تاماق يىگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا:
ئەلھەمدۇ لىللاھىللەزىي ئەتئەمەنىي ھەزەتتەئەمە ۋەرەزەقەنىيھى مىن غەيرى ھەۋلىن مىننى ۋەلە قۇۋۋەت.
تەرجىمىسى: مېنىڭ چارەمسىز ۋە كۈچ- قۇدرىتىمسىز ماڭا بۇ تاماقنى بەرگەن اللە غا شۈكۈر.
تاماقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا:
ئەلھەمدۇ لىللاھىللەزىي ئەتئەمەنە ۋەسەقەنە ۋەجەئەلەنە مىنەل مۇسلىمين.
تەرجىمىسى: بىزنى ئوزۇقلاندۇرغان ، بىزگە ئۇسسۇزلۇق بەرگەن، بىزنى مۇسۇلمان جۈملىسىدىن
قىلغان اللەغا شۈكۈر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:< كىمكى تاماق يېيىشكە ئائىت دۇئانى ئوقۇسا،ئىلگىرى ۋە
كېيىنكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ>. دېگەن.
خالاغا كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا:
ئاللاھۇممە ئىننى ئەئۇۋزۇبىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبەئىس.
تەرجىمىسى: ئى اللە! ساڭا سېغىنىپ ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن.
خالادىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا:
غۇفرەنەكەلھەمدۇ لىللاھىللەزىي ئەزھەبە ئەننىلئەزە ۋەئەفەنىي .
تەرجىمىسى: اللە، سېنىڭ مەغفىرىتىڭنى تىلەيمەن، جىمى ھەمدۇسانا مەندىن زىيان- زەخمەتنى
كۆتۈرىۋەتكەن، مېنى سالامەت قىلغان اللە غا مەنسۈپ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام : بۇ دۇئانى خالاغا كىرگەندە ۋە چىققاندا ئوقۇيتتى.
ئوقۇرمەنلەر سەمىگە: ئەرەب تىلىنىڭ ئوقۇلۇشى بىزنىڭ ئوقۇلىشىمىزگەيېزىق جەھەتتىن بەك
تۇلۇق چۈشۈپ كەتمىگەچكە ،توغرا تۈزۈتۈپ ئوقىشىڭىزلارنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنبە:دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار دىن
مۇھەممەد سالىھ
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-16 13:16قايتا تەھرىرلەندى ]