باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 31257 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سالام جەنوبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 7
ئومۇمىي يازما: 335
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە335دانە
ئۆسۈش: 2364 %
مۇنبەر پۇلى: 5116 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-01-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-21 18:03

سالام جەنوبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-22)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم (ئىملا خاتالىقلىرىنى تەپسىلى تۈزۈتۈپ ئەۋەتتىم تەستىقلاپ قويىشالا  )
شۇنداق قىلىپ پەرزەنت ئىشقىدا خوتەنگە بارماق بولدۇم .ئايالىم بىلەن ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئالدى بىلەن ئۇددۇل خوتەنگە بېرىپ ئىشىمىزنى تۈگىتىدىغان ،ئاندىن جەنوبىي شىنجاڭنىڭ باشقا
شەھەرلىرىنى ساياھەت قىلغاچ كىتىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق .شۇ تاپتا قەلبىم ھاياجان ۋە شات خوراملىقتا ئىدى .ئۇرۇمچىگە بارغان كۈنىلا ئالدىراپ بىكەتكە بېرىپ ئۈچ يۇز ئاتمىش سومدىن يەتتە
يۈز يىگىرمە يۈەنگە بىلەت ئېلىۋاپتىمەن .كېيىن ئۇقسام بىكەت ئىچىگە كىرىپ بۇنىڭدىن جىق ئەرزان ئالغىلى بولىدىكەن ئايالىم ئەتىسى بىكەتتە بۇنى ئۇقۇپ قاقشاپلا كەتتى .ھاي!بولدى قىسلا خوتۇن
تۈنجى قەدەمنى خاتىرجەم ئالاي دىدىمغۇ ! تاسادىبىي ئىش چىقىپ قالسا بىلەت ئىسپات ! شۇم ئاغىزدىدى ئايالىم باتناپ .
12يېرىمدا (راست گەپنى قىلسام قۇمۇللۇقلار قۇمۇلدا ئومومەن بېيجىڭ ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ .لېكىن مەن ئەمدى مەجبورىي ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئىشلىتەي) ماڭىدىغان ئاپتۇبۇس ئىككى يېرىمدا ئاران يولغا چىقتى .
خېرىدار چاقىرىپ ھېرىپ كەتكەن شوپۇرلار ئەمدىلا ئۇف دەپ ئولتۇرۇپ ماڭغىلىۋاتسا يولوچىلار ئارسىدىن بىر <كادىر> چوكان غۇدۇراشقا باشلىدى .غۇدۇراش سەۋەبى بولسا ئاپتۇبۇسنىڭ ۋاقتىدا ماڭمىغانلىقى ئىكەن .
ئۇ ئايال كېلىماتىرىيە دەۋرىگە كېلىپ قالدىمۇ ئېيتاۋۇر شوپۇرلارنىڭ مىڭىسىنى توختىماي قۇچىغىلى تۇردى .مەن تۇنجى نۆۋەت خوتەنلىكنىڭ تاكالاشقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تاكالاشلىرى قىزىقارلىق
بىلىندى .كېيىن خوتەنگە بېرىپ تېخىمۇ بىلدىمكى خوتەنلىكلەر تاكالاشقاندا ئامال بار سەنلەشمەيدىكەن .بەلكى سىزلىشىپ تۇرۇپ تاكالىشىدىكەن .قارىغاندا خوتەنلىكلەر قۇمۇللۇقلاردىنمۇ سىلىق ئوخشايدۇ .ھاھاھاھ
گەچە شوپۇرنىڭ ۋاقىتنى سۈرۈشى مېنىڭ مەنپەتىمگە خىلاپ بولسىمۇ نىمىشقىكىن شوپۇرغا يان باسقۇم كەلدى .
قارىسام مەنلا ئەمەس ماشىنىدىكى ھەممىسى دۈگۈدەك ئۇ ئايالنى باسقىلى تۇرۇپتۇ .نىمە ئامال!!شوپۇرنىڭ كەيپىياتى موھىمدە .بولمىسا ئالىمادىس .....
بۇنداق ئۇزۇن ئاپتۇبۇس سەپىرى مەن بىلەن ئايالىمغا تۈنجى نۆۋەت ئىدى .شۇڭا نەچچە سائەت بولا بولمايلا ئايالىمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقىلى تۇردى مېنىڭ زىرىكىشچىلىكتىن قوشمام تۈرۈلگىلى تۇردى .
ئۇف! كىشىنى بىزار قىلىدىغان سايلىقلار .مەن ئىگىرى سۆيۈملۈك قۇم بارخانلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئارسىدىكى بوستانلىقلارنى تاماشا قىلغاچ ماڭسام چوقۇم زىرىكمەيمەن دەپ ئويلىغان لېكىن بايىنغۇلۇن ئوبلاستى
تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان چۆل سەپىرى ماڭا ئاپتۇبۇس سەپىرىگە <ھۆ> دىگۈزىۋەتتى .
شۇ <جاپالار>نى تارتىپ ئاخىرى خوتەن دىيارىغىمۇ كېلىۋالدىم .باشقىلار ماڭا خوتەندە ئۇزۇن تۇرما .تۇرغانغا تويىسەن ،تاماقلىرى ئەرزان ئادەملىرى ياخشى بولغان بىلەن توپا يېغىپ تويغۇزىۋېتىدۇ .دىگەنتى .
لېكىن مەن خوتەنگە چۇشۇپلا ئىللىق ئاپتاپنى ۋە نەمخوش ھاۋانى ھىس قىلدىم .بىلدىمكى خوتەندە بۇ نەچچە كۈنلەردە يامغۇر يېشىن يېغىپ تۇرغان ئىدى .ھاۋامۇ تېخى بۈگۈنلا ئازراق ئېچىلغانلىقىنى بىر يولوچىنىڭ
ھەمراسىدىن بىلدىم .ئاڭلىسام جەنوبىي شىنجاڭدا مۇشۇ نەچچە كۈنلەردە دەششەت يامغۇرلار ياغىدىكەن .خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت .تەۋەككۈل دەپ چىقتۇق تەۋەككۈل دەپ قايتىمىز .
كىچىكىپ ماڭغان ئاپتۇبۇس چۈشلۈك تاماقنى يەۋىلىشقا ئۇنىماي شۇ ماڭغىنىچە خوتەنگە كەلگەچكە قوساقلار كوكىراپ ئايالىمنىڭ بېشى ئايلىنىپ قالغىلى باشلىدى .يولوچىلار ئىچىدىكى خوتەنلىك يولوچىلاردىن <بۈيۈك> نامىنى ئاڭلىغان ھەشەمەتلىك مەلۇم بىر مېھمانخانىغا بارماق بولۇپ تاكسى توسىدىم . تاكسىچى ناھايىتى ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن بىزنى مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قويدى .ھەمدە بىزنىڭ قۇمۇلدىن كەلگىنىمىزنى بىلىپ ئۆزىنىڭ بىر
قۇمۇللۇقنى كۈتىۋالغانلىقىدىن خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.قارىسام تاكسىچىمۇ ئىتىقاتلىق پاكىزە بالىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئىسىم كارتىسىنى ئېلىۋېلىپ مېھمانخانىغا كىردىم .
--ئۆلچەملىك قوش كارۋاتلىق ياتاق نەچچە پۇل ؟
-168 سوم .
نىمە ؟100 سوم دەپ ئاڭلىغانغۇ مەن ؟
جىم .
--سىزدىن سسورۋاتىمەن
يەنە جىم .ئۇ ئايال باشقا بىر تونۇشى بىلەن پاراڭ سېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى .بىزگە كارى بولىدىغان چولىسى يوق ئىدى شۇڭا ئايالىم غەزەپتىن يېرىلىپ كىتەي دىدى .لېكىن ئىپادىلەشكە ئامالسىز .بۇ دىگەن ياتنىڭ شەھىرىدە .
خوتەنلىكلەردىن بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچىرايمەن دەپ ئويلىماپتىمەن .بەلكىم ئۇلار مۇھىم ئىش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتقاندۇ .بەلكىم 100 سوملۇق ياتاق يوقتۇ .دەپ ئايالىمنى ۋە ئۆزەمنى بەزلەپ
يېنىپ چىقتىم .قېرىشقاندەك ئايالىمنىڭ بېشى قېيىپ ماڭغۇدەك ھالى قالمىغانتى .
--تۇرۇپ تۇرسلا مەن ئەتراپقا قاراپ باقاي .دىدىمدە باشقا مۇھىتى ياخشىراق ئەرزانراق ياتاق ئىزدەشكە چاپتىم .ئۇدۇلدا بىر سىچۇنلىكنىڭ مېچمانخانىسى باركەن .لېكىن ئىسسىق سۈيى كەچ بولغاندا ئاندىن بىرىلىدىكەن .مەن ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ شەھىرى بولغاندىكىن 100 كويغا ھەم ئەرزان ھەم پاكىز نوچى ياتاق ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ ياتىقىدا ياتىمەن دىگەن ئىستەك بار ئىدى.
شۇڭا ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم .ئەتراپنى ئىستەۋاتىمەن .قوساق كوكىراۋاتىدۇ .نە بىر مېھمانخانە كۆرۈنمەيدۇ .تەۋەككۈل دەپ شەرىق تەرەپكە بىر مېڭىپباقاي .....<ساغلاملىق مېھمانخانىسى> كۆزۈمگە خۇددى ئالتۇن رەڭ جۇلالىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى . دەرۋازىدىن كىرسەم مېھمانخانىنىڭ قىبلە تەرىپىدە بىر ئۇيغۇرلار دېسكوخانىسى بار ئىكەن .دېسكوخانا ئالدىدا <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >دەپ يوغان خەت باركەن .
ھاھاھاھاھا..قاقاقلاپ كۈلىۋاتتىم بۇنى كۆرۈپ..... تۇغۇلۇپ مۇشۇ چاققىچە دېسكوخانىلارنىڭ ئالدىدا ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دىگەن خەتنى كۆرمىگەن .قارىغاندا جەنوپتا خېلى ئىشلارنى كۆرىدىكەنمەن .دىدىم ئىچىمدە ..مېھمانخانىغا كىرسەم بۇمۇ بىر خەنزۇنىڭ مېھمانخانىسىكەن .لېكىن كۈتكۈچىلەر ۋە غوجىدارلار ئۇيغۇرلاركەن .ھەم 100 سوملۇق ياتاق ھەم ئازادە ھەم ئىسسىق سۈيىمۇ بەلەنكەن .ھەي بولدىلا مۇشۇ يەر قونالغۇم ئوخشايدۇ .
رەسمىيەتلەرنى ئۆتىۋېتىپ خوتۇنجاننىڭ يېنىغا ئوقتەك چاپتىم .ئاجىزەم يولۇمغا قاراپ كۆزىگە ياش كىلەي دەپ قاپتۇ .خوش خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بار يۈكنى ئۈشنەمگە ئارتىپ ماڭدىم .
مانا قاقشاپ يۈرۈپ ياتاققىمۇ ئورۇنلىشىۋالدۇق .ئايالىم ياتاققا كىرىپلا ئابايىقى قوساق ئاچلىقى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتكەندەك يوتقانغا ئۆزىنى ئاتتى .مەنمۇ بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇپ ئارام ئالغاندىن كېيىن تازلىق قىلىۋېلىپ ناماز شامغا تاھارەت ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم .تەلىيىمگە مېھمانخانىنىڭ يان ئۇدۇلىسىدىكى تۆت كوچىنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىر مەسچىت بار ئىكەن .مەقسىتىم ناماز ئوقۇغاچ تېڭتىڭلاپ ئەتراپ بىلەن تونۇشۇش ۋە بىرەر ئاشخانا تېپىش ئىدى .ئاشخانىغۇ مېھمانخانىنىڭ يېنىدا باركەن .بىزىلىشى كۆركەم بولسىمۇ لېكىن ئاسراشقا قەتئىي ئەھمىيەت بەرمەپتۇ .پول ئۈستى ۋە ئۈستەللەرنىڭ تازلىقىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسكەن .
لېكىن خۇداغا شۈكرى .تاماق مەسىلەممۇ مۇشۇ ئاشخانىدا ھەل بولىدىغان بولدى .ياتاققا چىقىپ ئايالىمنى ئۇيغاتتىم ھەمدە ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئاشخانىغا ئېچىقتىم .بىر قاچا سۈيۈق ئاش ئايالىمنىڭ ئۇيقا باسقان
يۈزىگە قان يۈرگۈزۈپ تەبەسسۇم جىلۋىلەندى .
ناماز خۇپتەنگە مەسچىتكە چىقىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ خۇپتەن نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇدۇمدە ئۇخلاپ قالدىم .
بىزنىڭ خوتەندىكى مەنزىلىمىز داڭلىق تىۋىپ ئابدۇللا مەخموت ھاجى ئىدى .ئەتىسى تەييارلىقلىرىمىزنى قىلىپ كىشىلەردىن سوراپ ئالاھىزەل بىر سائەتلەرلەردە بۇ زاتنىڭ قوروسىغا بېرىۋالدۇق .
بىزنىڭ قومۇلدىن بۇ زاتنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگىنىمىزنى بىلگەن ئابدۇللا مەخموت ھاجى ھاياجانلىنىپ قوللىرىمنى سىقىپ قويدى.ھەمدە مەقسىتىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن .
--ئاللاھ تائالا شۇنچىلىك قۇدرەتلىككى ھەتتا 100 ياشلىق مومايغىمۇ تۇغۇدىغان سەۋەپ ئاتا قىلغان .گەپ ئاشۇ سەۋەپنى قانداق تېپىشتا .خۇدا خالىسا سىلەرنىڭ مۇشۇ سەپىرىڭلەرنىڭ ئەجىرى بىلەن پەرزەنت بىرىپ
قېلىشى مۇمكىن .سىلەر ئاساسەن ساغلامكەنسىلەر .تۇغماس چىقىدىغانلارمۇ ئاز ساندا چىقىپ قالدۇ .شۇنداق چىقىپ قالسا مەن چىرايلىق گەپ قىلىپ يىشۆيۈەنگە يولغا سېلىپ قوياتتىم .لېكىن ئاللاھ نىسىپ قىلسا سىز تۇغۇسىز .مەن سىزگە ئۆزۈم تەييارلىغان <تۇغۇت شەربىتى> ۋە ئازراق دورا بۇيرۇپ بىرەي .مۇشۇلارنى يىسىڭىز نەتىجە چىقىدۇ .
ئابدۇللا مەخموت ھاجىغا مەنمۇ تومۇرۇمنى تۇتقۇزۇپ كومپىيوتورنىڭ تەسىرىدىن ئازراق سوۋۇپ قالغان خىلىتلىرىمنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئازراق ئىسسىققا مايىل دورىلارنى بۇيرۇتتۇم .
ئۇلار ھەقىقەتەن مېھماندوس ئىكەن .بىز گەرچە ناتونۇش بولساقمۇ ياندىكى ئۆيگە داستىخان سېلىپ ئۈلگىرگەنتى .بىز پىشىم نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپ ،داستىخانغا ئازراق داخىل بولغاندىن كېيىن دورىلىرىمنى ۋە ئايالىمنى بىر ئۈچ چاقلىق موتوغا بېسىپ ،بوۋايدىن دۇئا ئېلىپ مال توشۇش ئورنىغا قاراپ ماڭدۇق .مەقسىتىمىز دورىلارنى قۇمۇلغا سېلىۋېتىپ ئاندىن جەنوبىي شىنجاڭنى ئازادە بىر ئايلىنىپ بولۇپ يۇرتقا قايتىپ دورىلارنى
رەسمىي يىيىش ئىدى .شۇنىڭ بىلەن دورىلارنى قۇمۇلغا سېلىۋەتتىم . يەنە ئۈچ كۈنلۈك خوتەندىكى ساياھىتىمىز باشلاندى .شۇ كۈنى ياڭاق پادىشاسىنى كۆردۈق ھەم ئايالىمغا ياڭاق پادىشاسىنىڭ ئۈستىدە غازاڭدىن ئېشىپ قالغان ياڭاقتىن تۆت تال تېپىپ بەردىم .ئەنجۇر پادىشاسىغا بېرىپ ،مىڭ يىللىق ئەنجۈرنى تاماششا قىلدۇق .لېكىن چاتاق بىر ئىش بۇ باغنى ھارام ئىچىملىكتىن ساقىت قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىلمىگەن ئىكەن .ئارقا ھويلىلاردا ۋە بۇلۇڭلاردا ھاراقنىڭ بوتولكىلىرى ئۇچىراپ تۇردى .ئايالىمنىڭ ئەنجۇر پادىشانىڭ مىۋىسىدىن يىگۈسى كېلىپ كەتكەن ئىدى .شۇڭا مەن بېرىپلا بىرنى ئۈزدۈم .20 يۈەن كىرىش بېلىتى تۆلىگەندىكىن بىرەر تال ئۇزۇپ يەپ قويسام ھېچنىمە بولماس .بۇ ئەنجۈر مىڭ يىللىق بولغاچقىمۇ تەمى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىدى ....بىز يۇرۇڭقاشقا چىقتۇق .تاش تېرىپ باقتۇق ...خوتەن شەھەر ئىچىنى ئايلاندۇق ...كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولدۇق ..


ئايالىم بىلەن ئىككىمىز بۇ ئۈچ كۈننى قانداق ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەيلا قالدۇق .چۇنكى بىزگە خوتەننىڭ ھاۋاسى ھەمدە ئادەملىرى يېقىپ قالغانتى .خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل ۋە ساددا ئىكەن .
قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تارىختا مۇڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسىغا كۆپ ئۇچىرىغان ۋە دىن ئۇرۇشلىرى ئەڭ كۆپ
بولغان جاي بولغاچقا غەرىپ كىشىلىرى بىلەن شەرىق كىشىلىرىنىڭ ئارلاشما ئىرقى ئىپىدىلەنگەن جاي .بۇ يەردە سىز گازىر كۆزلۈكنىمۇ ،مۇڭغۇل چىراينىمۇ ،ئاڭ پىشماڭ كۆك كۆزنىمۇ .سېرىق چاچ تۈلكى چىراينىمۇ .ۋە ياكى بىر زات ئاكامدەك پاينەكباش تۈكلۈك بەدەنلەرنىمۇ كۆرەلەيسىز .قىسقىسى
قۇمۇلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۇراقلىق چىراي يوق .
لېكىن خوتەن باشقىچە ئىكەن .خوتەنلىكلەر قارا قاش كاڭ پىشانە ئەرلىرى بەستىلىك بولمىسۇمۇ چىرايلىق بۇغداي
ئۆڭ ،ئاياللىرى تېرىسى تىگىدىن سۈزۈك چىرايلىق كىلىدىكەن .مەن بۇ يەردە ئاساسەن سەت ئادەمنى كۆرمىدىم.
شۇنىڭ بىلەن خوتەندىكى تۆت كۈنىمىز ھەش پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .ئايالىم بىلەن ئىككىمىز بۇ يەرگە
مېھرىمىز چۈشۈپ قالغانتى .چۇنكى نەگىلا قارىسا ئۇيغۇر ،ساپ ھاۋا ،ئەرزان تاماق ،ئاقكۆڭۈل خۇشچاقچاق
ساددا ئىتىقاتلىق كىشىلەر .بۇلار بىز ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك ئىدى .بۇلار خوتەننىڭ ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان قەدىرلىك نەرسىلىرى ئىدى .
ئەمدىكى مەنزىلىمىز قەشقەر ،ئەزىزانە قەشقەر ،ئىسلام ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۆشىكى .سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئارسلانخان
ئابدۇقادىر داموللام ،،مەخموت قەشقىرى،يەسۈپ خاس ھاجىپ ئاتىلىرىمىز باغاشلىغان ئەزىز تۇپراق .

خوتەن دىيارىدىن ئايرىلدۇق.كۆزىمىز كەينىمىزدە قالدى .بۇ يەرگە يەنە قاچان كىلىمىز ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت .يەنە كەلگەندە قانداق ئۆزگىرىش بولۇپ كىتەر ؟يولدا كىلىۋېتىپ خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ پۈتىشىگە ئاز
قالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .بۇ خوتەن ئۇيغۇرلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ .قاتناش ئەرزانلىشىدۇ.مال تىرانسىپورتى ئاسانلىشىدۇ......لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىتقات، ئىدىلوگىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە زور خىرىسقا دۇچ كىلىدۇ .لېكىن مەن خوتەنگە بېرىپ خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تاشقا مەدەنىيەتنى ئۇنداق ئاسان قۇبۇل قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم بولۇپمۇ تىل ئۇنداق ئاسان شالغۇرلىشىپ
كەتمەيدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرىدىكى خاسلىق ۋە ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇشى ئۇلارنى ھەرقانداق بوران چاپقۇنغا زور قارشىلىق پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز .ئاللاھ خوتەن خەلقىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ئامىن !
خەيىر خوش خوتەن .
ماشىنا ماڭغىلى خېلى ۋاق بولدى .مەن بىلەن ئايالىم خۇددى بىر نەرسىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك جىمىپ كەتتۇق .بۇ جىمىش ھەرگىز زىركىشچىلىكتىن ئەمەس .ئېشىنىڭلاركى بۇ ھىسياتىم ھەرگىز يېزىش ئۈچۈنلا يېزىپ
قويغان ھىسيات ئەمەس .
شۇنداق قىلىپ ئەتراپىمدىكى يولوچىلار بىلەن خوتەندە كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ ،يۇرتۇمدىكى قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىشىپ ،يەنە يولدا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ يولسىز رىيازىتىنى چىكىپ (ئەسلى بۇ ئىش مېنىڭ گاڭگۇملىغىمدىن ھەل بولغانتى ،لېكىن مەلۇم ساۋەپ تۈپەيلى تەپسىلى يازماسلىقنى قارار قىلدىم )ئاخىرى قەشقەر دىيارىغا كېلىۋالدۇق .قەشقەر شەھىرى يىراقتىن ماڭا مەن تەسەۋۇر قىلغاندەك ئىگىز قۇببىلىك مىللىچە ئەنئەنىدىكى ھەيۋەت بىنا لار ،قەۋەت قەۋەت ئەگرى توقاي سېلىنغان كەپىلىك ئۆيلەر توپى بولۇپ كۆرۈنمىدى .بەلكى يىراقتىن بىر يېپ يېڭى پارنىك مەدەنىيىتىنىڭ سىماسى بولمىش بىنالار توپى كۆرۈندى .ماشىنا قەشقەر دىيارىغا كىرىدىغان يەردە بىر دەريانى كۆردۈم ،بۇ دەريانىڭ ياقىسىدا بىر توپ چىرايلىق لاھىلەنگەن بىنالار توپىنى كۆردۈم .بىز كەچ سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى10 لار بىلەن كىرگەچكە چىراقلار يېقىلىپ بولغان چاغ ئىدى .
قارىسام بۇ يېڭىدىن لاھىلەنگەن بىنالارنىڭ ئاساسەن بىرەرسىنىڭمۇ چىرىغى يونۇق ئەمەس ئىدى .بەلكى ھويلىدىكى چىرايلىق بىنەپشە نۇرلۇق كەچكى چىراقلار يېقىقلىق ئىدى .مەن ئەتراپىمدىكى قەشقەرلىكلەردىن
بۇ نە دەپ سورىسام بۇ ئىچكىرىدىن شىنجاڭنى گۈللەندۈرگۈلى كەلگەنلەرگە سالغان بىنا .ئۇلار جاپا تارتىدۇ ئەمەسمۇ دىدى .مەن چۈشەندىم .توغرا ئۇلار قەشقەرگە كىلىپ جىق رىيازەت چىكىدۇ .شۇڭا ئۇلارغا ئىسىل
موھىت ،ئازادە ئۆي ،خاتىرجەم تۇرۇمۇش ھەدىيە قىلىشىمىز كىرەك ............................................


قەشقەرلىك يولوچىلار ماڭا دەپ بەرگەن ھېيىتكاھ مەسچىتىنىڭ شەرقى شىمال تەرىپىدىكى مېھمانخانىغا(ئىسمىنى ئۇنتۇپتىمەن) كىردىم .خوجايىن ئىنتايىن ئىللىق چىراي قارشى ئالدى .ھەمدە مېھمانخانىدا ياتاق تۈگەپ
كەتكەنلىكىنى لېكىن مېنىڭ ئەنسىرمەسلىگىمنى يولنىڭ ئۇ قاسنىقىدىكى مېھمانخانىغا ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرغانلىقىنى دىسە باھادا ئېتىبار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى .مەن يولنىڭ ئۇ قاسنىقىدىكى
مېھمانخانىغا كىرسەم بىر ئۆلچەملىك ياتاق 120 سوم ئىكەن مەن ھاۋالىنى مېھمانخانىنىڭ خوجايىنىغا دىسەم ئۇ ماڭا 100 سومغا بىرىدىغان بولدى .مەن كىلىپلا ياتاق مەسىلەمنىڭ بۇنچە تىز
ھەل بولغانلىقىدىن خوشال بولدۇم .ھەم مېنى بۇ يەرگە تونۇشتۇرۇپ قويغان خوجايىنغا بەرىكەتلەر تىلىدىم .
ئەتىسى بىز ئالدى بىلەن ھېيىتكاھقا كىردۇق .بۈگۈن ھاۋا سوۋۇپ يامغۇر ياغىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولغاچقا ،ھېيىتكاھنىڭ ئالدىدا ساياھەتچىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى .ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ھېيىتكاھنى تاماشا
قىلغاچ رەسىمگە چۇشتۇق .رەسىمدە ھېيىتكاھ كىچىكلا كۆرۈنگەنتى دەرۋازىدىن كىرسەم كەينىدە چوڭ ھويلا باركەن ھەم ناھايىتى كەم ئۇچىرايدىغان ئۇسلۇپتا سېلىنغانكەن .مەن مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىككى رەكەت مەسچىت ھەققى نامىزى ئۆتىدىم .سىرتقا چىقسام بىر نەچچە چەتئەللىك رەسىمگە چۈشىۋېتىپتۇ .تاسادىپى بىر پۇرسەت بىلەن بىر دارازا بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم .ئۇ دارازا سەئۇدىدىن كەلگەنكەن .ئەرەپچى پۇراپ تۇرۇدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىكەن .ئۆزىنىڭ ئەرەبىستانلىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى .لېكىن تەلەپپۇزى بەك سوغۇق ھەم چوڭچى ئىدى .بەلكىم ئۇ نۇرغۇن پۇلدار ئادەم ۋە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغاندۇ .
بىز پاراڭلىشىۋاتقاندا ھەمراھلىرى ئۇنى چاقىرىۋالدى ھەم خوش دەپلا كىتىپ قالدى .





بىز بۇ يەردىن يېنىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا باردۇق .بىر خۇش پىچىم چۈشەندۇرگۈچى قىز بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى .كىرىش بېلىتىنى تۆلەپ بولۇپ يەنە بىزدىن كېيىن كىرگەن ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە
ئۇنىڭ چۈشەندۇرۇشلىرىنى ئاڭلىدۇق .بۇ قىز ئىنتايىن كەسىپكە پۇختا قىز بولۇپ ،بىز رازى بولغۇدەك چۇشۈندۇرۈپ قويدى .مانا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىنى كۆردۈم قەبرى ئارقىسىدىكى
مۇدەرىسخانىنى كۆردۈم ،ماڭا ئەڭ تەسىر قىلدىغىنى مۇدەرىسخانىنىڭ بۇ ئۇچىدىن گەپ قىلسا ئۇ ئۇچىغىچە ياڭراپ تۇردىغىنى ھەمدە قۇرلۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك .ئەجداتلىرىمىز قاتارلاشقان گۈمبەز ئۆگىزىنىڭ
ئاۋازنى ياڭرىتىپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپىنى بۇرۇنلا ئىگىلەپ مىكرافۇن يوق بولغان شۇ چاغلاردا دەرسخانىلارنىڭ قۇرلىشىغا ئاللىقاچان ئىشلەتكەن ئىكەن .
بىز يەنە قەبرە بار گۈمبەزگە كىردۇق .قۇتاتقۇ بىلىكنىڭ تۈرۈكچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىدىن ئۇزۇندىلەر تاملارغا ئويۇقلۇق ئىدى .بۇ ھېكمەتلەر بىر بىرسىدىن پاساھەتلىك ھەم كىشىلىك تۇرمۇشقا يېقىن ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز ئۈنچىلەر ئىدى .مەن ھەر بىر تەۋەرۇككە تويماي تويماي قارىدىم ،كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياش كەلگىنىنى تۇيماي سىلاپ تۇرۇپتىمەن .
تۇيۇقسىز ئىشىكتىن بىر قاپ قارا ساقاللىق سالا مىللىتى كىشىسى كىردى ئەسلى بىزگە سالام بەرمەكچى ئىدى لېكىن بىزنىڭ كەينىمىزدىن كىرگەن زىيالى سۇپەت ساياھەتچى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى .مەن
تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشتۇم .ئۇ سالامدىن كېيىن ئۇدۇل بېرىپ قەبرە ئالدىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ئۇلۇق تىىنىپ دۇئاغا قول كۆتەردى .ئۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئا قىلدى .دۇئا قىلىپ بولۇپ قەبرىنىڭ
ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى .ئۇ تويماي تۇرۇسلارغا ھەر بىر جۈملە خەتلەرگە قارايتتى .ئۇ يەنە قايتىپ كىلىپ قايتىدىن دۇئا قىلدى .قەبرا توپىلىرىنى كۆزىگە سۈركىدى .مەن ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن بىر تونۇشاي دىگەن ئىستەك باتتى لېكىن چۈشەندۈرگۈچى بىزنى يەنە باشقا يەرلەرنى چۈشەندۈردىغانغا ئېلىپ ماڭدى .بۇ چاغدا ئۇ يەنە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ بولغان ئىدى .بىز سىرىتنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن قارىسام ئۇ ئاللىقاچان كەتكەن ئىدى .
ئەھۋالدىن قارىغاندا يۈسۈپخان ھاجىپ بوۋىمىزنى بىزلا ئەمەس سالا قاتارلىق جوڭگو تۈرۈكلىرىمۇ تۇتىيا دەپ قارايدىكەن .پۇرسەت بولسا ئۇقۇمۇشلۇق بىرەر سالا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپقا نىسبەتەن
تونۇشىنى بىلىپ باققۇم با .........
ئۇ يەردىن يېنىپ بىز قەشقەر شەھەر ئىچىنى ئايلاندۇق .ھېيىتكا مەسچىتىنىڭ جەنوبىدىكى بىر ھەشەمەتلىك رېستۇراندا مىزىلىك چۈشلۈك تاماق يىدۇق .تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ياتاققا يېنىپ كىرىپ ناماز ئۆتەپ ئازراق ئۇخلىدۇق .ئاندىن يەنە شەھەر ئىچىنى ئايلاندۇق .ھېيىتكاھنىڭ كەينىدىكى ھۈنەرۋەنلەرنى كۆردۈق .لېكىن مەن تەپسىلى بېرىپ كۆرەلمىدىم .چۇنكى ھاۋا بەك سوۋۇپ كېتىۋاتاتتى .مەزلۇمۇم سوغۇقتىن ئازراق تىترەۋاتاتتى .
بىز ناماز ئەسىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىر كىشىدىن ئارسلانخان قەبرىسمۇ قەشقەردە ئىكەنلىكىنى .قەبرىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن قۇرلۇشلار سېلىنغانلىقىنى دەپ بەردى بىر تاكسى بىلەن 7 سومغا دىيىشىپ ئارسلانخان
قەبرىسىنىڭ ئالدىغا باردۇق .قەبرىگاھلىقنىڭ ئالدىدا بىر مەسچىت بار ئىدى .ئارسلانخان مەقبەرىسىگە ئۆتىدىغان دارۋازىغا يوغان قۇلۇپ سېلىنغان ئىكەن .قۇلۇپ داتلىشىپ كىتىپتۇ بىز ئامالسىز ناماز شامنى ساقلىدۇق .بىر چاغدا بىر بوۋاي بىلەن بىر يىگىت كەلدى .قولىدا بىر توخو بار ئىدى .ئۇلار مەسچىت ھويلىسىغا كىرىپ ،مەسچىت ھويلىسىنىڭ ئالدىدىكى كونا كىچىك گۈمبەزنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئۇنى بۇنى ئوقىدى ھەمدە توخونى بوغۇزلاپ ،مەسچىت ئىشىكىگە ئېسىپ قويۇپ ماڭدى .مەن بۇنىڭ نىمە قائىدە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم .مانا ناماز شاممۇ بولدى لېكىن مەسچىتكە بىرمۇ ئادەم كەلمىدى .لېكىن يولدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆتۈپ كىچىپ تۇراتتى .بەزىلىرى توپ توپ بولۇشقان مەس ياشلار ئىدى .ئارىسلانخان توغرىسىدىكى ھېكايىنىڭ تولۇقىنى مەن قەشقەرلىك ئىزدىنىشداشلارغا ھاۋالە قىلاي .ئىشقىلىپ بۇ قەھرىماننىڭ رىۋايىتى كىشىنىڭ يۈرەكلىرىنى تىتىرىتىدۇ .قەشقەرلىكلەر ئەسلى بېشىغا ئېلىپ كۆتىرىشكە تىگىشلىك ئىكەن .ئەپسوس ...يوغان دات باسقان قۇلۇپ ...جامائەت يوق مەسچىت ..........مەس ئەلەس ياشلار .........
شۇ ئەسنادا ئىككى ئادەم ناماز ئۆتىگىلى كەلدى .بىز چاپانلىرىمىزنى يەرگە قويۇپ ناماز ئۆتىۋالدۇق .شۇ كۈنى بىزنىڭ پىلانىمىزدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەبرىگاھىغا بارماقچى ئىدۇق .لېكىن كەچ بولۇپ كەتكەچكە
بارالماي قالدۇق .
ئەتىكى مەنزىل مەخموت قەشقىرى مازىرى .

شىنجاڭدىكى ھەرقانداق ئۇيغۇر مەخموت قەشقىرى مەقبەرىسىنى كۆرگىسى كىلەر .مانا مەن شۇ يەرنى كۆرگىلى ماڭدىم .تۆت ئادەم بىر تاكسىنى ئون يۈگەنگە بولىدۇقتە توققوزاققا قاراپ ماڭدۇق .
تاكسىچى يىگىت توققوزاقلىق بولۇپ بىزگە يول بويى چۈشەندۇرۇپ ماڭدى .مەنزىلگە بارغىچە ئۇنىڭ ئاغزىدىن مەخموت قەشقىرى توغرىسىدىكى مەن ئاڭلاپ باقمىغان مەلۇماتلارغا خېلى پىشىپ قالدىم .
مەقبەرىگە كەلگەندە ناماز پىشىمگە يېرىم سائاتچە قالغان ئىدى .تاكسىدىن چۇشتۇمدە بىلەتنى ئېلىپ ئۇدۇل دەرۋازا يېنىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ بارار جايىغا كىرىپ تەرەت ئېلىۋالدىم .(ھېلىمۇ تەرەت ئېلىۋاپتىكەنمەن)
مەقبەرە بىر مۆجىزىلىك تاغنىڭ باغرىدا بولۇپ ئىچى بۆك باراقسان تىرەكلەر بىلەن قاپلانغان ئىدى .بىر ھازا ئۇدۇل ئۆرلىگەندىن كېيىن تۆپىلىككە سېلىنغان بىر مەسچىت كۆرۈندى .مەن ئايالىمنى سىرتتا ساقلىتىپ
مەسچىت ئىچىگە كىرىپ ئىككى رەكەت مەسچىت ھەققى نامىزىنى ئوقۇپ چىقىتىم .ئاندىن كۈن پېتىشقا مېڭىپ ،ھاي ھاي تىرەك بار بۇلاققا كەلدۇق .كېلىشىمىزگە خۇددى بىزنى ساقلاپ تۇرغاندەك ،ئاشۇ مەسچىتنىڭ مۇئەززىنى ھاي ھاي تىرەكنىڭ يېنىدا تۇراتتى .بىز كىلىشىمىزگىلا ئۇ زات بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە بىزنى كۈتمەيلا ھاي ھاي تىرەكنى تونۇشتۇرغۇلى تۇردى .بىز ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋاقەلەرنى ئاڭلاپ
ھەيران قالدۇق .ھاي ھاي تىرەكنى بېرىپ سىلىدۇق .ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ تىرەككە بەدەننى،پۇت قولنى سۈركىسە رىماتىزىمغا مەنپەئەت بولارمىش .بوۋاي بىلىدىغانلىرىنى چۈشەندۇرۇپ بولۇپ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ
قىرائەت قىلدى .قىرائەت قىلىپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىم مەن ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈردۇم .بوۋاي ئېلىشقا ئۇنمىدى مەن زورلاپ بەردىم .مەن كۆڭلۈمدە بۇ پۇلنى ھەرگىز ئۇنىڭ قىرائەت قىلغىنىغا بەرمىدىم بەلكى
ھاي ھاي تىرەكنى تونۇشتۇرۇپ ئۇنىڭ خىسلىتىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويغىنىغا رازى بولۇپ بەردىم .باشقىلارغا ئوخشاش بىزمۇ 5 كويغا تۇڭ سېتىۋېلىپ ھاي ھاي تىرەكنىڭ تىگىدىن چىققان بۇلاقنىڭ سۈيىدىن ئېلىۋالدۇق
بوۋاينىڭ دىيىشىچە چىن نىيىتى بىلەن ئاللاھقا ئىخلاس قىلىپ شىپالىق تىلەپ بۇ سۇنى ئىچسە بۇ سۇ نەچچە ئون خىل كىسەلگە شىپاكەن .ئايالىم بۇنى ئاڭلاپ بىر بوتولكا سۇ ئېلىپ ئىچتى .ئادەتتە ئايالىم سوغاق سۇ
ئىچەلمەيتتى .ئىچسىلا قۇرسىقى بىر ھازاغىچە كۆپىۋالاتتى .شۇڭا مىنىرال سۇمۇ ئىچمەيتتى .ئۇ بىر بوتولكا سۇنى دەسلەپتە بىر ئىككى ئوتلاپ باقتى .ئاندىن كېيىن بۇلدۇق بولدۇق قىلىپ ئىچىپ يۈرۈيدۇ .
مەن ھەيران قالدىم .ھوي خوتۇن بۇ سوغاقتا ماڭا ئاغرىپ بەمىسلە ئەمدى .قوساقنى ئىسىتىدىغان شورپىلىق سۈيقاش يوق مايەردە .ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپلا يېرىم بوتولكىدىن ئارتۇق سۇنى ئىچىۋەتتى .
ھەي ئاغرىپ قالمىسا بولاتتىغۇ .مەنمۇ بىر بوتولكا سۇنى ئېلىپ تېتىپ باقتىم .بۇ سۇنىڭ تەمى ھەقىقەتەن ئوخشىمايتتى .سۇنىڭ تەمى بىز كىچىك ۋاقىتلاردا ئىچكەن مەلىمىزنىڭ تۆۋىنىدىكى قەدىمى بۇلاقنىڭ تەمىنى
ئەسلىتەتتى. ئۇ بۇلاق قۇرۇپ كەتكىنىگە يىگىرمە يىللار بولدى .مەن بىر تىن تارتىپلا بىر بوتولكا سۇنى ئىچىۋەتتىم .ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ لېكىن نىمىشقىكىن ئىچكەنسېرى ئىچكىم كېلىپ تۇراتتى .قارىسام ئايالىم ھېچ ئىچ بولمىغاندەك قىلاتتى .سورىسام نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر ئىچىم بىر خىل تاتلىق بىر نەرسە يەۋەلغاندەك بولىۋاتىدۇ .سۇ ئىشتىممۇ ياكى شەربەتمۇ ؟دەيدۇ .چاخچاق قىلمىسلا .....دىسەم راسىت ھېچ بىر قوساق كۆپكىنىنى
بىلمىدىم بەلكى قوسۇقۇم تويغاندەك راھەت بىر خىل سىزىم بار دەيدۇ ...........ھەي بەلكىم ئېڭىمىزدىكى مەسىلىدۇ ....بۇنداق تۇتىيا ئىسىل نەرسىلەر بىزنىڭ يۇرتتا بەك ئاز ....شۇڭا شۇنداقتۇ دىدىم ئىچىمدە .
بىز ئالدى بىلەن مەخموت قەشقىرى مەقبەرىسىنى،ۋە ئەجدىھا ئۆڭكىرىنى كۆرۈپ كىلىدىغان ئاندىن بىر تۇڭ سۇ ئېلىۋېلىپ قايتىدىغان بولدۇق .
شۇنىڭ بىلەن يوقىرىغا ئۆرلەپ مەقبەرىگىمۇ كەلدۇق .چۈشەندۇرگۈچى ئاچىمىز بىزگە مەخموت قەشقىرى بوۋىمىزنى ھەمدە مەقبەرىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى .مەن ئالدى بىلەن دۇئا قىلدىم ئاندىن ھەر بىر ئاسارە ئەتىقىگە تويماي قاراپ چىقتىم .ئاندىن باشقىلار سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئىچكىرىدىكى ئاسارە ئەتىقە ئۆيىگە كىرىپ ئىككى رەكەت نەفلە نامىزى ئوقىدىم .ھەم دۇئا قىلدىم ئاللاھ دۇئايىمنىڭ ئىجابەت قىلسۇن ..ئامىن
چىقىپ كەتكۈچە سۈرەتچى يىگىتنى چاقىرىپ ئون كويغا بىر پارچە سۈرەت چۈشتۇق .بىز ھاي ھاي تىرەككە قايتا بارغۇچە سۈرەتمۇ چىقىپ بولغان ئىدى .سۈرەتنى ئېلىپ باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تاغ بېشىغا
چىقماق بولدۇق .بىر ھازا ھاسىراپ ھۈمىدەش ئارقىلىق ئاخىرى مەقبەرىنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئىگىز تۆپىلىككە چىقتۇق .كۆز ئالدىمدا پۈتكۈل توققوزاق مانا مەن دەپ تۇراتتى .بۇ يەر ئىسمى جىسمىغا لايىق
سۈيى ئەلۋەك بوستانلىق ئىدى .بىز بىر ھازا تاماشا قىلدۇق .مەن كىچىكىمدىن بۇلبۇلنىڭ سايرىشىنى دوراپ ئىسقارتىشنى ئۆگىنىۋالغاچقا تۆپىلىكنىڭ چوققىسىغا چىقىپ سايراشقا باشلىدىم .ئىگىز يەردە تۇرۇپ
ئىسقارتىپ سايرىسا ھەقىقەتەن پەيزى بولىدىكەن .بىر نەچچە بالا تۆپىلىكتە ئويناۋاتااتتى ئۇلار دەسلەپتە راست قۇش سايراۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە قاراپ كەتتى .مېنىڭ سايراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ
ھەيرانلىق ئىچىدە كۈلۈپ كەتتى .تورداشلار ئىشەنمىسەڭلەر قۇمۇلغا كەلگەندە مېنى ئىزدىسەڭلەر سايراپ بىرىمەن .پۇل ئامايمەن جۇمۇ .ھاھاھاھ ..
ئاندىن كېيىن بىز ئەجدىھا ئۆڭكىرىگە قاراپ ماڭدۇق .تۆپىلىكتىن ئۆزىمىز يول تېپىپ سېرىلىپ ماڭدۇق .بىردەم پەسكە سېرىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن جىگدە دەرەخلەپ بىرلەن قاشالانغان دەرەخلىقنىڭ يېنىغا چۈشتۇق
قارىسام چىلان جىگدىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كىتىپتۇ .ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەلدى .ئاستا بېرىپ چىلان جىگدىلەردىن بىر يانچۇق ئۈزدۇم .ئاندىن كەمپىرىم بىلەن مەززە قىلىپ يىيىشىپ ئۆڭكۈرگە قاراپ ماڭدۇق
ئۆڭكۈر ئالدىدا بىر چوڭ چۈشەندۇرۇ تاختىيى بار ئىكەن .رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ ئۆڭكۈردە مەخموت قەشقىرى زامانىسىدا بىر چوڭ ئەجدىھا بولۇپ يۇرۇت خەلقىگە بالاھى ئاپەت ئىدى .ئالىمنىڭ بىر شاگىرتى
بۇ زىيانداشنى ئۆلتەمەك بوپتۇ .دەسلەپتە ئۇستاز قوشۇلماپتۇ .لېكىن قايتا قايتا تەلەپ قىلغاندىن كېيىن شاگىرتىنى دۇئالار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ .شاگىرتى بىر چىنە ساپ سۇتنى بەدەنگە سۈركەپ ،ئەجدىھاغا قاراپ
نەرە تارتىپتۇ .جەسۇر يىگىت قېلىشنى ئۇدۇل تۇتۇپ ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن كىرىپ قۇيرىقىدىن يېرىپ چىقىپتۇ .ئەجدىھا ئۆلۈپتۇ .لېكىن ئەجدىھانىڭ زەھىرى يىگىتنىڭ جېنىنى ئاپتۇ .چۇنكى ئۇ سۈركىگەن سۈتكە
سۇ ئارلىشىپ قالغان ئىكەن .بۇ تەپسىلاتلانى مەن تاختايدىن ئوقۇپ ئىسىمدا قالغىنى يېزىپ قويدۇ .رىۋايەت مۇشۇنچىلىك ،ئۆڭكۈرگە قارىسىڭىز ،بۇ رىۋايەت خۇددى راست بولغاندەكلا كۆرىنىدۇ .
بۇ يەردىكى پائالىيەتنى تۈگۈتۈپ كەينىمىزگە قايتتۇق .تۇيۇقسىز بىر ئىش مېنىڭ دىققىتىمنى تاتتى .بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر بەلكىم بۇ ئىشقا دىققەت قىلمىغان بولىشى مۇمكىن قارىسام ئەجدىھا ئۆڭكىرىنىڭ تۆۋىنىدىكى
تاش قەۋەتتە يوغان يوغان دىنوزاۋىر سۆڭىكىگە ئوخشاش تاشلارنى ئۇچىراتتىم .ئىنچىكىلەپ قارىسام بۇ ئادەتتىكى توپا تاشتىن شەكىللەنگەن تاشلارغا ئوخشىمايتتى .مېنىڭ پەمىمچە بۇ بەلكىم دىنوزاۋىرغا ئوخشاش
بىر مەخلۇقاتنىڭ سۆڭەكلىرى ..ئەگىر ئارخىلوگىيەدىن خەۋىرى بارلار بۇ يەرنى تەتقىق قىلىپ باققاي .يەنە بىر خىل قىزىقارلىق يېرى تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئاز ئازدىن سۇ سىرغىپ چىقىپ تۇراتتى .بۇلار بەلكىم
نەچچە كۈن ئىلگىرى ياغقان يامغۇر بولىشىمۇ مۇمكىن .
مەقبەرىدىن يانغاندا ئاندىن قوساقنىڭ ئاچقانلىقىنى ئاندىن ھىس قىلدىم .دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقسام بىر ئۈچ چاقلىق موتوت يىتىلىۋالغان كىراكەش ئادەم تۇرۇپتۇ .ئۇدۇللا چىقتىم،ئاقىمىزدىن يەنە ئىككى ئۈچ يولوچى چىقتى .شۇنىڭ بىلەن بىز توككوزاق بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدۇق .كىتىۋېتىپ ئۇ ئادەمدىن ئۇنى بۇنى سورىدىم ئارىدىن ئۇنىڭغا قىزىدىن تېلىفۇن كەلدى دىققەت قىلىپ ئاڭلىسام ئىچكىرىدىن كەلگەن تېلىفۇنكەن .ئۇ كىشىدىن قىزىڭىز ئىچكىرىدە ئوقۇمدۇ دىسەم ياق زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ .دەيدۇ .....مەجبورى بارغانما دىسەم ياق...يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتەرگەن ساۋاقداشلىرىنىڭ تولىسى شۇ زاۋۇتقا تىزىملىتىپتىكەن .
مەن يالغۇز قالامدىم مەنمۇ بارىمەن .دەپ تىزىملاتتى .قارشىلىق قىلسام يىغلاپ تۇرۋالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ساق سالامەتلىكىگە كاپالەت بولىمىز دەپ ۋەدە بەردى .شۇڭا يولغا سېلىپ قويغانتىم مانا تىنىچ ئامان تۇرۋېتىپتۇ ..بىر يۇردىشىمىز ئاچقان ئاشخانىغا بېرىپ كەپتۇ ....................ئۇ ئادەمگە ئازراق گەپ قىلغۇم باتتى .ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي ،ئايالىمنى ئاياي دەپ يالغۇز سېلىپ قويۇپ ياخشى قىلماپسىزلا دىيەلىدىم ..
شۇنداق قىلىپ بىر تۇڭ ھاي ھاي تىرەك سۈيىنى ئېلىۋېلىپ بىر تاكسىنى توسۇپ ناھىيە بازىرىغا قاراپ ماڭدۇق .قۇساق گۈرۈلدەۋاتاتتى .قوساقنىڭ ئېچىشىنى ماۋۇ تاكسىچى ئاداش تېخىمۇ ھىس قىلدۈرىۋاتاتتى .
--توققوزاققا كېلىپ توققوزاقنىڭ لەغمىنىنى يىيەلمىگەن ئادەم بىچارە ...دىدى ئۇ ئاغزىمغا سېرىقسۇ يىغىلدۇرۇپ .
بىز ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق .ئۇدۇل كىرىپلا لەغمەن بۇيرۇتتۇق .ھايال بولماي لەغمەن چىقتى .ئۇنىمۇ جىق سېلىنغان سېيىنىڭ گۆشىمۇ جىق .خۇددى گويرودەك .مەززە قىلىپ يىدۇق .تويماسلىق قىلىپ
ئاق ئاشتىن يەنە بىرنى سېلىپ ئۈلگۈرۈپتىمەن .پۇل تۆلىگەندە ھەيران قاپتىمەن .نەچچە پۇل دىمەيسىلەر بەش يۈەن .
بىر تاكسىنى دىيىشىپ ھايىتكاھقا قاراپ ماڭدۇق .مېھمانخانا ئالدىغا كېلىپ تاكسىدىن چۈشەي دىگەندە ئايالىمغا بىر تېلىفۇن كېلىپ قالدى .يەنە كىلىپ ماۋۇ تاكسىچى ئاداش دىيىشكەن پۇلدىن جىق دەۋالدى .
شۇنىڭ بىلەن مەن ماۋۇ تاكسىچى بىلەن ئازراق قىزىرىشىپ قاپتىمەن ..پۇلنى تاپشۇرۇپ بۇ ئىشقا ئازراق ئاچچىغىم كېلىپ دىققىتىم چېچىلىپ كېتىپتۇ ئايالىممۇ تېلىفۇندا سۆزلىشىمەن دەپ مېھمانخانىغا قاراپ مېڭىپتۇ
تاكسى كەتكەندىن ئاندىن ھاي ھاي تىرەكتىن ئالغان سۇنى تاكسىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنى ھىس قىلدۇق .ئاخ خۇدا ..بۇ سۇ بىزگە نىسىپ بولمغان ئوخشىمامدۇ .
مەن بىر تاكسىنى توساپ ئارقىسىدىن قوغلىدىم .لېكىن ئۇ تاكسىنىڭ قارىسى ئاللىقاچان يۈتكەن ئىدى .ئابايا كېلىۋېتىپ تاكسىغا تاكسىچىنىڭ بىر ئاغىنىسى چىقىۋېلىپ بىر گاز قاچىلاش پونكىتىدا چۈشۈپ قالغان ئىدى
مەن تاكسىچىنى شۇ يەرگە قاراپ ھەيدەشنى بۇيرىدىم .گاز قاچىلاش پونكىتىدا ناماز شامغىچە ئىزدىدىم .لېكىن تاپالمىدىم .ياندىكى چىملىققا چاپىنىمنى تەتۈر سېلىپ ناماز شامنى ئوقىدىم .
ئامال يوق ئايالىمغا تېلىفۇن قىلىپ سۇنى تاپالمىغىنىمنى بولسا پەسكە چۈشۈپ مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بېقىشىنى تاپىلىدىم .بىر چاغدا ئايالىمدىن ھاياجانلىق تېلىفۇن كەلدى .ئۇ چاققان يېنىپ كەسلە
كەلگەندە دەپ بىرەي سۇ تېپىلدى دىدى. مەن تاكسى توساپ ھېيىتگاھنىڭ ئالدىغا قاراپ چاپتىم .ياتاققا كىرسەم ئايالىم :مەن سىرتقا چىقىپ بىر ھازا تۇردۇم .ھېچ ھېلىقى تاكسى كېلىدىغاندەك ئەمەس .
ئاخىرى بىر تاكسىنى نىشانلاپ ماڭدىم مەقسىتىم شەھەرلىك يولوچىلار تىرانسىپورتىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تېلىفۇنىنى سوراش ئىدى .مەن توسىغان تاكسى توختىدى.تاكسىغا قاراپلا تاڭ قېتىپ تۇتۇپ قاپتىمەن .
مەن توختاتقان تاكسى دەل ھېلىقى تاكسى ئىدى .مەن تاكسىچى بالىغا ،بىزنىڭ ھاي ھاي تىرەكتىن ئېلىپ كەلگەن سۇ مۇشۇ تاكسىدا قالغىنى دىۋىدۇق .ئۇنىڭ ئىسىگە كىلىپ بېشىغا ھەيرانلىق ئىلكىدە بىرنى ئۇرىۋەتتى
ھەم تاكسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە قويۇپ قويۇلغان بىر تۇڭ سۇنى بىزگە بەردى .ھەم ئۆزرىخاھلىق ئېىتىپ خوشلاشتى .دەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇرۇدى ئايالىم ھاياجانلىنىپ
دىمەك ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ سۇنى يەنىلا بىزگە نىسىپ قىپتۇ .مەن نەچچە مىڭ تاكسى ئىچىدىن بۇ بىر تۇڭ سۇنىڭ يەنە قايتىدىن تېپىلىپ قالغىنىغا قاراپ ھەيران قالدىم .ھازىر ئويلىساممۇ ھاياجانلىنىپ كىتىمەن .
ياتاقتىن چىقىپ ئىسىمگە بىر زات ئەپەندىمنىڭ دورا دەرمەك دۇكىنى ئىسىمگە كېلىپ شۇ زاتنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇيۇلدى .بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ دۇكىنىنى ئاسانلا تاپىۋالدىم .دەل ھېيىتكاھنىڭ شىمال
تەرىپىدىكى كوچىدا ئىكەن .بىز سالام سائەتتىن كېيىن ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزەمنىڭمۇ بىر تور <پىيەنچۇكى> ئىكەنلىكىمنى دەپ ئۈلگۈردۇم .بىر زات ئەپەندى ئاق يۈزلۈك ،مېھرىبان چىراي ،كەڭ پىشانىلىق ،ئېغىر
بېسىق ئادەم ئىكەن .مەن ئۆزەمنىڭ بەزى ماقالىلىرىمنى بىر زات ئەپەندىگە دەپمۇ ئۈلگۈردۈم .بىز تازا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا بىر زات ئەپەدىمنىڭ بىر خېرىدارى كىرىپ كەلدى .مەن ئۇلارنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلىپ قويماي
دەپ خوشلاشتىم .
شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىكى ساياھەت مۇشۇ يەردە تۈگىدى .ئاتۇشتىكى ساياھەتتىكى مەزمون جىق بولغاچقا ئەتە يازاي ..ھازىر بىر ئاز چارچاپ قالدىم ..
مەنبە:ئون ئىككى تاغ تورى
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1102
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1102دانە
    ئۆسۈش: 5220 %
    مۇنبەر پۇلى: 14754 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-08
    ئاخىرقى: 2012-01-13
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-16 18:24

    تارىخنى دۇمبىمىزگە يازغۇزۋاتىمىز