بىر مۇساپىر تەڭرىگە يېلىنىپتۇ:
— مەن بىر بەختسىز، ماڭا تەلەي ئاتا قىلساڭ.
تەڭرى ئۇنىڭ زارىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
— ساڭا تەلەي تىللاسى بېرەي - دەپتۇ - دە، ئۇنىڭغا پارقىراپ تۇرغان تىللادىن بىرنى بېرىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي مۇساپىر يەنە تەڭرىگە زارلىنىپتۇ:
— ماڭا تەلەي تىللاسى بېرىمەن دېگەنىدىڭ، بىراق تىللانى ئۆرۈپ قارىسام، «تەلەيسىز» دېگەن خەت باركەن، - دەپتۇ. تەڭرى كۈلۈپ:
— دۇرۇس، ئوڭ تەرىپىگە تەلەي، تەتۈر تەرىپىگە تەلەيسىز، دەپ يېزىلغان، بۇ توغرىغۇ!؟ قولۇڭنى پارلاپ تۇرغان قۇياشقا تۇتساڭ، قولۇڭنىڭ كۈن نۇرى چۈشكەن تەرىپى يورۇق بولغىنى بىلەن، كۈن نۇرى چۈشمىگەن تەرىپى سايىدە قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ.
شۇنداق، بەخت بىلەن بەختسىزلىك، غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ تىللانىڭ ئىككى يېنىغا ئوخشاش قوشكېزەك بولىدۇ. تۇرمۇشتا مۇتلەق بەخت ياكى مۇتلەق بەختسىزلىك بولمايدۇ، پەقەت ئىككىسىنىڭ نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ. تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، چۈشىنىدىغان كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ رولىنى بەخت تەرەپكە بۇراپ ماڭالايدۇ؛ تۇرمۇشنى سۆيمەيدىغان، چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر رولنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا باشلاپ بارىدۇ، شۇڭا بەخت ئىچىدە خۇشاللىقتىن بەھىرلىنىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كېلىدىغان بەختسىزلىكنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئازابتىن تۈگىشىپ، ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك، قىسقىسى قانداق ياشاش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى