باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1527 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سەبىينىڭ پىغانى !!
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-05-29 08:58

سەبىينىڭ پىغانى !!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-05-29)
تۆۋەندىكىسى نەقىل قىلىنغان مەزمۇن:
ئالدىنقى ھەپتە نەۋرە ئاچامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ،ئىككمىىز
تاماق خانىدا تۇغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەپ ئولتۇراتتۇق ،تۇيۇقسىز
ئاڭلانغان يىغا ئاۋازىدىن ،ئۈستەلدىكىلەر ھەمىمىز  بىر-بىرىمىزگە
سوئال نەزىرىدە  قاراشتۇق .
ئەسلىدە بىر ئايال بىر قىزنى ئۇرىۋاتقان ئىكەن ،قىز قارىماققا
يەتتە -سەككىز ياشلاردا ئىدى . ئايال قىزنى شۇنچىلىك قاتتىق ئۇردىكى ،
قىزنىڭ يۈزىگە تەگكەن تەستەكنىڭ ئاۋازى ھەممىمىزگە ئاڭلاندى ،
بىچچارە قىز ئاغرىققا چىدىماي ئىچىنىشلىق يىغلايىتتى ،ئاچچىقىمدا
يۈگۈرۈپ بىرىپ ئايالنى توسماقچى بولدۇم ،دەل شۇ چاغدا بىر ئايال :
-ئۇكام ئۇنى تۇسىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ،ئۇ بىچچارە ئۇنىڭ ئۆگەي قىزى ،
  ئۇ قىزنى ھەركۈنى سىرتلارغا بۇتۇلكا يىغقىلى بۇيرىيدۇ ،ئەگەر ئۇ بۇتۇلكىنى
 ئاز تېرىپ كەلسە ،تاياق يەيدۇ ،بىزمۇ ئايالغا كۆپ نەسىھەت قىلدۇق ،
ئەمما سوغوق مۇئامىلىگە ئۇچىردۇق .-دىدى .
خوشال كەيپىياتىمىز نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى ،ھىلىقى ئايالنىڭ
ئۆگەي قىزىنى دۈشكەللەپ مىڭىشلىرى كۆز ئالدىمغىلا كەلسە ،
 كۆڭلۈم ھازىرمۇ غەش بولىدۇ ...ئۆگەي بالىمۇ بالىغۇ ؟
ئۇ ئايالنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى باللىق چاغلىرىمدا تېلىۋىزۇردا
كۆرگەن <<كۈل قىز >> كارتۇن فىلىمىدىكى ئۆگەي ئانىغا ئوخشايىتتى ،
شۇ تاپتا كۆزلىرىم ئاچچىق ياشقا تولدى ،بىر تەرەپتىن ھىلىقى
بىچچارە قىزغا ھىسداشلىقىم قوزغالسا ،يەنە بىر تەرەپتىن باغرى
 تاش ئانىغا لەنەت ئوقودوم .
ئەتىراپىمىزدا بارلىقىدىن كېچىپ ،ئۆگەي  پەرزەنىتلىرگە
چىن -موھەببەت ئاتا قىلىۋاتقان ئانىلىرىمىز ئالدىدا ئۇلارنىڭ
 موبارەك نامىغا قارا سۈركەۋاتقان ھىلىقىدەك ئاياللارغا شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كەلدى :
<<ئەي تاش يۈرەك ئىنسان ،ئۆزۈڭنىڭ كىيىنلىكىن ئويلاپ قوي ،
قانداقلا بولسۇن سەن ئانىلىق شەرىپىگە خاتا بولسىمۇ ئېرىشكەن ئايال ،
ئاياللىق سۈپىتىڭ بىلەن قەدرىڭنى بىل ،باشقىلارنى قەدىرلەشنى بىل ،
ئاشۇ سەبى بالىنىڭ ئاھۇ-زارى ئاخىر بىر كۈن ياقاڭنى سىققاندا ،
قانداق جاۋاپ بېرىشنى ئويلا >>
ئەنە ،ھىلىقى ئايالنىڭ ئالدىدا بېشىنى تۆۋەن سالغۇنچە كۆزلىرىدىكى
 ئەلەملىك ياشلىرىنى سۈرتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي كىتىۋاتقان
 سەبى قىزچاق ، ئۇ شۇتاپتا نىمىنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟،ئانىسىنىمۇ ،؟
مەكتەپنىمۇ ..؟ ياكى ...
خەيرىيەت ئوماق قىز ،ئەمدى ئۇنداق تەمتىلمەي ، دادىل قەدەم ئال ،
بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى بار ...
<<قانونچىلىق گىزىتى>> <<شاراپەت قۇربان >>

    
باھالاش خاتىرىسى:
  • 铜币:+1(kangsay)
  • كەلگەن جايى: 新疆伊犁州伊宁市 چوققا
    ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 479
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە479دانە
    ئۆسۈش: 228 %
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-28
    ئاخىرقى: 2012-01-16

    ھەي، بۇنداق ئىشلار قىيامەت قايىم بولغاندا تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ.
    بۇنى ئوقۇپ بىئارام بولۇپ قالدىم..........سۇ ئايالمۇ تاياق يەپ باقسا بوپتىكەن ئېرىدىن