شۇ كۆزلەر
بىرئورماننىكۆرىمەن چەكسىز ئەشۇ كۆزلەردە
ئاۋازىنىئاڭلايمەن سانسىز نازۇك قۇشلارنىڭ
شىلدىرلىشىسۇلارنىڭ ﻫاياتىمنىڭ مەناسى
شاماللارنىڭكۈيىدە بېشارىتى تاڭلارنىڭ
بىردەريانى كۆرىمەن تەگسىز ئەشۇ كۆزلەردە
ﻫېسلىرىمنى يېتىلەپ چىقىرىمەن قولۋاققا
مېنىڭسۆيگۇ مەنزىلىم سۇلار بىلەن مەنىداش
سىڭىپيارنىڭ باغرىغا ئايلىنىمەن بۇلاققا
بىرئاسماننى كۆرىمەن چەكسىز ئەشۇ كۆزلەردە
مۇڭلۇقسەير ئېتىمەن يۇلتۇز بولۇپ،ئاي بولۇپ
چۈشىنىمەنشۇ كۆزدە مېنىڭ غېرىپ قەبرەم بار
ئۆلۈمىمنىكۆكلىتەر ئەڭ ئاخىرقى جاي بولۇپ
بىرتاغلارنى كۆرىمەن بۆيۈك ئەشۇ كۆزلەردە
مەغرۇرچوققىلىرىنى ئاپپاققىنە قار باسقان
ﻫالاك قىلار بىر ئارمان شۇ كۆزلەرگە تەلمۈرسەم
شۇكۆزلەرنىڭ ئارمىنى يۈرىگىمگە مىخ قاققان
شۇكۆزلەرنىڭ مەنىسى چەكسىز تەكلىماكاندۇر
ئارمانلارنىڭكارۋىنى ئىزدەر ئۇندىن ئىمارەت
مەنتەشنامەن تاغلارغا،ئورمانلارغا،دەرياغا
مېنىڭ چۈشۈم رىئاللىق،رىئاللىقىم رىۋايەت