باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 16614 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىزلاردا نىمە گۇناھ..؟؟تەۋىسيە ئەسەر
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-10 19:31

قىزلاردا نىمە گۇناھ..؟؟تەۋىسيە ئەسەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-10)
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<<قانچە تىرىشساڭلارمۇ ،ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا باراۋار   بولوشقاھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسىلەر ئۇلارغا زۇلۇق قىلماڭلار.تەقۋادار بولساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ ،رەھىم قىلدۇ >> قۇرئان كەرىم سۈرە نىسا 129-ئايەت پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم : <،تاماق يىگەن چىغىڭدا تاماق بىلەن تەمىنلىگىن ، كىيىم كىيگەن چىغىڭدا كىيىم بىلەن تەمىنلىگىن .ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرمىغىن ، ئۇنى سەتلىمىگىن نورمال مۇئامىلىدە بولغىن ،زۆرۆر بولغاندا بىر تۆشەكتە بولماستىن ئۆيدىن باشقا يەرگە تاشلاپ كەتمىگىن .>>دېدى . پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېدى :دۇنيا دىگەن ۋاقىتلىق پايدىلىندىغان نەرسىدۇر ،دۇنيادىكى پايدىلىندىغان نەرسىنڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر .>> دېدى. دىمەك يۇقىرقىلار قىزلار ۋە ئاياللارغا ئېيتىلغان ئىبارىلەرنىڭ  ئىنتايىن مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىردۇ .
دىمەك قىزلار ئاجىز ، ھەممە سەتچىلىكنى شۇلارغا ئارتىپ تۇرۋىلىپ كۈچلۈكەرەك بولغەن بىز ئەرلەر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ تۇرۋالساق تازا توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن ... ئەسلى سۇنىڭ بېشى لاي ...باش بولسا كىمى بولىدۇ ؟ بىز ئەرلەر بولىمىز.   بۇرۇن ئىنتىرنىت تور تەرەققى قىلمىغا ن ياكى يوق ۋاقىتلردا  قىزلىرىمىزنىڭ  كوچا -كويلارنىڭ بۇلۇڭلىردىن مىڭىپ نۇمۇسنىڭ بېشىنى يەرگە قاراتقان ناتىۋانلىرىمىزنى يوغان قوساق پۇلدارلارنىڭ ، بەچچىۋازلانىڭ  ئالداپ سىلاپ ياكى ئۇنىمىسا زورلۇق بىلەن  ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن  بىر ياقلارغا تارتىپ كېتىشى  تالاي شۇنداق سۈزۈك سۇلىرىمىزنى يولدىن چىقارغان ...ئۇلارنىڭ ھالىنى ئېيتقۇدەك نەرى بار . ..ئەمدىلىكتە ئۇچۇرلىششىنىڭ بۇ زامانىۋى دەۋىرلىردە   ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەبتى -بەشىرىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويوپ  ئۇنداق بۇزۇقەي -مۇنداق بۇزۇقەي دىيىشلىرىمىز  ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ۋىجدانىغا دۇرۇس كىلەمدۇ؟؟ بىر ئۇغۇل بىلەن بىر قىزنى سوقوشقا سىلىپ قويسا  قىز تاياق يەپ كېتىشى مومكىن ئۇنداقتا بۇ يەردە ئوغول كۈچلۈك دىگەن مەنا چىقتى ،.سىز بىر ئاجىزنى كۈچلۈك قوللىرىڭىز بىلەن تارىتپ ئۆزىڭىزنىڭ شەھۋانى نەپسىڭىز ئۈچۈن ئاستىڭىزغا باسقىنىڭزدا سىزنىڭ كاللىڭىزغا  ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن تەربىيلەپ نى ئارزۇ -ئۈمۈتلەر بىلەن بىقىپ چوڭ قىلغان بىر مەزلۇمنىڭ ھاياتىنى نبۇت قىلىۋاتقانلىقىڭىز  كەلدىمۇ...؟؟؟ ياق... ئۇنىڭ تىپچەكلىگىنى يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى سىزنىڭ مۇز باسقان دىۋانىنىڭ قېتىپ كەتكەن خۇرجۇنىدەك بولوپ كەتكەن قەلبىڭىزنى ئېرىتەلمەيدۇ...
ئالى مەكتەپ بوسوغىسىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان  كەلگۈسىدە ياخشى ئوقوپ ،دوكتۇر ، ياكى ئالىم بولوشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئاجىزنىڭ قېشىغا  << مەڭگۈلۈك مۇھەببەت >>ئۈچۈن بىر يىگىت كىلىپ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى . ئۇنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىشقا باشلىدى ..ئۇ يىتگىتنىڭ بىرلا ئويى بار ئىدى ئۇ بولسىمۇ بۇ قاماققا چۈشكەن بىلىقنى راسا بىر مەززە قىلىپ يەۋىلىش ئىدى ...بۇ ئىشلار ئۇنىڭ غا ئادەت بولوپ كەتكەن ..كۆنگەن خۇي ئىدى.. ئېيتىڭە سىزچە ئۇ قىز شۇنچە يىراقتىن مۇھەببەت ئۈچۈن كەلگەنمىدى ...ياكى ئۇ قىز باشتا بىرەر يىگىتنى كۆزلەپ ئۇنى قولغا كەلتۈرمەكچىمىدى .؟ بۇنىڭغا چوقوم قىزلار ياق دەپ جاۋاب بىرىدۇ . ئوغوللار  بەز يىمەيدىغا مۆشۆك بارمۇ دەپ جاۋاب بىرىدۇ... يالغۇز بىر ئوغول ئورمانلىقنىڭ قىشىدىن كىتىپ  بارسا ئۇنى بىر قىز كىلىپ ئورمانىلىقنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كىتەرمۇ ؟ بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭىز ...؟ سىز شۇ بەزنى يىمىسىمۇ ىيگۈسى يوق بولسىمۇ زورلاپ تاڭدىڭىز .،ئامال -چارە قىلدۇق .. ئالداپ-سىلاپ سورونلارغا ئاپاردۇق . ئىچمىسە زورلىدۇق ،ئىچىملىكىگە ئۇخلىتىش دورىسى ياكى باشقا دورىلارنى قاتتۇق شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ رەززىل مەقسىتىمىزگە يەتتۇق ..ئويلاپ باقايلى قىزلار مۇشۇنداق قىلارمىدى بىزنى ئالداپ ئەكىلىپ ئىچىمىلىكمىزگە دورا قوشىۋىتەرمىدى ..بۇ مومكىنمۇ ؟ سورونلادا قىزلارنى يەنە شۇ مەرىت ئوغوللار مېھمان قىلىدۇ ، شۇنداق سورون قۇرۇپ كۈندە كەچتە ئۇ يەردە ئۇچىرشايلى ،بۇ يەردە ئۇچىرشايلى دەپ  قىزلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ يىنىڭىزغا ئەكىلىپ خالىغىنىڭىزنى قىلدىغان ،شۇلارنى كەيىپكە ئويون -تاماشىغا مەپتۇن قىلغان بىز ئوغوللاردۇ.؟؟ ياكى قىزلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگە كىلىپ ئىسقىرتىپ بىزنى ئاتا-ئانىمىزغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ ئالدىغا چىقىرامدۇ؟؟؟؟ شۇلارنى جەمىيەتكە كوچىغا كۆندۈرگەن بىز ئۆزىمىز .... شۇنداق ئىپادىگە كۆنگەن قىزلىرىمىز  بىزگە چىريلىق كۆرنۈش ئۈچۈن ، بىزنى ئىسقىرتقۇزۇش ئۈچۈن  ، سورونغا ئۈگەنگەنلىرىمىز تاماشىغا ئويونغا چاقىرتقۇزۇش  ئۈچۈن ، تار كىيدى ...نىپپىز كىيدى ..بىلىنى كۆرسەتتى ..مەيىدسىنى ئاچقىلى تۇردى ...ھەممە ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلشنى ئويلايدۇ .. بۇ بىز ئوغوللاردىن قىزلارنىڭ بەكەرەك ئىپادىلىنىدۇ ..ئەرلارنىڭ قەلبى بۇرۇندىنلا بۇزۇلۇپ كونىراپ كەتكەن ، يىڭىلىقنى ماراپ تۇرىدۇ ..قولىدىكى سېسىق پۇلىنى كۆز-كۆز قىلىپ مال ئالماشتۇرۇپ تۇردىغان بىز بۇزۇق ئەرلەر تۇرغان يەردە بىچچارە ئاجىزلار نىمىە قىلماقچى.؟ ؟؟ ئۇلار شۇنداق بولغاندىكىن ياسىنىمەن گىرىم قىلىمەن ئېسىل كىينىمەن دەيدۇ .ئۇنىڭغا پۇل كىرەكتە ..چۈنكى بىز ئوغوللار ياسانغانىنى ، غىلجىڭلاپ تۇرغاننى  ماشىنىمىزغا سىلىپ ئوينىتىپ كىلىدىغان تۇرساق ..قېرىلىقىمىزغا باقماي نەۋرىمىزنى ئالاداپ -سىلاپ مىھمانخانىلاردا يۆتلەپ يۈرسەك  گۇناھ زادى كىمدىكەن .؟؟؟؟ تىللىغانغا ئۇلار ئوڭشىلىپ قالامدۇ.؟ بىر ئۇبدان ئۆسۆپ يىتلىگەن گۈلنى ئۆزىڭىز سۇندۇرۋىتىپ ئاناڭنى سېسىق گۈل دەپ تىللىسىڭىز ئاقامدۇ.؟ ئۇلاپ قويوش بىزنىڭ قىنىمىزدا يوق ... نەگىلا بارسا پۇلىنى داملاپ .ھىجىيىپ بىر يەرلىرىنى غىدىقلاپ قىرىلار بۇ يەدە يۈرسە ئەلۋەتتە بىزدىن نەپرەتلەنگەنلىرى باردۇ ..شۇڭا ئوغوللار كۆزگە  يالماۋۇزدەك كۆرندىغاندۇ...
شىر چىغىدا ئۇ بىر ھايۋان . ئۆز دائىرسىدىكىنى جان-جەھلى بىلەن قوغدايدۇ ، قارشى تەرەپنىڭ بىرەر يات  ھايۋاننى كۆرگەن ھامان ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىلىشىدۇ .. چىشى شىرلارنىڭ ھاياتىغا نۇمۇسىغا كىپىللىك قىلىدۇ ، ئۇ بىر ھايۋان بىزچۇ؟؟ بىز قوغدىيالىدىقمۇ ؟ ھەممە ئوغوللىرىمىزنىڭ ئاغزىدا كۆيدۈم-پىشتىمدىن باشقا گەپ يوق ..بىز ئۆز ۋاقتىدا گۈلدەك ئىچىلغان سۈيۈملۈك ،پاك قىزلىرىمىزنى قەدىرلىيەلىدۇقمۇ ؟ چىن يۈرىكىمىزدىن سۈيەلىدۇقمۇ ؟  ياق....پۇرسەت بولسىلا  ھۇجۇمنى قولدىن بىرىپ قويمىدۇق . ئۈگۈتۈپ قويوپ يىرىم يولدا كوچىغا تاشلاپ قويدۇق .. ئەمدى تىگەي دىسە ئىپپىتى بۇزۇلغان ...بالىسى بارغا يا تەككۈسى كەلمەيدۇ ..ئەمما سىز خاتىرجەم ھىچ ئىش بولمىغاندەك يەنە بىر غۇنچىنىڭ قىشىدا ئۇچۇپ يۈرىسىز ..چۈنكى سىزنىڭ ئىپپىتىڭىزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى مۇنداقلا بىلىگىلى بولمايدۇ،. پۇلى يوق يىگىتلەر پۇلى بار خېنىملارغا ئامراق شۇڭا ئۇلار مەيلى ئىچكىرلىك بولسۇن مەيلى چەتئەللىك بولسۇن پوش دىمەي  ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكتى،..جىنسىيەت دىگەن ئۇمۇ ئاققا ئوخشاش خۇمالىق ..  ئۇ مەزلۇم شۇنىڭغا خۇمار بولغان . ئاتىلاردىمۇ گۇناھ بار ،چۈنكى ئۇبىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى . ئۆينىڭ تۈرۈكى دىگەن گەپ ھەممىگە گىپى ئۆتىدۇ دىگەن گەپ . ئۇنداقتا قىزىڭىزغا ئۆتكىدەك تەربىيە قىلالمىغان سىز ئاتا بولغۇچى بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتتىكى شۇنداق ياش بولوشى مومكىن ، بولمىسا چوقوم توسايدۇ . كەچ تالاغا چىقارمايدۇ . ياغلىق چەككۈزدۇ.. ياخشى ئىشلردىن نېرى قىلمايدۇ . مەن بۇلارنى كۆرۆپ تۇرۋاتىمەن .. لىكىىن بەزى ئاتىلار بار قىزى بىلەن كارى يوق  نىمە كىيىپ نەدە يۈرىشى بىلەن كارى يوق ..ئانىنىڭ ئەسلا كارى يوق چۈنكى دادا بولغۇچى ئۆزىنىڭ دادىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان يەردە ئايال كىشى نىمە بولماقچى..؟؟؟
ئەرلەر بىر خوتوننى جۆندەپ خوتون قىلالماي ، باشقۇرالمىدىم ، يولدىن چىقىپ كەتتى دىمەكلىك بىلەن  ئاجىرشىپ كىتىۋاتسا ،بالىسى بىلەنمۇ كارى بولمىسا  خوتوننى باشقۇرالمىغان ئۇ بىچچارە ئەرلىرىمىز قىزلىرىمىزنى باشقۇرالامدۇ..؟؟؟؟ دادىسىنىڭ يات بىر ئايال بىلەن قىزى ئولتۇرغان سورونغا كىرىپ قىزى بىلەن دۇقۇرشۇپ قىلىشى  شۇ ناتىۋانلارغا بۇ دۇنيانىڭ نىمىلكىنى مۇشۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ... دادا قىلغان يەردە بالا نىمە قىلمايدۇ..... داڭلىق كىنۇ چولپانلىرىمىۇ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن پۇلدار بايۋەتچىلەرنىڭ قوينىدا ئۆزىنىڭ ئىپىپتىنى خازان قىلىدىكەن ...شۇ پۇل خەجلەيدىغان بايۋەتچىلەر ئەردۇ.؟؟؟ يا ئايالمۇ..؟؟ ئۇنداقتا گۇناھ كىمدە؟ ؟؟؟؟ ئۇنداق بولمىغاندىن كىين بىز ئۇلارنى قارغولارچە تاغدىن-باغدىن تىللىماي چىن كۆڭلىمىزدىن شۇلاردىن كەچۈرۈم سورايلى . ئۇلارنى قەدىرلەيلى ..ئۇلار چىن كۆڭلىمىزدىن سۆيۆلۆشكە ھەقلىق ...ھەي..ئەر كىشى خوتون كىشىنى تىللىسا،،،ئاجىزنى كۈچلۈك تىللىسا بىزگە نە نۇمۇس ...!!! خوتون كىشى بىزنى تىللىسا يارىشىدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە نىمە كۈچى يىتىدۇ.. قىلدىغاننى قىلىپ ئەمدى بىز ئۇلارنى تىللاپ يۈرسەك...ھازىرقى ئەرلەر خوتوننىڭ تىگىدە قاپتۇ ئەمسە..ئادىل مىجىتمۇ ئويناپ چىقتىغۇ ئەنە چىدىماي ....بولمىسا شۇنىڭغىمۇ ئابرۇيمۇ ئېتۇت ئوينىدىم دەپ خوتون كىشىدەك بولىۋىلىش.. ئۇنىڭمۇ ئەل-ئاغىنىلىرى بار چۈنكى ئايالى بار چۈنكى ... مەن بىر ئەر بولوش ،يىگىت بولوش سۈپىتىم بىلەن قىزلارغا شۇنداق دەيكى ؛ سىلەرنى سۆيىدىغان چىن قەلبىدىن ياخشى كۆردىغانلار كۆپ ، شالتاقلار پەقەت ساناقلىقلا  .شۇڭا ئۈزەڭلارنىىڭ قەدىر قىممىتىنى ئاسىراڭلا ، سىلەر قانچە تۆۋەن يۈزلۈك نۇمۇسچان بولغانسىرى  بىز شۇنچە سىلەرگە ھۆرمەت قىلىمىز ، كونا بولسىمۇ كىيمىڭلارنىڭ پۈتۈن بولغىنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىلىپ بارىدۇ .ياغلىق چىگگەن باشنىڭ قەدرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كىشىگە نىسىپ قىلىدۇ ، يالاڭ يۈرگەن بىر قىز كوچىدا ماڭسا ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلەر ئۇنى بىر قىتىم قويىۋالسام دىگەن ئۈمۈتكە ئەكلىشتىن باشقا بولمايدۇ،.  ئەمما ئەسلى سىز ئېسىل قىز .ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ .. گۈزەللىك قەلىبتە بولغانسىرى  ئۇ كونا كىيىمنىڭ تىشىغا تىپىپ ئادەمىنى لال قىلىلپ تۇرىدۇ . گۈزەللىك تىشىدابولسا ئۇ قانچە قېنىق بولغانسىرى پاھىشۋازلارنى ھىجايىتقان بىلەن ياخشىلارنى بىزار قىلىدۇ . <<خەيىر ۋاقىت....

بىرىنچىسىگە قاراپ نىمە ئويدا بولدىڭىز.؟؟ ئىككىنچىسىگە قاراپ ئاشۇنىڭ بىلەن بىر يىتىۋالسام دىگەن ئوي چوقوم سىزنىڭ كۆڭلىڭزگە كىرىپ بولدى...داۋامى بار .. ئەسەرلىرىم كەڭ ساي  بىكىتىگە تەۋە ، بەزىلەر شۇ پىتى كۆچۆرۆپ مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرىتمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋاپتۇ .ھەي ...

ماقالە ئەسلى مەنبەسى : كەڭ ساي تور بىكىتى 
ئاپتورى: gayrat828
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • كەلگەن جايى: 新疆伊犁州伊宁市 چوققا
    Verily, with every difficulty there is relief.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4319
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 92
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە92دانە
    ئۆسۈش: 210 %
    مۇنبەر پۇلى: 1060 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-06
    ئاخىرقى: 2011-04-25
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-08 18:54

    ئىشلىتىش
    引用第42楼كۆكتۈرك于2010-10-25 18:59发表的 :
    دۇنيا دىگەن ۋاقىتلىق پايدىلىندىغان نەرسىدۇر ،دۇنيادىكى پايدىلىندىغان نەرسىنڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر .>> دېدى. دىمەك

    ياخشى قىز - ئاياللار ، ياخشى يىگىتلەرنى ساقلاپ كۆزى تۆت ئەمما ياخشى يىگىت - ئەرلەر بولسا جەمىئەتتىكى نەلەردە يۇرگەن
    چاچلىرىنى پارتىلىتىۋالغان مارۇشالارنى ئىزلەيدۇ . مارۇشالارنى ئالغانغا چۇشلۇق يا ئۇنى توغرا يولغا باشلىيالمىغان ئاخىرى ئۆزىمۇ
    ئۇنىڭغا ۋە شەيتانغا شىرىك بۇلۇپ يۈرۇيدۇ سېسىپ ....


    مىنىڭچە بۇ يەردە سىز دىگەن ياخشى يىگىت ھەققىي ياخشى بولسىتتى ،بۇنداق ئەھۋاللار كۇرۇلمىگەن بولاتتى،ياخشى دىگەن سۇز بۇنداقلارغا لايىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
     ھەقنى چۈشەنگەنلەر ۋە ئەمەل قىلغانلار مانا بۇلارياخشىلاردۇر،بۇخىل يىگىتلەر ئاللاھدىن قورقۇپ نامەھرەملەردىن ئوزىنى تارتىدۇ،ئاللاھدىن ھايا قىلىدۇ.