بىر كىشى بىر شاتۇتىنى ئىلىپ چىگىردىن ئۆتمەكچى بوپتۇ، تامۇژنا خادىملىرى ئۇ كىشىگە دەپتۇ:
-ئەپەندىم بۇ شاتۇتىغا باج تۆلەيسىز
-قانچە پۇل تۆلەيمەن؟
-شاتۇتى تىرىك بولسا 50دوللار تۆلەيسىز ،شاتۇتى ئەۋرىشكىسى بولسا 15دوللار تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ
بۇنى ئاڭلىغان شاتۇتى ئىگىسىنىڭ بىخىللىقىنى بىلگەچكە ،ئالدىراپ-تىنەپ تامۇژنا خادىمغا ئىغىز ئىچىپتۇ،:
-ئەپەندىم مەن تىرىك شاتۇتى.
بىرەيلەن پۇتىنىڭ بارمىقى كۆكىرىپ قىلىپ دوختۇرغا كۆرىنىپتۇ ،دوختۇر ئۇنى چالا-پۇلا تەكشۈرۈپلا <راك> دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپتۇ،ھەم پۇتىنىڭبارمىقىنى كىسىپ ئىلىۋىتىشنى بۇيرۇپتۇ، كىيىن ھىلقى كىشى يەنە بىر بارمىقىنىڭمۇ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە شۇ دوختۇرغا كۆرىنىپتۇ، بۇ قىتىممۇ ئالدىنقىسىغا ئوىشاش دىئاگىنۇز قويۇلۇپ يەنە بىر بارمىقىنى كىسىپ تاشلاپتۇ،
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھىلقى كىشىنىڭ پۇتى ھوشىقىغىچە كۆكىرىپ كىتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتكەنىكەن،
دوختۇر ئۇنىڭغا<پايپىقىنىڭ رەڭگى تىرىسىگە سىڭىپ قالغان> دەپ دىئاگىنۇز قويۇپتۇ
65ياشلىق بىر ھامىلدار موماي تەجىربىلىك بىر دوختۇرنىڭ ياردىمىدە مۇۋاپىقييەتلىك يەڭگىپتۇ،ئىككى كۈن ئۆتۈپ موماينىڭ بارلىق تۇققانلىرى موماينى يوقلىغىلى كەپتۇ،ھەمدە بۇ ئائىلىنىڭ يىڭى ئەزاسىنى كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ،ئۇلار بوۋاقنى كۆرۈپ بىقىش نىيىتىنى مومايغا دىگەندە موماي:
--ھازىر ۋاختى ئەمەس ،بولمايدۇ دەپتۇ، بىردەمدىن كىيىن تۇققانلىر بوۋاقنى كۆرۈپ بىقىشنى يەنە دەپتۇ، موماي يەنىلا:
بۇنىڭغا تىخى بولمايدۇ دەپتۇ،ئۇلار ئاخىرى :
-بىز يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى زادى قاچان كۆرەلەيمىز؟
--بالا يىغلىشى بىلەنلا ئۇنى سىلەرگە كۆرسىىتىمەن دەپتۇ موماي،ئۇلار
--نىمىشقا بالا يىغلىسا ئاندىن كۆرسىتىسىز؟ موماي:
--چۈنكى بالىنى نەگە قويغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالدىم ...-دەپتۇ
بىر ھاراقكەش تاڭ سەھەردە قاۋاقخانا خوجايىنىغا تېلېفون قىپتۇ:
---قاۋاقخاناڭلارنىڭ ئىشىگى قاچان ئېچىلىدۇ ؟
خوجايىن: قاۋاقخانىمىز چۈشتىن كېيىندىن تارتىپ داۋاملىق ئوچۇق، قانداق ۋاقىتتا كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
مەست: كىم سىزنىڭ قاۋاقخانىڭىزغا كىرىمەن دەپتۇ، مەن سىزنىڭ قاۋاقخانىڭزدىن قاچانلىققا چىقالايمەن دەۋاتىمەن.
ئېرى: ئەگەر مەن ئاشنا تۇتقان بولسام خاپا بولامتىڭىز؟
ئايالى: نېمە دەيدىغانسىز، ئەگەر ئۇنداق ئىش سېزىلىپ قالسا، سىز مەندىن ياخشىلىق كۆرىمەن دەپ .ويلىماڭ. ئەگەر مېنىڭ ئاشنام بولسا، سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئېرى: مەن توغرا چۈشۈنەتتىم، ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن-دە. ئادەمنىڭ تەبىئىيىتىدىن ئېيتقاندىمۇ بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئايالى: ھەي، كارۋاتنىڭ ئاستىدىن تېز چىقىڭ ، ئېرىم توغرا چۈشىنىدىكەن.
مىنىستىر،ئايال شوپۇر ۋە ساقچى
مىنىستىر ماشىنا بىلەن سىرىتقا كىتىۋاتقاندا ،ماشىنا ئوتتۇرا يولدا بۇزۇلۇپ قالدى،ئايال شوپۇر:
--ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنا رىمۇت قىلماسلىقىم كىرەكتى ،لىكىن شوپۇر بولغىنىم ئۈچۈن رىمۇت قىلماي ئامالىم يوق-- دىدى دە ماشىنا ئاستىغا كىرىپ كەتتى،
مىنىستىر خىلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كىيىن يەرگە چۈشۈپ :
-مىنىستىر بولغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنا رىمۇت قىلماسلىقىم كىرەكتى، لىكىن ئەركىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن رىمۇت قىلماي ئامالىم يوق --دەپ ماشىنا ئاستىغا كىرىپ كەتتى،
بىر پەستىن كىيىن بىر ساقچى كىلىپ دىدى:
--يولۇچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشماسلىقىم كىرەكتى،لىكىن ساقچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەسكەرتىپ قويىشىمغا توغرا كەلدى،-ماشىناڭلارنى ئاللىبۇرۇن ئوغرى ئىلىپ كەتتى.
ناھايىتى سىمىز بىر ئادەم دوختۇردىن ئۆزىگە ناھايىتى راھەت ئۇخلىتىدىغان دورا يىزىپ بىرىشنى ئۆتۈندى،:
--مەن ئۇخلىغاندا ئاغزىم پەقەت يۇمۇلمايدۇ، بەك بىئارام بولىمەن،
دوختۇر تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كىيىن دىئاگۇنوزنى ئىيىتتى:
--كەچۈرىسىز سىزنىڭ بۇ كىسىلىڭىزگە ھىچقانداق داۋا يوق، سىز بەك سەمىرىپ كەتكەچكە تىرىڭىز يىتىشمەي قاپتۇ،شۇڭا كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىزلا ئاغزىڭىز ئىچىلىپ قالىدۇ.