باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 972 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئابدۇكېرەم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى
ئەخلاق ئادەم زىننىتى .
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 92
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 259
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە259دانە
ئۆسۈش: 668 %
مۇنبەر پۇلى: 1367 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-13 15:20

ئابدۇكېرەم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى

1.خوتۇننى تاشلىسا ياتلىشىدۇ ،
تۆمۈرنى تاشلىسا داتلىشىدۇ .
2. سىلىق يەردە سوپۇن تۇرماپتۇ،
ئەرتىسنىڭ قولىدا خوتۇن تۇرماپتۇ.
3. ساراڭ خوتۇن چېچىنى تارىماپتۇ ،
لەيلىگۈلگە ھېچ نىمە يارىماپتۇ .
4. ھوشۇقتىن دىڭ دىڭ يامان ،
ساقچىدىن مىنبىڭ يامان .
5. ساراڭ بولساڭ پىرە ئوينا،
قېرى خوتۇندىن نېرى ئوينا.
6. توخۇنىڭ تېرىسى تاتلىق،
خوتۇننىڭ قېرىسى تاتلىق .
7. شاپاق يەرگە چۈشسە يازغا تەۋە،
شىلەپە گەدەنگە چۈشسە تازغا تەۋە.
8. قوناق تاپساڭ غازغا بەر ،
قىزىڭ بولسا تازغا بەر.
9. ئۆدەك بىلەن غاز ئوينار،
چىۋىن بىلەن تاز ئوينار.
10. ماشىننى بۇزغان پېتىق ،
ئوغۇل بالىنى بۇزغان قېتىق.
11. يول ماڭالماي ھېرىپ قالغان ،
خوتۇن ئالالماي قېرىپ قالغان .
12. گۆشنى كۆتەرگەن ئۇستىخان ،
ھاراقنى كۆتەرگەن قۇسقان .
13. ئاتىدىن بالىنى تاندۇرما ،
كۆڭۈلنى ئىچمەي ياندۇرما.
14. ئەركىشىنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان ،
خوتۇن كىشىنى كۆرسە ئىچى ئاغرىيدىغان .
15. ئاپتاپپەرەستىن چىگىت چىقمايدۇ ،
ئىگىز ئادەمدىن يىگىت چىقايدۇ .
16. ياق ياق دەيدۇ ياق ياق دەيدۇ، ھە دىگەنلەر نەدە بار،
ياخشىلار تۇتقان كۆڭۈلنى ئىچسە يۈرەككە پايدا بار.
17. سامان ئارلاشمىسا لاي بولماس،
ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس.
     تالانىت ئىگىسىدە بۇ ،،ئىتوتلىرى ئىچىدە مۇشۇ گەپلىرى ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويىدۇ دېسە ~~~~

 
 مەن يارنى سېغىنغاندا يۈرىكىم پىژلدايدۇ ،
يارنىڭ ئۆيىگە كىرسەم چىۋىنلەر گىژلدايدۇ. 



دۇتتانى چالاي دەيمەن، تەمبۇرنى چالاي دەيمەن،
ئاچىسى ئۆلەپ كەتسە سىڭلىسىنى ئالاي دەيمەن . 



شەمۇشەگە داڭ كەتتى بىزنىڭ يارنىڭ داڭقىسى ،
قولىنى تۇتۇپ قويسام چۇۋۇلۇپ كەتتى ماڭقىسى . 



يوقاپ كەتتىلە تۆمۆجان ، بۇ دۇنيادا بامۇيا ، ;
شىئېر ئوقۇسام جىمىپ كەتتىلە چىيەنفېي تىڭجى كامۇيا .
يېرىم يالىڭاچ قىزچاقنى ئەپپەمەيلا نىمىشقا ،
كۈنلەپ ئوخشايلا ، ئىچلىرى ئازراق تارمۇيا . 



ئاسىلا ، چاسىلا دىگىنىم يادىللىرىدا بامۇيا ،
غەمسىز ئۇچۇپ يۈرىدىغان ئاسماندىكى سامۇيا .
قاپاقلىرىدىن مۇز ياغار دۆلەپ قويغان قارمۇيا، _
بۇرۇنقىدىن سەمرىپ قاپلا قوساقلىرىدا بامۇيا. 



ئا جاڭگالنىڭ ئوتۇنى ما جاڭگالنىڭ ئوتۇنى ،
ھەجەپمۇ چىرايلىقكەن ، تۆمۈجاننىڭ خوتۇنى. 



ئا ئېغىلنىڭ كالىسى ، ما ئېغىلنىڭ كالىسى ،
قىزمىدۇ ، ئوغۇلمىدۇ تۆمۈرەكنىڭ بالىسى .
يازدا شىلەپە بولسا ياخشى ماي تۇماق لازىم ئەمەس ،
تۇتقىنىم ھۆرمەت شارابى بۇ قۇرۇق تازىم ئەمەس .
قېنى ئېلىڭ ئەپەندى ، نازلىنىش لازىم ئەمەس..... 



تۆمۈرجاننىڭ ھازىسىدا ئوقۇغان «مەرسىيەسى»

ئەلۋىدا ئېلىپ كەتتىڭ دوستۇم تۈمۈرنى يەرگە،
كۆز ياشلىرىم ئارلىشىپ كەتتى يۈزۈمدىكى قارا تەرگە.
ھەۋەسلىرىم قوزغالسا يەنە سىنى ئىزدەپ باراي نەگە،
بۇرادىرىم ئالتۇن دىسەم تۈمۈر ئىكەن دىدى زەگە. 



دۇتتار، تامبۇر، راۋاپقا ياتلىشىپسەنغۇ بۈگۈن،
ھاياتىڭدا يامغۇر چۈشۈپ داتلىشىپسەنغۇ بۈگۈن.
ئەجەل يەتكەش قەلەمتىراشتەك قاتلىشىپسەنغۇ بۈگۈن،
قارا يەرنىڭ قوينىغا چاپلىشىپسەنغۇ بۈگۈن. 



ئېغىر كېسەللەر كۆپ تۈرسا نىمە قىلاتتىڭ سەن ئۈلۈپ،
ياشىۋالساڭ بولماسمىدى تەرجىمە قىلىپ بەرسەم كۈلۈپ.
ھەۋەس قىلىپ سورىسام سۇئال سورىسام جاۋاپ بەردىڭ قاپاق تۈرۈپ،
ھىچ ئىچىڭمۇ پۇشمىغانتى خوتۇن ئالماي بويتاق يۈرۈپ. ئەلۋىدا دوستۇم تۈمۈر ئەلۋىدا، )
ئۆلگىنىڭمۇ ياخشى بولدى دەپمۇ قالدىم گاھىدا.
ئەلۋىدا، ئەلۋىدا..................

مەنبە : شىنجاڭ لىنىيسى تورى

كىبىر ئەقلى كەمتۈك كىشلەردە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك .
ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 479
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە479دانە
ئۆسۈش: 228 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-16

ئاپتاپپەرەستىن چىگىت چىقمايدۇ ،
ئىگىز ئادەمدىن يىگىت چىقايدۇ .