ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە(شئېر)
ئۆلۈم دېگەن پادىشاھ بىر كۈن ئىشىك قاقار،
خۇدا بىلەر ئۇ كۈنلەرگە خۇشيۇر باقار،
ئۇ ھەقىقەت كىمگە ياقماس كىمگەياقار،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
ياشلىغىڭدە ئاتا-ئاناڭ تۇتقان تۈگۈن،
يىشىلىشكە تەييارگەرلىك كۆرەر بۈگۈن،
ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىغىڭ يوقتۇر نېمە ئۈچۈن،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
پەيغەمبەرلەر كەتتىلەرۇ ئىبرەت يوقتۇر.
تاۋۇت تۇرار سەنگە ئىلھەق كۆڭلۆڭ توققۇر،
ھەممىگە بىر بىر ئېتىلغان ئىنىق ئوقتۇر.
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
ئاسمان پەلەك بىنالەر ھەم دەرىز كەتتىلەر،
ئەڭ چىرايلىق سەنەملەر ھەم قەرىز كەتتىلەر،
ۋە ھەممىسى بىرمەن زىلنى ئوي ئەتتىلەر.
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
بالاڭ يىغلاپ ساۋاق ئىستەر نان تۇتىسەن،
جاھىل ئۆسسە يىغلاپ تېخى قان يۇتىسەن،
ئېت نىمىنى شۇنچالا زار زار كۈتىسەن،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
نادان ئەسلى كىبىر بىلەن كۆكرەك كېرۇر،
ئىمانىنى پۈچەك دۇنياغا سېتىپ بىرۇر،
ئۆلمەي سەندەپ ئالدىغان شەيتان ئىدۇر،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
خاراپ ئەيلەپ گۈل بوستاننى گۈل ھاياتنى،
اللە تۇرۇپ دوست تۇتمىغىن ئۆزگە ياتنى،
ئۇنۇتمىغىن ئەڭ ئەزىلى تەرتىباتنى،
ئاتاڭ ئۆلدى ئاناڭ ئۆلدى نۆۋەت سەنگە،
مەنبە : مەرىپەت تورىدىن ....