باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1459 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە
مۇنبەر شاھزادىسى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1007
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 237
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە237دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3572 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-16
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-08 11:59

مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە

مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە
بىر كۈنى توساتتىن ئىچىم قاتتىق پۇشۇپ كەتتى. ئۆزەمچە بىر يۇمۇر توقۇپ دوستۇمغا ئېيتىپ بەردىم. كىم بىلسۇن مېنىڭ يۇمۇرىمنى ئاڭلىغان دوستۇم كۈلۈپ دۇملاپ كەتتى، تېخى ئۆزىنى تۇتۋالالماي نەچچىنى دۇمۇلاپ كەتتى. ئويلىمىغاندا بەل ئومۇرتقىسىنى سۇندۇرۇپ قويدى. كۆرمەيسىزمۇ بۇ پىشكەللىكنى ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم. دوختۇر دوستۇمنىڭ ھالىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، دوستۇڭنىڭ بېلى نېمە ۋەجىدىن سۇندى، دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بولغان ئىشنى دەپ بەردىم. مەنمۇ ساراڭ بىر يۇمۇر دەپ بەرگەنتىم مۇشۇنداق بولۇپ قالدى دېسەممۇ بولىدىغان ئىشقا، مۇنداق يۇمۇرنى دەپ بەرگەنتىم دەپلا، يۇمۇرنىمۇ دەپ تاشلاپتىمەن. خۇدانىڭ ھەققىدە بۇ دوختۇرنىڭ يۈرەك كېسىلى بارىكەنتۇق ئەمەسمۇ، بىر قازانىڭ ئۈستىگە قوش قازا دەپ، جايىدىلا تىنىقتىن قالدى. دوختۇرخانا مېنىڭ ئۈستۈمدىن دوختۇرنى تېلىقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، دەپ سوتقا ئەرز قىلدى.
سوت مەھكىمىسىگە كەلتۈرۈلدىم، سودىيە ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن، سەن نېمە ئۈچۈن دوختۇرنى قەستىلەيسەن، ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، ئۇنىڭ بىلەن نېمە ئاداۋىتىڭ بار ئىدى، قانداق تونۇشاتتىڭ … دەپ بىرقاتار سۇئاللارنى سوراپ كەتتى …
مەن ئۆزۈمنىڭ دوختۇرنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغانلىقىمنى ، پەقەتلا بىر يۇمۇر دەپ  تاشلىغان گۇناھىمنىڭ بارلىقنى ئېيتتىم. سودىيە شىرەنى مۇشلاپ كەتتى ، – سوت جەريانىدا چاقچاق قىلما، – دېدى. مەن ئۆزۈمنىڭ چاقچاق قىلمىغىنىمنى ۋە دوستۇمنىڭ بېلىنىڭ سۇنۇش جەريانى ۋە دوختۇرنىڭ ئۆلۈپ قېلىش جەريانىنى سۆزلەپ بەردىم. سودىيە پايلاپ بولالماي سەكرەپ كەتتى، – سەن بىزنى گۆدەك كۆرۈۋاتامسەن؟ قېنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان يۇمۇرىڭنى ئېيتىپ باق ، دەپ تۇرىۋالدى. مەن زىنھار ئۇنىمىدىم. سوتنىڭ داۋاملىشىغا توسقۇنلۇق قىلما، دەرھال ئېيىت دېدى، – مەن بارلىق سوت ئەھلى يۇمۇر ئاڭلاش ۋەجىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىمىز مەسئۇل دەپ خەت پۈتۈپ بەرسە ئاندىن ئېيتىدىغانلىقىمى دېدىم. جىلە بولغان سودىيە كۆپچىلىكنى تېزلىكتە  خەتكە ئىمزا قويۇشنى بۇيرىدى ۋە ئەگەر ھەقىقەت مەن ئېيتقان ئەھۋال راست بولسا مېنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغانلىق خېتىنىمۇ قوشۇپ پۈتۈپ تەييارلاپ، ھەممەيلەن قول قۇيۇشۇپ، ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇشتى.
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئامالىسز ھېلىقى يۇمۇرمنى ئېيتتىم. مانا قاباھەت نەق مەيداندا سودىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر كىشى ئۆلۈپ، 30 نەچچە كىشى ئېغىر يارىلاندى، نەچچىسىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قاپتىمىش.. .گەرچە سوت مېنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىپ قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مەندىن ئىنتقام ئالىمىز دەپ، ھېچ ئارام بېرىشمىدى، بەزىلىرى تېخى شۇ يۇمۇرنى دەپ بېرىسەن دەپ تۇرۇۋالاتتى… شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئادەم ئايىقى يەتمەيدىغان يىگانە بىر جايغا ماكانلىشىۋالدىم. ئارىلاپ ھازىرقىدەك تورغا چىقىپمۇ قويىمەن شۇ … ھەممسى شۇ يۇمۇرنىڭ دەستى بولمامدۇ !

يېقىنقى كۈنلەردە  ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ۋە باشقا ئىشلار سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى. چىرايىمىزدىن كۈلكە ئۆچەپ كەتكىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. چارچىغان نېرىۋىلىرىمىز ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالسۇن، چىرايىمىزغا ئاز – تولا كۈلكە يۈگەرسۇن ، دەپ مۇزدەك يۇمۇردىن بىرنى ئويناپ قويدۇق. قېنى سىزنىڭمۇ قويۇن يانچۇقىڭىزدا ساقلاپ يۈرگەن يۇمۇرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا تاشلاڭ ، تورداشلار بىرگە كۈلەيلى ! … كۈلۈپ تېلىقىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئالامەتنى بىرزات ھەكىم 80 خالتىسىدىكى ئېسىل دورىلىرى بىلەن ، بولمىغاندا قەشقەرنىڭ ئاچچىق – چۈچۈك پاراڭلىرى بىلەن ھەقسىز داۋالايدۇ.
مەبنە:ئېنتېرېت
[ akramتەرىپىدىن2010-10-08 13:54قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2343
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2050 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2011-03-31

ھا ھا ھا قىزىقكەن ،ئاخىرىنى توختاتماي توقىۋەرسىڭىز بولغىدەك.
مۇنبەر شاھزادىسى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1007
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 237
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە237دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3572 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-16
ئاخىرقى: 2012-01-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-08 13:55

تۇقوۋەرسەم مەن تورغىمۇ چىقالماي قالماي يەنە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2528
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-30
ئاخىرقى: 2010-11-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-08 22:52

ھەقىقەتەنمۇ شىمالىي قۇتۇپتا مۇزلىتىلغان يۇمۇركەن بۇ ...ھاھاھاھا ھېلىقى سوت مەيدانىدىكىلەر قىززىق بوپتۇ ئەمەسمۇ .....
ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 792
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە792دانە
ئۆسۈش: 1160 %
مۇنبەر پۇلى: 8820 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-01-13
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-09 15:02

ئىشلىتىش
引用第2楼akram于2010-10-08 13:55发表的 :
تۇقوۋەرسەم مەن تورغىمۇ چىقالماي قالماي يەنە

ئادەم يوق دەپ كەڭسايغا قاچقانمىدىڭىز ،ھە ..ئەمدى ئىشىڭىز چاتاق ، دىققەت قىلىڭ مىنىڭ بىر  ئاغىنەم قولىدا توقماق سىزنى ئىزلەپ يۇرىدۇ!
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.