تەكشۈرتۈش
بىر جۈپ ياش توي خېتى ئېلىش ئورنىغا كەپتۇ :
تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى تۈگەتتىڭلارمۇ؟
قىز:تۈگەتتۇق . ئۇنىڭ ئۆيى ، ماشىنىسى ھەممىسى تەل ئىكەن .
مەن سىلەردىن دوختۇرغا تەكشۈرتتۈڭلارمۇ ، دەپ سوراۋاتىمەن!
ئوغۇل:تەكشۈرتتۇق، بالا ئوغۇل ئىكەن.
ئىنتىقام ئېلىش بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىسىدە يارىلانغان يىگىت دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ .
ئۇ پۈتۈن بەدىنى داكا بىلەن ئورالغان ھالەتتە <<ئىنتىقام ئالىمەن!>>دىگىنىچە بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ، كۈتكۈچىگە بۇيرۇپتۇ:
__ كۆيدۈرۈپ قورۇلغان كالا گۈشىدىن ئىككى تەخسە كەلتۈرۈڭ!
再来壹瓶
بىر كۈنىسى دوستلىرىمىز يىغىلىپ يېڭى توي قىلغان بىر دوستىمىزنى يوقلىغىلى باردۇق.
ئەمدىلا ھويلىسىغا كىرسەك ھويلىدا غەۋغا كۈتۈرلۈپ كېتىپتۇ ، ئەسلى ئۇ دوستىمىزنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى غەۋغا قىلىۋاتقان ئىكەن .ئۇنىڭغىچە دوستىمىزنىڭ دادىسى كېلىپ ، قارىمامسىلەر ئۇكىلىرىم مەن ئوغلۇممنى ئۆيلەپ قويسام 再来壹瓶چىقىپ قالدى .
رەدىيە ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ پۇتى يارىلانغان بىرەيلەن سوتتا شوپۇرنىڭ 50مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ .شوپۇر:ھەي سەن مېنى مىليۇنېرمىكىن دەپ قالدىڭما ؟ دەپ ۋاقىراپ كېتىپتۇ .
يارىلانغۇچى: ئۇنداقتا سەن مېنى سەكسەنپۇتمېكىن دەپ قاپسەندە؟ دەپتۇ يارىلانغۇچىمۇ بوش كەلمەي .
مەنبە: خەلق