مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ماۋزېدوڭنىڭ " بىر چوشقا، بىر كىچىك ئوغۇت زاۋۇدى" دېگەن تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ھەممە كەنتلەردە چوشقا بېقىشنى يولغا قويغان. كۆپىنچە جايلاردا چوشقا بېقىش ۋەزىپىسىنى مەجبۇرىي ھالدا موللا، ئاخۇنۇملارغا يۈكلىگەنكەن. بىر مەھەللىنىڭ ئىمامىغا 4 چوشقا بېقىش ۋەزىپىسى تەقسىم بولۇپتۇ، ئىمامنىڭ كەڭ ھويلىسىنىڭ بىر تەرىپى چوشقا قوتىنى، يەنە بىر تەرىپى قوي قوتىنى ئىكەن. چوشقىلار ھايال ئۆتمەيلا كۈچۈكلەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر قويمۇ قوزىلاپ قاپتۇ. بىر كشنى چۈشتىن كېيىن ئىمامئاخۇنۇم پېشىندىن يېنىپ باراڭ ئاستىدا ئولتۇرسا ئوغلى رەڭگىدە قان يوق يۈگرەپ كىرىپ: "ۋاي دادا ! چاتاق بولدى، بەكلا چاتاق بولدى، تېز بېرىپ قاراپ بېقىڭ!" دەپ سۆزلەپلا كېتىپتۇ. ئىمامئاخۇنۇم جىددىيلىشىپ: "ۋاي زادى نېمە ئىش بولدى ئالدىرىماي سۆزلە، بىر يەرگە ئوت كەتمىگەندۇ؟" دەپ سوراپتىكەن ، بالىسى : "ئوتقۇ كەتمىدى، يېڭى تۇغۇلغان قوزىدىن بىرسى چىقىپ ئاپتاپتا ياتقان يېڭى كۈچۈكلىگەن چوشقىنى ئېمىۋالدى؟ ئەمدى قانداق قىلىمىز؟" دەپتۇ. ئىمامئاخۇنۇم تەمكىنلىك بىلەن: "ئەنسىرەپ كەتمە، شۇ قوزىغا بەلگە سېلىپ قوي، چوڭ بولسا يېزىمىزدىكى( ...................) سويۇپ بېرىمىز" دەپتۇ.