رىۋايەتلەردە ئىيتىلىشچە كاككۇك بىلەن زەينەپ بىر بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۈرشىدىغان چىن سەمىمى ئاشۇق مەشۇقلاردىن ئىكەن ، ئۇلارنىڭ موھەبىتى شۇ قەدار چوڭقۇر ئىكەنكى ئايمۇ ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدىكەن ، بىر كۈنى ئۇلار بىللە سەپەرگە ئاتىلىنىپ يولدا بىر دەرياغا ئۇچراپتۇ ، ئۇ دەريا بەك چوڭ ئىكەن ئىككىسى بىللە ئۇچۇپ دەريانىڭ يىرىمغا كەلگەندە بىرسى ھىرىپ قىلىپ دەريادىن ئۆتۈپ بولۇشقا كۈزى يەتمەي ئارقىغا يىنىپ كىتىپتۇ ، بىرسى ئۇچۇپ دەريادىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ ، شۇنىڭدىن بىرى ئىككىسى كۈرشۇشكە ئامال بولماپتۇ ھەم كۈرشۇشكە قەتئىلا ئامال يۇق ئىكەن ،شۇنداق قىلىپ ھەرئىككىسى بىرى بىرى بىلەن كۈرشەلمەي ھىجران ئوتىدا كۈيۈپ يۈرىكى پارە - پارە بوپتۇ ، بىربىرىنى سىغىنىپ ھىلىلا ئۇچراپ قالىدىغاندەك بىربىرىنىڭ ئىسمىنى توختىماي توۋلايدىكەن ، ئۇلار ئۇزۇن يىللارىدىن بىرى ئاشۇنداق بىر بىرىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ زار-زار يىغلايدىكەن ، ( مەزكۇر رىۋايەتنىڭ باشقا ۋاريانىتلىرىمۇ بار ئىكەن ، ئەمما مەركىزى ئىددىيە ئوخشاش ) ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ئايلار ئۆتۈپتۇ ئۇلارنىڭ دەردى ئۆزى بىلەنلا كەتمەي ئاتا - ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرىنىمۇ تەك دەرىتكە قويۇپتۇ ، پەرزەنىتلىرىنىڭ موھەببەت ئوتىدا كۈيۈپ ئازابلىنۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاتا - ئانىلارمۇ يۇرەك پارىللىرى بىلەن تەڭ ئازابلىنىپتۇ ، يىقىن دوسىت بۇرادەرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئازابىغا تەڭ شىرىك بوپتۇ ، بۇ ئىككىسىنى ئازابلىق كەيپىياتى ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش ، خىزمەت جەھەتلەردىكى نەتىجىسىگە تىخمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپتۇ .
يىقىندا تەڭرى ئۇلارنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلارنىڭ ئازابىنى خۇشالىققا ئايلاندۇرۇپتۇ ، ئۇلار ئەمەلگە ئاشمىغان موھەببەت ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلىشنىڭ تولىمۇ شەخسىيەتچىلىك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپتۇ . چۇنكى بىر كىشىنىڭ ھايانى پەقەتلا ئۆزىگىلا تەۋە ئەمەس ، ھايات تولىمۇ گۈزەل نەرسە ، ئۇنىڭدا يۇرتنىڭ ، جەمئىيەتنىڭ،خەلىقنىڭ ھەققى بار ، يەنە ئاتا - ئانا ئۇرۇق تۇققان دوستلارنىڭ مۇ ھەققى بار ، ھاياتنىڭ جەمئىيەتتە ئۆتەيدىغان نۇرغۇن موقەددەس ۋەزىپىسى بار ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان كۆرەش ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىش ئەخمىقانىلىك ھەم مەسئۇليەتسىزلىك .
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىربىرىگە چوڭقۇر بەخىت تىلەپتۇ ،ئۇلار پولاتتەك ئىرادە بىلەن ئۆز مەشۇقلىرىنى ئۇنتۇشقا تىرشىپتۇ ، تەڭرىمۇ ئۇلارنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىپتۇ ، ئۇلار ئەتراپقا كۈلۈمسىرەپ بىقىپتۇ ، زەينەپنى بىر ئاخكۈڭۈل يىگىت ياخشى كۈرۈپ قىلىپ كۈڭۈل ئىزھار قىپتۇ ، كاككۇكمۇ بىر گۈزەل قىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىڭى جۇپتىللىرى تىخىمۇ ياخشى كۈرۈپ قىلىشىپتۇ ۋە ئۇلار بىلەن بەخىتلىك توي قىلىپ پەرزەنىتلىك بولۇپ ئاتا - ئانىسىنى خۇشال قىپتۇ ، ئۆز خىزمەت ئورىنلىرىدا ياخشى ئىشلەپ ئۆزيۇرتلىرىنى گۈللەندۈرۈپ خەلىق ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يۇرتنىڭ خەلىقنىڭ ياخشى پەرزەنتى ، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان كۈيۈمچان ئائىلە ئەزاسى بولۇپ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋىتىپتۇ ................
تامام ، سوغاق ئۆيۈمدە تىترەپ ئولتۇرۇپ يازدىم ،
مەزكۇر مەشىق ئەسىرىمنى موھەببەت يۇلىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ ئورىنسىز ئارتۇقچە ئازاپ تارتىۋاتقان ئىنى سىڭىللىرىمغا دوسىت ئاغىنىللىمىنىڭ بەختىگە ئاتاپ يىزىپ باقتىم ،
موھەببەتكە سادىق بولۇش ئىسىل خىسلەت ئەمما ................ رىئالىققا تەن بىرشىمىز كىرەك ، ھاياتلىقتا تاللاش يولى بىرلا ئەمەس ، بىز خەلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭ شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مىغىزىنى قوبول قىلىشىمىز كىرەك ،
مەنبە: ئىزدىنىش تورى