باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1357 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شەھەرلەر
ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 475
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
ئۆسۈش: 228 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-12 09:16

شەھەرلەر

مۇھەممەتجان راشىدىن
سەھرالارنى تۇنۇمسىلەر، شەھەرلەر،
يوقلا، دېسە ئۇنامسىلەر، شەھەرلەر؟
كېلىپ - كېتىپ يۈرگەنلەردىن دېھقاننىڭ __
ئەھۋالىنى سورامسىلەر، شەھەرلەر؟
***   ***   ***   ***
ئىزدەمسىلەر قۇلۇم- قوشنا دېگەننى،
ئاش- تاماقمۇ سۇنامسىلەر، شەھەرلەر؟
يىراقلىشىپ بىزدىن ياكى بىر يولى__
قۇلۇڭلارنى يۇيامسىلەر شەھەرلەر؟
***   ***   ***   ***
كەلگەنلەرنىڭ ئەھۋال ئېيتىپ، ھېلىمۇ
يانچۇقىنى كولامسىلەر، شەھەرلەر؟
ئادىيمىلىك بارمۇ - يوقمۇ سىلەردە،
قۇرۇق بارساق ئۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟
رېستۇرانلار كانى ئىكەن ئويۇننىڭ،
كۈندە شۇنداق ئوينامسىلەر، شەھەرلەر؟
تائام دېگەن ئېشىپ قاپتۇ شۇ پېتى،
تۆكمىسەڭلار تويمايسىلەر، شەھەرلەر؟
***   ***   ***   ***
بەگزادىگە ئايلىنىپتۇ باشلىقلار،
ئويناۋېرىپ قۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟
بىر چىرايلىق كېتىۋاتقان ھارۋىنى،
يامان يولغا بۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟
***   ***   ***   ***
سېتىۋالغان ئوغۇت ساختا، دورا جا،
بىزنى ئەمدى بۇلامسىلەر، شەھەرلەر؟
كەلكۈن بىلەن خۇدا ئۇرغان دېھقاننى،
سىلەر يەنە ئۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟
***   ***   ***   ***
جا ماللارنىڭ ئۇۋىسىمۇ، سىلەرمۇ،
مالىنى مەڭگۈ بويامسىلەر، شەھەرلەر؟
يالاڭلارنى يۆلەۋاتقان پۈتۈن ئەل،
سىلەر قاراپ تۇرامسىلەر شەھەرلەر.
***   ***   ***   ***
كېرەكلىكنى بىزدىن ئېلىپ تا مەڭگۈ،
بىزگە ھاپاش بولامسىلەر، شەھەرلەر؟
شۇنچە چىرىپ كەتتىڭلارمۇ، ۋە ياكى
بىزگە شۇنداق پۇرامسىلەر، شەھەرلەر.
2001-يىل 17- مارت
مەنبە: مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ <جاھان دېگەن يالغان شۇنداق> ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 702
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2011-08-18

ھەقىقەتەن<<دېھقان شائىرى>> بولۇشقا  مۇناسىپ. شۇڭلاشقا ھەممەيلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرىدۇ.
رەھمەت سىزگە ئايقۇت. ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن.
ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 10 %
مۇنبەر پۇلى: 31 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2010-07-13
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-12 10:19

نىمە دىگەن يا



مۇھەممەتچان راشىدىن شېېرلىرى .....................مەنمۇ بەك ئوقۇيمەن.






ن
yurtum xinjiang hulja xahar
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-12 10:58

تەشەككۈر ئايقۇت سىزگە!
           مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى 70 ياشقا تولغان ھايات مۇساپىسى بىلەن ئىھتىراملار بىلدۈرىمىز، شائىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېنىنىڭ سالامەت، ئىجادىيەتلىرىگە تىخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمىز.
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 167
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
ئۆسۈش: 309 %
مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2012-01-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-12 11:37

ياخشىكەن يەنە بولسا  يوللاپ  تۇرۇڭ