ئۆكتەبىر دەم ئىلىش مەزگىلىدە بىر قانچە غۇلجىلىق ياش قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىپ، بىر نەچچە كۈن قەشقەرنىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك چۆگىلەپ چىقىپ، بىر كەچقۇرۇنلىغى ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىۋېتىپ ھەزىل پارىڭىنى يەنە باشلاپتۇ:
- بۇ قەشقەرلىكمۇ قىزىق خەق ئىكەن دەيمەن، دەپ گەپ باشلاپتۇ بىرى، _ بۇ قەشقەرلىك كېشىلەر 2 بارماق پاتمايدىغان يەرنى <<تۆشۈك دەرۋازا>> دېيىشىدىكەن؛ 1 پىيالە سىغمايدىغان يەرنى <<چوڭقۇر بازار>> دېيىشىدىكەن؛ توخۇ كاتىكىچىلىك، چايخانىنىڭ ئالدىنى <<ئوردا ئالدى>> دېيىشىدىكەن دېيىشىگە ھەممەيلەن شەرتلىك رېفلىكىسى بويىچە <<ۋەيت>> دەپ ئاشپۇزۇلنى بىر ئىلىپ كۈلۈشۈپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ياندىن جىمجىتقىنە ئاڭلاپ ئولتۇرغان توختىكاممۇ جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
_ شۇنداق، بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك نەرى بار. سىلەر غۇلجىلىقلارمۇ 2 ئېشەك ياندىشىپ ماڭالمايدىغان ساينى <<كەڭساي>> دېيىشىكەنسىلەر؛ قەغەز قولۋاق ئۈزگىدەك سۇيى يوق دەريانى <<سۇيى ئەلۋەك ئىلى دەرياسى>> دېيىشىدىكەنسىلەر؛ مەزى بېزى بولۇپ قالغان كېشىنىڭ كىچىك تەرىتىچىلىك سۇ چىقمايدىغان سازلىقنى <<بۇلاق مەھەللە>> دېيىشىدىكەنسىلەرغۇ.
مەنبە: توختى پاراڭلىرى
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ پەقەتلا بىر چاخچاق، مۇناسىۋەتلىك يۇرت ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىشى بېمەنىلىك.