باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 709 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسىدىن ھېكايەتلەر
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 469
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە469دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-27 16:12

ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسىدىن ھېكايەتلەر

 
ئۈچ بېلىقنىڭ ھېكايىسى


يولدىن چەت بىر جايدا بىر كۆل بار ئىكەن.يولدىن يىراق بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ كۆزى بۇ كۆلگە ئانچە چۈشمەيدىكەن.بۇ كۆلدە ئۈچ بېلىق بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ چوڭلىقى ۋە سېمىزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.بۇ ئۈچ بېلىقنىڭ بىرى مۇكەممەل ئاقىل،يەنە بىرى يېرىم ئاقىل،ئۈچۈنچىسى ئەقىلسىز جاھىل ئىكەن.بىر يىلى باھار مەزگىلىدە بۇ كۆلدىكى بېلىقلار ئىككى-ئۈچ بېلىقچىنىڭ نەزىرىنى تارتىپتۇ.ئۇلار بۇ كۆلدە بېلىق بارلىقىنى بىلىپ ئۆزئارا سۆزلىشىپ،ئەتىسى تور ئەكىلىپ بېلىقلارنى تۇتماقچى بولۇپ ۋەدىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ.بېلىقلار بۇ ئاپەت خەۋىرىدىن ۋاقىپ بولۇپ،كۆل ئىچىدە ھەسرەت ۋە غەم ئوتى بىلەن كۆيۈشكە باشلاپتۇ.كەچ كىرىپتۇ.ھېلىقى مۇكەممەل ئاقىل ___ۋەھىمىدىن ھۇشيارراق بېلىق جاپاكار زاماننىڭ كۈلپەتلىرى ۋە ئىككى يۈزلىمە پەلەكنىڭ مۇشەققەتلىرىنى كۆپ كۆرۈپ،نۇرغۇن تەجىربە ھاسىل قىلغاچقا،ئوۋچىلارنىڭ تورىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.دانالار ھەر ئىشقا قەدەم قويسا ئىش بىناسىنىڭ ئۇلىنى مەھكەم سالىدۇ،ئەقىلسىزلار ئىش بىناسى ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.مۇكەممەل ئاقىل قارىسا كۆلنىڭ بىر ئېرىقى بار بولۇپ،ئېرىق ئارقىلىق كەلگەن سۇ دەرياغا يېنىشما بولۇپ تۇرغانىكەن.قالغان ئىككى بېلىق پەرىشانلىق ۋە ئىزتىراپ بىلەن ئۆزىنى قىرغاقلارغا ئۇرۇپ تۇرۇۋېرىپتۇ.مۇكەممەل ئاقىل ئېرىق ئارقىلىق دەرياغا كېتىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپتۇ.تاڭ ئاتقاندا ئوۋچىلار كېلىپ ھېلىقى ئېرىقنى چىڭ باغلىۋېتىپتۇ.يېرىم ئاقىلنىڭ بىر ئاز ئەقىل-ھوشى بولسىمۇ تەجىربە كۆرمىگەن بولغاچقا،بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۆپ پۇشايمان يەپتۇ ۋە ئۆز-ئۆزىگە:«ۋاھ دەرىخا،غەپلەتتە قاپتىمەن.غاپىللارنىڭ ئىشى مانا شۇنداق بولىدىكەندە!مەنمۇ مۇكەممەل ئاقىلدەك بالا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆز غېمىمنى يىگەن بولسام،بۇ بالا تورىدىن قۇتۇلۇپ كەتمەسمىدىم.ئاقىللارنىڭ <تەدبىرنى ئىشتىن بۇرۇن قىلماق لازىم،ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەسرەت-نادامەت قىلچە پايدا بەرمەيدۇ>دېگىنى راست ئىكەن ئەمەسمۇ»دەپتۇ.ئۇ يەنە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ مۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈپتۇ:«ئەگەر پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بولساممۇ،لېكىن ھېيلە-مىكىر ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت بارغۇ.<بالا كەلگەندە تەدبىرمۇ ئارا تۇرالمايدۇ>دېيىلگەن بولسىمۇ،ئاقىل كىشى ئۆز ئىدراكىنىڭ مەنپەئىتىدىن ھېچ ۋاقىت نائۈمۈد بولماسلىقى كېرەك ۋە دۈشمەننىڭ يامانلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈشتە ھەرگىز تەخىر قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك.» ئۇشۇلارنى خىيال قىپتۇ-دە،ئۆزىنى ئۆلگەندەك قىلىپ كۆرسىتىپ قورسىقىنى ئاسمانغا قىلىپ،ئېرىقنىڭ باغلانغان يېرىگە يېقىن بېرىپ تۇرۇپتۇ.بېلىقچىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ «ئۆلگەن بېلىق ئوخشايدۇ» دەپ قولىغا ئېلىپ قىرغاققا تاشلاپتۇ.بېلىق ئىككى ئېغىناپلا ئۆزىنى ئېرىققا تاشلاپ،جېنىنى ساق-سالامەت قۇتقۇزۇپ دەرياغا بېرىۋاپتۇ.
ئەمما غەپلەتكە پاتقان ئەقىلسىز جاھىل ھەيران ۋە سەرسانلىق بىلەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە قېچىپ مۆكۈنۈپ بېقىپتۇ،تىپىرلاپ يوقۇرى-تۆۋەن چۆكۈپ يۈرگەن بولسىمۇ ئاخىرى ھېچ پايدا بەرمەي بېلىقچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپتۇ.
خۇلاسە:كىم ئىشنىڭ ئاخىرىسىنى كۆزلىمەيدىكەن،ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى كۆرمەس،ئەقلى ئىشلىمەس دېيىش كېرەك.ئەقىللىق ئادەملەر ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىش ئۈچۈن پەرياد چەكمەي،كەلگۈسى ئىشلار ئۈچۈن تەدبىر ئىزلەيدۇ.ئەقىلسىز ئادەملەر تۆنۈگۈن ئۈچۈن پەرياد چېكىپ،بۈگۈنكى پۇرسەتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ.


ئەقىللىق تۈلكىنىڭ قايغۇسى


بۇرۇنقى زاماندا مۇنداق بىر ئىش بولغان ئىكەن.
بىر كۈنى كىشىلەر قارىسا بىر تۈلكە بىر يىقىلىپ،بىر قوپۇپ،جان-جەھلى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقۇدەك.بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەردىن بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:
---ساڭا نىمە بولدى،نىمانچە قورقۇپ كەتتىڭ؟---دەپ سورىغانىكەن،ئۇ تۈلكە:
---ئاڭلىشىمچە،تۆگىلەرنى سەيسىگە تۇتۇۋاتقۇدەك،---دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ھەيران بولۇپ:
---ھوي پەس،تۆگە بىلەن سېنىڭ نېمە مۇناسىۋېتىڭ بار ۋە قانداق ئوخشاشلىقىڭ بولسۇن؟---دەپ سوراپتىكەن.ھېلىقى تۈلكە:
---ئوخشايدۇ،---دەپ جاۋاپ بېرىپ،---ئەگەر ھەسەتخورلار غەرەزلىك ھالدا مۇنۇ تۆگە دەپ مېنى كۆرسۈتۈپ قويسا،مەنمۇ قولغا چۈشۈپ قالىمەن،ئۇ چاغدا مېنىڭ ئەھۋالىمنى تەكشۇرۇشكە كىم كۆڭۈل بۆلۈپ،كىممۇ مېنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ؟ئىراقتىن تىرياق(زەھەر قايتۇرۇش دورىسى) ئېلىپ كەلگۈچە،يىلان چاققان ئادەم ئاللا بۇرۇن ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.


《ساندۇقتىن چىققان ۋەسىيەتنامە》


بۇرۇنقى زاماندا مۇنداق بىر ئىش بولغان ئىكەن.بىر دادىنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن.دادا بولغۇچى بالىلارغا بولغان مىھرىبانلىق سەۋەبلىك،ئالدىراپ-سالدىراپ بار بىساتىنى باللىرىغا ئۆلەشتۈرۇپ بېرىپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىنلا ئاتا ئەڭگۈشتەرنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپتۇ.بالىلار بىر-بىرىگە ئىتتىرشىپ دادىسغا قارىغىلى ئۇنىماپتۇ.بار ۋەسلىدىن ئايرىلغان دادا مۇھتاجلىق ۋە زارلىق ئىچىدە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.كېيىن ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.بالىلار يەنىلا دادىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالىماپتۇ.بىر كۈنى بۇ ئەھۋالنى ئۇققان يۇرت چوڭى بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ بوۋاينىڭ بالىلىرىنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىپ دادىسىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ.يۇرت چوڭى بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئويلاپ،كۆڭلىگە بىر ئەقىل پۈكۈپتۇ.بوۋاي بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن،ئوغوللىرىنى چاقىرتىپتۇ.ئوغۇللىرى كەلگەندىن كېيىن،بوۋاي يېنىدىن بىر ساندۇقچىنى ئېلىپ،يۈرت بېشىغا تاپشۇرۇپ:«مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالغان بىساتىم مۇشۇ ئىدى،كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن،قايسى بالام ۋاپادارلىق كۆرسەتسە،شۇنىڭغا كۆپرەك بىرەرسىلەر.قالغان گەپنى ۋەسىيەتنامىگە پۇتۇپ ساندۇققا سېلىپ قويدۇم» دەپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئوغۇللار دادىسىنىڭ يېنىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ،ھېلى بىرى مەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن،دېسە،ھېلى بىرى مەن ئېلىپ كېتىمەن،دەپ تالىشىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.شۇنداق قىلىپ بىرنەچچە ۋاخ ياخشى كۈتۈلگەن بوۋاي ئاخىرى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.پۇتۇن جامائەت ئۆلۈمگە يىغىلغان چاغدا،ھېلىقى يۈرت كاتتىسى جامائەتكە ئىلان قىلىپ ساندۇقنى ئېچىپتۇ.جامائەت ساندۇقتا ھىچقانداق خەزىنە يوق،پەقەت بىر پارچە خەت يېزىلغان قەغەز بارلىقىنى كۆرۈپتۇ.يۈرت كاتتىسى قەغەزدىكى خەتنى ئوقۇپتۇ:«كىمكى ئۆزى ھايات تۇرۇپ مال-مۈلۇكلىرىنى بالىلىرىغا مىراس قىلىپ بېرىۋەتسە ئۆزى خورلۇققا قالىدۇ».بۇنى ئاڭلىغان جامائەت ھېلىقى ۋاپاسىز بالىلارغا غەزەپ-نەپرەت بىلەن تىكىلىپتۇ.بالىلار ئەل-جامائەت ئارىسىدا نۇمۇسقا قاپتۇ.

مەنبە:يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابىدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 317
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
ئۆسۈش: 402 %
مۇنبەر پۇلى: 1171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2011-11-20

ھەقىقەتەن ياخشى ھىكايىلەر ئىكەن،ئادەم ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ئۈگىنىۋالسا كىيىن كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلاردىن ىالاس بۇلۇدۇ-دە يۇلى تېخىمۇ داغدام بۇلۇدۇ.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت