شەرقلىق بىر پادىشاھ بىر كۈنى ۋەزىر-ۋۇزرالىرىغا:
- كىمكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزنى بىر ئايلىنىپ چىقالىسا،
شىرەدىكى ئاۋۇ ئىككى قىممەتلىك نەرسىنىڭ بىرىنى ئىنئام قىلىمەن،-دەپتۇ.
بىر ۋەزىر پادىشاھنى بىر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن:
- ئالىيلىرى، ئاۋۇ ئىنئامغا مەن ئىگە بولسام بولامدۇ؟-دەپتۇ.
- نېمىشقا دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
- چۈنكى، ئالىيلىرىنىڭ ئۆزىمۇ بىر دۆلەت ئەمەسمۇ؟- دەپتۇ ھېلىقى
ۋەزىر جاۋبەن.
پادىشاھ ۋەزىرنىڭ گېپىدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىپ ھېلىقى ئىككى قىممەتلىك
نەرسىنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتىپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ باشقا ۋەزىرلەر:
- خوشامەتچى ھەمىشە نادان ئادەملەرنى كولدۇرلىتىدۇ،-دەپ پىچىرلاپتۇ.
مەنبە: مەسەللەر توپلىمىدىن