باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6995 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېلان چىكىپ ساراڭمۇ بىز !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 627
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 254
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە254دانە
ئۆسۈش: 5063 %
مۇنبەر پۇلى: 5905 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-15 22:32

ئېلان چىكىپ ساراڭمۇ بىز !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما oglan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-17)
دوستلار مۇشۇ كۇنلەدە تىلىۋىزورنى ئاچسىمۇ ئېلان، كوچىلاردىمۇ ئىلان تېلىفۇندىمۇ ئېلان،... ئىشقىلىپ ئېلاننىڭ جىقلىغىدا ھەقىقەتەن باش ئاغرىيدۇ. ئەمدىلىكتە تورغا چىقساقمۇ ئېلان چېكىمىزمۇ دەپ كاللام ئاغرىيدىغان بوپ قالدى، لىكىن بۇ ئېلاننى كۇندە بىر چىكىپ قۇيۇش ئىنسانپەرۋەرلىك يۇزىدىن بولسۇن ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلىش يۇزىدىن بولسۇن ئىشقىلىپ ئەرزىيدىكەن . نىمىشقا دىدىڭىزما مەن مۇشۇ يېقىندا توربەت ئاچقان بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم، توربەتنىڭ كىرىمى توغۇرلۇق گەپ ئېچىپتىمەن توربەتتە كىرىم دىگۇدەك كىرىممۇ يوقكەن .كىرىم تۇرماق تۆۋەندىكى زىيانلارنى تارتىدىكەنسىز. توربەت ئېچىش ئۇچۇن باشتا نىمە مەزمۇندا ئېچىشنى ئويلۇشۇپ توربەت ياساشنى ئۈگۈنىدىكەنمىز ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھەق تولىگەندىن سىرت نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدىكەن ئاندىن نەچچە كىچە ئۇخلىماي مۇكەممەل بىر توربەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەنمىسىز .ئاندىن كەمدىگەندىمۇ مۇكەممەل بەتنى قۇيۇش ئۇچۈن 1GBبوشلۇق سېتىۋالىدىغان ئىشكەن بۇ بوشلۇقنى ئەزان 300 يۇئەنلىكىنى ئالسا سۇرئەت ئاستا بۇلۇپ بىزگە يارىمايدىكەن شوڭا كەم بولغاندىمۇ 500يۇئەنلىك بوشلۇق سېتىۋېلىپ توربەتنى قۇرىدىكەن مىز . ئىسىم ئۇچۇن يىلدا 80 يۇئەن كىتىدىكەن .ئاندىن 900 يۇئەن تولەپ كەڭ بەلۋاغلىق تور ئۇلايدىكەنمىز .ئەمدى ئۇنى قۇرۇپ بولدۇم دەپ تۇرغانغا توربەت يەنە روناق تاپمايدىكەن كىچە كۇندۇز ياخشى قىممەتلىك ئىسىل تېمىلارنى توختاتماي يوللاپ تۇرغاندىن سىرت . كېچە كۇندۇز نازارەت قىلىپ تۇرمىسا بولمايدىكەن . ئەمدى مۇشۇنچىلىك جاپادا قۇرغان توربەتنىڭ كىرىمىدىن گەپ ئاچساق ھىچقانداق كىرىم يوق قىپ قىزىل زىيان ماڭىدىكەن ئېلان دىگەن نەرسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بىر ئادەم چەكسە بىرموچەن دەپ ئولتۇرماقتىن باشقا ھىچقانداق كىرىم يوق گەپ . قايسۇ كۇنى روناق تېپىپ سەلكىن شەبنەمدەك بولغاندا بىرسى كىلىپ بىر ئېلان قۇيۇپ بىرىڭ يىللىقى 5000 يۇئەن بىرەي دەپ قالسا شۇ پۇلنى ئېلىپ كۇزىگە سۇرت سە بولغىدەك . لىكىن ئۇنچىلىك تەرەققى قىلىشغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەجر مىھنەت كىتىدۇ . شۇڭغىچە قاچان بىر تور دىشىمىز ئېلاننى بىر چىكىپ قۇياركىن دەپ ئولتۇرىدىغان گەپكەن . بىز ئېلان چىكىپ ساراڭمۇ دەپ چەكمەيدىكەنمىز ئۇششاق باللا ئېزىپ تېزىپ چىكىپ سالمىسا ھىچكىم چەكمەيدىكەنمىز خۇددى چىكىپ قويساق 1موچەننى بىزدىن كولايدىغاندەك . ئايدا ئېزىپ چىكىلگەن ئېلان پۇلى نەچچە بولىدىكەن دىمەمسىز ئاران 15-20 يۇئەن بولىدىكەن . مەن ئۇنىڭدىن بۇنداق پايدىسى يوق ئىشنى نىمىشقا قىلىسىلە دەپ سورىسام نۇرغۇنلىرى ھەۋەسكە قىلىدىكەن ئۇلار 4 كۇن ئېچىپ 5- كۇنى يوقاپ كىتىدىغان توربەتلەركەن ،مۇقىم توربەتلەنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ئازراق بولسىمۇ مىللىتىمىزنىڭ تور ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا كۇچ چىقىرىش ۋە باشقىلارنى ياخشى بىلىم ئېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. ئەپسۇس بىز ئۇچۇن شۇنچىلىك كۇچ چىقىرىۋاتقان خالىسانە تەر تۇكۇۋاتقان بىر مىللىتىمىز ئۇچۇن بىر ئېلاننى كۇندە بىر چىكىپمۇ بېرەلمەيدىكەنمىز . بىر چىكىپ قويساقلا بولىدىغان ئىشكەندۇق بىزگە ھىچ قانداق زىيىنى يوقكەنغۇ چىكىپ قۇيۇپ ئۇچۇرۋەتسەك مۇ بولىدىكەن . مەن نەچچە ۋاقىتتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ھەقسىز ئىرىشكەن بىر توربەت ئۈچۇن بىر ئېلاننى چىكىپ قۇيۇشقىمۇ يارىماپتىمەن ئۆزەمدىن خىجىل بوپ قالدىم . ئاخىردا دوسلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم توربەت تەرەققىياتى مىللىتىمىزنىڭ توردىكى تەرەققىياتى ئۈچۇن بولسىمۇ ئېلانلارنى كۈندە بىر چىكىپ قۇيايلى
مەنبە :ئالى مۇزىكا مۇنازىرىسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1540
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2010-12-11
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-25 19:19

ياخشراق بولسا  چىكىپ  قۇيايلى..... لىكىن بەزى بىر ئىلانلار نى ، يەنى سىرىق مەزمۇندىكى ئىلانلار ، قىپيالىڭاچ  قىز - ئاياللارنىڭ ئىلانلىرى .......  بونداق ئىلارنلارنى چىكىپ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچە .... ياردەم قىلمىغان ياخشى .