باغۋەننىڭ ئىشىكى داۋاملىق ئۆز تەقدىرىدىن زارلىنىدىكەن، ھەر كۈنى تاڭ ئاتماستىلا ئورنىدىن تۇرۇش، ئۇنىڭ جىنىغا تىگىدىكەن:
- ئىنساپ! دەيدىكەن، ئىشەك ئۆز ئۆزىگە: خوراز چىللىماستىنلا ماڭا ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ، بۇ يەتمىگەندەك يېراقتىكى بازارغا ئوت ئاپىرىمەن.
ئىشەككە ئىچ ئاغىرىتقان تەقدىر ئۇنىڭغا تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپتۇ، بۇ قېتىم ئىشەك بىر تېرىچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ، تېرىلەر ناھايىتى سېسىق پۇرايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرە ئوتتىن خىلىلا ئېغىر ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىشەك يەنە تەقدىرىدىن زارلىنىشقا باشلاپتۇ:
- ھەي....... دەپتۇ ئىشەك ئۆزى ئۆزىگە، مەن مۇشۇ ھالغان چۈشۈپ قالىدىغان ئىشەكمىدىم، بۇرۇن ھېچ بولمىسا بىشىمنى ئوقۇرغا تىقساملا ئاغزىمغا ئوت چىقاتتى، بەزىدە بەختىمگە يېسىۋىلەكمۇ چىقىپ قالاتتى، ھازىر ئوتمۇ يوق، يسىۋىلەكمۇ يوق، ئەگەر يېسەم تاياقلار يەيمەن.
تەقدىرنىڭ ئىشەككە يەنە ئىچى ئاغرىپتۇ، ئۇنى تېرىچىدىن ئېلىپ تۆمۈرچىگە بېرىپتۇ، بۇ قېتىم ئىشەكنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراپلىشىپتۇ، ۋە يەنە زارىلىنىشقا باشلاپتۇ، بۇ قېتىم تەقدىر ناھايىتى ئاچچىقلىنىپتۇ.
- تويدۇم ئەمدى بۇ ئىشەكتىن، پادىشاھلارغىمۇ ئىشەككە قىلغان يۈز خاتىرىنى قىلمىغان ئىدىم، مىنىڭ باشقا ئىشىم يوقمۇ، دۇنيادا دەرت تارتۋاتقان پەقەت بىرلا ئىشەكمۇ؟
تەقدىر ھەقلىق، چۈنكى كۆپىنچىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھالىمىزنى ياقتۇرمايمىز، خۇددى ئەڭ ئېغىر كۈلپەتكە بىز دۇچار بولغاندەك ئاغرىنىپ، قاخشاپلا كىتىمىز، ھالبۇكى بىزنىڭ ھالىمىزدىنمۇ بەتتەر ھالەتتە ياشاۋاتقان نې نې چىدامچان ئىنسانلار يوق ئەمەس، بىز پەقەتلا زارلىنىپ، قاخشاپ، ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىپلا يۈرىمىز...
شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ھالىمىزغا شۈكۈر قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويايلى.............
شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيدىغان بىر روھنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرەيلى...