باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1302 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بەك مۇھىم كومپىيوتىر بىلىملىرى
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 842
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە842دانە
ئۆسۈش: 2492 %
مۇنبەر پۇلى: 8532 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-11 19:04

بەك مۇھىم كومپىيوتىر بىلىملىرى

بەك مۇھىم كومپىيوتىر بىلىملىرى
1. جاھاننامە ئادرىس سىتونىدىكى تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلاش :
باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،

ئاندىن HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies\Explorer تېپىپ ، ClearRecentDocsOnExit ئىسىملىك بىر 十六进制键 دىن بىرنى قۇرىمىز (كەچۈرۈڭلار !十六进制键 بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلالمىدىم )،
ئاندىن قىممىتىنى 01,00,00,00 قىلىپ تولدۇرۇپ كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ! ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا ئادىنقى قېتىملىك
تارىخىي ئادرىس خاتىرىلىرىنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ تاشلايدۇ !

2.كۆپ ئۇچرايدىغان ئىجرا قىلىش بۇيرۇقلىرى :

باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ،ئىچىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزىمىز ! ھەممىسىنىڭ ئۆز ئادىغا رولى بار !

1. winver بولسا Windows نىڭ نەشرىنى تەكشۈرۈش !

2.dxdiag بولسا DirectX ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش !
mem.exe.3 بولسا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !

Sndvol32.4 بولسا ئاۋاز كونتىرول قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

5.sfc.exe بولسا سىستىما ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگۈچ !

6.gpedit.msc بولسا گۇرۇپپىلار بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ !

7.regedit.exe بولسا تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئېچىپ بېرىدۇ !

Msconfig.exe .8 بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !

9. cmd.exe CMD بولسا بۇيرۇق ئەسكەرتمە پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
  
10. chkdsk.exe Chkdsk
بولسا قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

11. services.msc بولسا مۇلازىمەت كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

12. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئابونت باشقۇرۇش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

13. drwtsn32 بولسا Windows سىستىما دوختۇرى كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

cleanmgr .14 بولسا رەتلەش ئېلىپ بېرىش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

15. mmc بولسا كونتىرول سۇپىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

16. rononce -p 15  بولسا 15سىكونتتىن كېيىن ئاپتوماتىك كومپيۇتىرنى ئۆچۈرۈش !
17. taskmgr بولسا ۋەزىپە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

18. devmgmt.msc بولسا ئۈسكىنە باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

19. diskmgmt.msc NT بولسا قاتتىق دېسكا باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

20. compmgmt.msc بولسا كومپيۇتىر باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

21. winchat بولسا كىچىك دائىرىيىلىك توردا پاراڭلىشىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

22. mspaint بولسا رەسىم سىزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

23. nslookup بولسا تورنى باشقۇرۇش قورالىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

24. syskey بولسا سىستىمىغا مەخپىي ئۇچۇر ئورنىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

25. wupdmgr بولسا Windows نى يېڭىلاش تور بىكىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

26. Clipbrd بولسا قىيىپ چاپلاش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

27 . Odbcad32 بولسا ODBC سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

28. Nslookup بولسا IP ئادرىسىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

29. write بولسا خەت يېزىش تاختىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

30. mstsc بولسا يىتاق مۇساپىلىق ئۇلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

 
31.magnify بولسا چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئەينىكىنى ئىشلىتىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

32. mobsync بولسا ماس قەدەملىك بۇيرۇق پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
  
33. dfrg.msc
بولسا دېسكا پارچىلىرىنى رەتكە سېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

34.dcomcnfg بولسا سىستىما بىرىكمە دىتال مۇلازىمىتىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

35. notepad   بولسا خاتىرە دەپتەرنى ئېچىش !
 
36.ntbackup
بولسا سىستىمىنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

37. narrator بولسا سىستىما ئاپتوماتىك بايان قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

38.ntmsmgr.msc بولسا يۆتكىگۈچلىك ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

39.sysedit بولسا سىستىما سەپلىمىلىرىنى تەھرىرلەش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

40. sndrec32 بولسا سىستىما ئۈن ئېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

41. ventvwr   بولسا ۋەقە تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

42. eudcedit بولسا خەت كەشىپ قىلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

43. explorer بولسا مەنبە باشقۇرغۇچنى ئېچىش !

44. perfmon.msc بولسا كومپيۇتىرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !
45. progman بولسا پروگراممىا باشقۇرغۇچنى ئېچىپ بېرىدۇ !

46. calc بولسا ھېسابلىغۇچ پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

47.cleanmgr بولسا دېسكا تازىلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

48. ciadv.msc بولسا كۆرسەتمە مۇلازىمەت پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

49. osk بولسا ئېكراندىكى كونۇپكا تاختىسىنى ئېچىش

50. lusrmgr.msc بولسا يەرلىك ئەشلەتكۈچى ۋە گۇرۇپپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ !

51. utilman بولسا قوشۇمچە قوراللارنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

52. fsmgmt.msc بولسا ئورتاق پايدىلىنىدىغان ھۆججەتنى باشقۇرۇش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ !

53. logoff بولسا تار دائىرىدىكى قايتا قوزغىتىش !



بۇلارنىمۇ بىلىۋېلىڭ

3. تەگلىكتىكى (桌面) ھەممە رەسىم كۆرۈنۈشىنى يوشۇرۇپ قويۇش :

باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش رامكىسىنى (运行) قوزغىتىپ ،ئىچىگە regedit دەپ تولدۇرۇپ تىزىملاش قەدۋىلى تەھرىرلىگۈچىنى ئاچىمىز ،
ئاندىن HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies\Explorer تېپىپ ، يېڭىدىن بىر
DWORD
قىممەتتىن بىرنى قۇرىمىز ، ئىسمىنى NoDesktop دەپ تولدۇرىمىز ، قىممىتىنى 1 دەپ تولدۇرىمىز ! ئاندىن كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ ، ئۇ چاغدا تەگلىكتىكى ھېچنىمە يوقلۇقىنى بايقايسىلەر !

 

4. قاتتىق دېسكا رايونىنى ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش

بىز ئەگەر قاتتىق دېسكىمىزدىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە ماتىرىياللارنى قوغدىماقچى بولساق ،قاتتىق دېسكا يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز ،
ئەگەر باشقىلارنىڭ كومپيۇتىرىمىزدا ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىدىن
ساقلانماقچى بولساق ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز !
بۇنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى توۋەندىكىچە :

ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن
ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ ! ئاندىن كېيىن يوشۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ،更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 删除 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن سىستىما ئاپتوماتىك ھالدا
؟ 删除卷的驱动器号可能会导致程序停止运行。确实要删除这个驱动器名吗 دىگەن تاللاش كۆزنىكى چىقىرىدۇ ، ئۇ كۆزنەكتىن باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن مەقسىدىمىزگە يېتىمىز !

ئەگەر يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولساق ، يەنە ئاۋۋال < كومپيۇتىرىم > نى چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، < باشقۇرۇش > 管理 نى بېسىپ 计算机管理 ئاچىمىز ، ئاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجىدىن 存储磁盘管理 چېكىمىز ، ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە كومپيۇتىرىمىزدىكى بارلىق قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچلار كۆرۇنىدۇ ! ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ ، چاشقاننىڭ ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چىكىپ ، 更改驱动器名和路径 بۇيرۇقنى باسىمىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 添加 باسىمىز ، ئاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ 确定 باسىمىز ، شۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇپ قويغان قاتتىق دېسكىمىز ئەسلىگە كېلىدۇ !

ئوتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتىمۇ يۇقىرىدىكىسىگە ئوخشاش !

 دىققەت : بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىستىما قاچىلانغان قاتتىق دېسكا رايونىنى يوشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ !






 
مەنبە: مۇھتاج تورى 
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30

ھەقىقەتەن بىلۋېلىشقا تېگىشلەك بىلىمەر ئىكەن مەن بۇلارنى ساقلىۋالاي. يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 168
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 251 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-05
ئاخىرقى: 2011-12-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-12 17:15

ياخشىكەن ئەجىرڭىزگە كۆپ رەھمەت.
مىنىڭ كومپىيۇترىمدا يوللانغان فىلملەر يا...سۇرەتلەر چىقمايۋاتدۇ،بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسڭىز!!!