باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 842 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەببەت ۋە نىكاھ ھەققىدە
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 469
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە469دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-28 01:03

مۇھەببەت ۋە نىكاھ ھەققىدە

  
 بىر كۈنى ئەپلاتون ئۇستازى سوقىراتتىن "مۇھەببەت دېگەن نىمە؟" دەپ سوراپتۇ. سوقىرات ئۇنىڭغا ئاۋال بۇغدايلىققا بېرىپ، بۇغدايلىقتىكى ئەڭ دانلىق، ئەڭ پىشقان، ئەڭ چوڭ باشاقنى تىرىپ كېلىشنى، بۇغدايلىقنىڭ ئۇ بېشىدىن كىرىپ بۇ بېشىدىن چىققىچە پەقەت بىرلا قېتىم باشاق ئۈزۈش پۇرسىتى بارلىقىنى، ئارقىغا يېنىشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئالدىغىلا قاراپ مېڭىش لازىملىقىنى ئېيتىپتۇ.
ئەپلاتون سوقىراتنىڭ دېگىنىچە بويىچە بۇغدايلىقنى ئارىلاپ چىقىپتۇ يۇ، ئەمما قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. سوقىرات ئۇنىڭدىن نېمىشقا قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى سورىغانكەن، ئۇ مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
-پەقەت بىرلا قېتىم ئۈزۈشكە بولىدىغان ھەم ئارقىغا يېنىشقا بولمايدىغان بولغاچقا، گەرچە پۈتۈن بۇغدايلىقتىكى ئەڭ ئېسىل باشاققا ئۇچىرىغان بولساممۇ، ئالدىدا بۇنىڭدىن ياخشىسى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۈزمەپتىمەن، ئەمما بۇغدايلىقنىڭ ئەڭ بېشىغا چىققاندا قارىسام پۇرسەت ئاللىقاچان قولدىن كېتىپتۇ.
سوقىرات " مانا بۇ مۇھەببەت" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئارىدىن كۆپ ۋاقىتلا ئۆتكەن بىر كۈنى ئەپلاتون سوقىراتتىن "نىكاھ دېگەن نىمە؟" دەپ سوراپتۇ. سوقىرات ئۇنى ئورمانلىققا بېرىپ، ئورمانلىقتىكى ئەڭ توم ، ئەڭ ئېگىز دەرەخنى كېسىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. شەرتى ئوخشاشلا بىرلا قېتىم كېسىش ۋە ئارقىغا يانماسلىق ئىكەن.
ئەپلاتون ئۇستازىنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە ئورمانلىققا بېرىپ ئانچە توم ھەم ئانچە ئېگىز بولمىغان ئادەتتىكى دەرەختىن بىرنى كېسىپ كەپتۇ. سوقرات نېمىشقا ئادەتتىكى بىر دەرەخنى كېسىپ كەلگەنلىكىنى سورىغانكەن، ئەپلاتون:
-ئالدىنقى قېتىمقى ساۋاقنى ئېسىمدە چىڭ تۇتقاچقا، ئاقىۋەتتە قۇرۇق قول قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئورمانلىققا كىرىپ تاللاپ ئولتۇرمايلا بۇ دەرەخنى كەستىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
سوقىرات " مانا بۇ نىكاھ" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.مەنبە:   تور   دۇنياسى 
hayatlik qaklik
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4519
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-05

بۇ ياخشى سورالغان سوئال ۋە ياخشى بىرىلگەن جاۋاپ بولاپتۇ.، ھەقىقەتەن قىززىقكەن.
hayat qaklik