۇق ۋە ئورۇندۇقلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن قەبرىنى كۆردى . بۇ قەبرە كانافېن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى قانائەتلەندۈردى . يىقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان قېزىپ چىقىرىلىغان بارلىق قەبرىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بۇ قەبرە - بىر پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئائىلە مۆلكى بىلەن توشقۇزۇلغان ئىدى . ئۇلار دەرھال قەبرە ئىچىگىلا تەجىرىبىخانا قۇرۇپ ، بارلىق مەدەنى يادىكارلىلارنى مەخسوس ناسىلكا بىلەن بىر يەرگە جەملەپ ،خېميېۋى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزدى . ئۇلار قەبرىگە ئۇيۇلغان پادىشاھ گېربىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى جەزىملەشتۈردىكى ، بۇ قەبرە 18 ياشلىق پادىشاھ- ئامىننىڭ قەبرىسى ئېدى ، مۇشۇنداق جەزىم قىلغاندا بۇ قەبرە يەر ئاستىدا توپ -توغرا 3500يىل كۆمۈلۈپ ياتقان .
ئەمىليەتتە ، كانافېن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ خوشاللىقى ئالدىدا ئېدى . ئۈچ ھەپتىلىك جىددى كولاشتىن كىيىن ، ئېشچىلار مەزكور قەبرىنىڭ 1- ئېشىكىنىڭ 10 مىتىر نېرىدىن 2- ئېشىكىنى تېپىپ چىقتى .12-ئاينىڭ 17- كۈنى ئېنگىلىزلار يىڭى تېپىلغان 2- ئېشىكتىن ئېچكىرلەپ كىرگەندە ھەيرانلىقتىن نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى ، بۇ قەبرىدىكى مەدەنى يادىكارلىقلار ئۇالرنىڭ تەسەۋورىدىنمۇ كۆپ بولۇپ كارۋات ، پىل چىشى ئويمىلىرى ، قاچا- قۇمۇچلار ، ساندۇقلار ، كىيىم -كېچەكلەر ، ، ئالتۇن كۆمۈشلەر دۆۋىلىنپ كەتكەن ئېدى ، شۇنداقتىمۇ بۇ قەبرىدىن بىرەر تاۋۇتنىڭ تېپىلمىغانلىقى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرماي قويمىدى.
2- ئاينىڭ 18- كۈنى ،بىلگىيە مەلىكىسى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گراھ ئېلىنبىرگنىڭ ئېشتىراكچىلىقىدا كانافېن 3- قەبرىنىڭ ئېشىكىنى ئۈز قۇلى بىلەن ئاچتى . مىڭ بىلر كىچە رىۋايەتلىرىدە تەسۋېرلەنگىنىدەك سۈپەتلەر ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان بولدى ، ئۇلار ئارقىدىنلا ھەشەمەتلىك زال يەنە بىر ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئېككى قاناتلىق توچ ئېشىكىنى ۋە مەخسوس قاپ بىكىتىلگەن تاۋوتنى كۆرۈشتى.
ئەڭ ئاخىرقى قەبرىدىكى سىرلىق ۋەقەلەر
ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى قەبرە ئېشىكىنى ئاچتى ، ئۇلار كىرىشىگىلا قەبرە ئېچىدىن ئېچىدىن چىققا ن تېنجىق ئېسسق شامال مېھمانلارنى بۇ يەردىن قىچىپ چىقىپ كىتىشكە مەجبور قىلدى .كانافېن بولسا ئالقىنى بىلەن ئېغىز -بۇرنىنى تۇتقۇنىچە قەبرە ئېچىگە ئېلگىرلىمەكتە ئېدى. دەل شۇ چاغدا قەبرە ئېچىدىن ئۇچۇپ چىققان چېۋىندەك بىر ھاشارات ئۇنى بىلىنەر -بىلنىمەس چېقىپ قۇيۇپ كەتتى . كانافېن بۇ ھاشاراتقا ئانچە دىققەت قىلىپمۇ كەتمدى،ئۇ شۇندىن باشلاپ جىددى ئېشلەشكە كېرىشىپ كەتتى . ئالدى بىلەن تاۋوتنى ئېچىپ ، قاتمۇ -قات كېپەننى كېسىپ مومىيانى چىقىرۋالدى . مىسىرلىق مۇتەخەسسىسلەر قەبرىگە ئېنتايىن نەپىس قىلىپ ئۇيۇلغان ئاھانەتلىك خەتلەرنى ئۇقۇپ چىقتى . بۇ خەتتە بولسا : «كېمىكى پادىشاھنىڭ تېنىچلىقىنى بوزسا ، ئەزرائېل شۇنىڭ بېشىدا ھازىر بولغۇسىدور » دىيىلگەن . بۇ قەبرە ئېچىدە تۇرغان ياۋرۇپالىقلار بۇ خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى ھەم :« بۇ تەرەققى تاپمىغان رايوندا ياشاپ ئۆتكەنلەرنىڭ خۇراپىي نەرسىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس » « كىشىلەرنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۈن » دىيىشتى . بىراق بىرلا كىشى - يەنى كانافېن بۇنداق كۈلكىلىك كەيپىياتقا قۇشۇلغۇسى يوقتەك جىم تۇراتتى . ئۇ ھېلىقى تاۋوتىنى ئاچقان شۇ كەچتىن باشلاپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى . ھېلىقى ھاشارات چىقىۋالغان يەر بولسا بارغانسېرى ئەدەپ چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاغرىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق قېزىتمىسىغا دوختۇرلارمۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى . ئېڭىكىنىڭ ئاستىدىكى جاراھەت يېرىڭلاپ ، ئېششىپ كەتكەن كانافېن ، ئاخىرى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.
كانافېننىڭ ياردەمچىسى كات قاتتق قايغۇردى ۋە بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭ غەيرەت بىلەن كانافېننىڭ ئېشىنى داۋام ئەتتى ، ئۇ يەنە ئۈچ چوڭ تاۋوتنى تاپتى ،كىيىنلا ساپال تاۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئېچىگە سېلىنغا ن ئۈچ ياغاچ توۋۇت تاپتى . بۇ تاۋوتلارنىڭ ئۇستىگە رەڭلىك ئەينەك ۋە رەڭلىك مىتاللار بىلەن گۈل چېكىلگەن ئېدى ، ئۇ بۇنىڭ ئېچىدىكى ئەڭ چوڭ تاۋۇتنى ئاچتى ۋە ھەيران قالدى . چۈنكى ئالتۇن ياپقۇ بىلەن يۈزى يىپىلغان پادىشاھنىڭ سول ئېڭىكىدە بەئەينى كانافېننىڭ ئېڭىكىنى چاققان يارىدەك يارا ئېزى بار ئېدى.
دەر ۋەقە ، كىشىنى چۈچىتىدىغان ئېشلار ئەمدىلا باشلانغان ئېدى .قىېسقىغىنا بىر يىل ئېچىدە كاتىپ باسسىر ، ئارخولوگ باندىت ۋېستېپولىيا ، ئاججبورد{ ئۇ پادىشاھنىڭ مومىياسىنى رېنـىگىن نۇرى بىلەن تەكشۈرگەن } ۋە بىر قانچە كىشى ئېلگىر-كىيىن بۇلۇپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئېدى ، بۇ ئەھۋال خوددى پادىشاھ ئامىننىڭ قىساس قىلىچى كانافېن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بىلەن كۈچ سلېىشتۇرۋاتقاندەك ئېدى. پەقەت بىر نەچچە ئاي ئېىچىدىلا 20 گە يىقىن كىشى ئۈلۈپ كەتتى ، ئەلۋەتتە ،غەرىپ مەتبۇئاتلىرى بۇ ھېساپقا مىسىرلىق ئېشچلار ۋە قاھىرە موزىيىغا قارايدىغان خادىملاردىن ئۈلۈپ كەتكەنلەرنى قوشمىغان .
ياۋرۇپالىقلار قەدىمى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈلۈپ كىتىش سەۋەبى ھەققىدە خېلى كۆپ مۇلاھىزە قىلىشتى ، بەزىلەر قەدىمى مىسىرلىقلار ئۇراننى تاپقان ۋە ئۇنىڭ مەلۇم خوسوسىيەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ جەسەتنىڭ چېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جەسەتنى ئوران ئارقىلىق ۋېروسلار دىن ئايرىۋەتكەن بولۇشى مومكىن دىيىشتى . ئۇلار يەنە مىسىرلىقلار قەبرە ئېچىگە رادىئۇئاكىتىپلىق ئوران پارچىسىنى قيۇپ كېسەل تارقاتقۇچى مېكروبلارنى قەبرە ئېچىگە كۆمىۋەتكەن دەپمۇ ھېساپلاشتى . ئەمما بۇ سىرنى ھېچكىم بۇ قەدىمى مىسىرلىقلارنى تەبئى ئۈلۈپ كەتكەن دەپمۇ ھۆكۇم قىلالمىدى. ھەتتا بىلىم جەھەتتە كامالەتكە يەتكەنلەرمۇ بۇنداق بىر ئېھتىمالىقنى ، يەنى پادىشاھنىڭ 3500يىل كىيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئارام خودا يىتىشىغا كاشىلا قىلغان كىشىلارنى جازالىغانلىقىنى ئېنكار قىلالمىدى.
« ئاجايىپ ۋەقەلەر» دىگەن كىتىاپتىن ئېلىندى