باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3125 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بانكىدا قويغان پۇلنىڭ ئۇسۇمى ھاراممۇ(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 16:55

بانكىدا قويغان پۇلنىڭ ئۇسۇمى ھاراممۇ(ھەمزە)

بىر كىشى مەشھۇر دىنى ئالىم  دوكتۇر يۈسۈف قەرداۋىدىن مۇنداق دەپ سورىغان: مەن ئوتتۇراھال مائاش ئالىدىغان بىر ئىشچىمەن،ھەر ئايدا مائاشىمنى ئالغان ۋاقتىمدا ئازراق پۇلنى تېجەپ بانكىغا قۇيىمەن،ۋە يىل توشقاندا پۇلۇمنىڭ زاكىتىنى تۇلۇق ئايرىيمەن،ئەمما بانكىدىن مەن ئۈچۈن ئازراق ئۆسۈم پۇل بېرىلىدىكەن، بۇ پۇلنى ئالسام توغرا بۇلامدۇ؟،ئەمما مەن بەزى ئالىملارنىڭ مەزكۇر ئۆسۈمنى ئالسا بولدۇ دېگىنىنى ئاڭلىدىم. بەزى ئالىملارنىڭ ھارام دىگىنىنىمۇ ئاڭلىدىم، زادى بۇ مەسىلىنىڭ توغرىسى قايسى؟ ئەگەر ئۇئۆسۈمنى ئېلىش ھارام دېگەندە ئۇ پۇلنى قانداق قىلىش كېرەك؟
  دوكتۇر يۈسۈفقەرداۋى يۇقىرىقى كىشىنىڭ سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى :)سۇئال سورىغۇچىنىڭ بانكىدىن ئالغان ئۆسۈم پۇلى، شەرىئەتتە ھاراملىقى ئاشكارا بولغان جازانىدۇر. جازانە دېگەن ئەسلى مەبلەغگە ئارتۇق بېرىشنى شەرتلەشكەن پايدىدۇر، يەنى تىجارەت قىلماستىن مەلۇم سەرمايىگە مۇئەييەن پايدا ئايرىپ بېرىشنى شەرتلىشىپ ئالغان پايدا جازانە بولىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى شەرىئەتتە ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ھەقتە ئاللا تائالا مۇنداق دەيدۇ:))ئىي ئىمانئېيتقان كىشىلەر !ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار، ئاللا نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار.كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قالغان جازانىنى يەنى ئۆسۈمنى ئالماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللا ۋە ئۇنىڭ روسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر جازانە قىلىشتىن تۆۋە قىلساڭلار، قەرز بەرگەن سەرمايەڭلەر ئۆزۈڭلەرگە قايتىدۇ. باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزەڭلەرمۇ زىيانتارتمايسىلەر((.   سۈرە بەقەرىنىڭ 277- ئايىتىدىن  279-ئايىتىگىچە،  بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن تەۋبە ئەسلى مېلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۆسۈمنى ئالماسلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
 بىر كىشىنىڭ تىجارەت قىلماستىن،بىرەر تىجارەتكە شېرىك بولماستىن ، ۋە ياكى بىرسى پۇل يەنە بىرسى كۈچ چىقىرىپ تەڭ شېرىك بۇلۇش شەرتى بىلەن تىجارەت قىلماستىن، ئەسلى سەرمايىسىغا  ئارتۇق قوشۇلغان پۇل جازانە بولىدۇ. مەن ئەقىللىق ئالىملارنىڭ جازانىنى ھالال دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. ئۇلار ئۇنداق دېمەيدۇ، ئەگەر دەپ قالغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئۇ پىكىرىگە قوشۇلمايمىز.چۈنكى ئىسلام دىنى بىر كىشىنىڭ سەرمايىسىنى مۇئەييەن ئورۇندا قۇيۇپ ئۇنىڭغا ئۆسۈم ئېلىشىنى ھارام دەپ قارايدۇ. ئەگەر پۇلنى بىرەر ئورۇندا ئامانەت قويغۇچى كىشى پۇل تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ تىجارىتىگە شېرىك دېگەندە، ئۇ كىشى پايدىغا شېرىك بولغاندەك زىيانغىمۇ شېرىك بۇلىشى لازىم.

بانكىنىڭ پايدىسىنى ئېلىش دۇرۇسمۇ؟ يادۇرۇس ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا بېرىدىغان جاۋابىم:بانكىنىڭ پايدىسى ھالال بولمايدۇ، ئۇنى ئېلىش دۇرۇس ئەمەس،بانكىدىكى پۇلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىغانلىقى ئۆسۈمنى ھالال قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئەمدى ئۇ پۇلنى ئېلىش ھالال بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بانكىغا بېرىۋېتىش كېرەكمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ھارام نەرسىنى ھېچكىم مۈلۈك قىلىۋالالمايدۇ، ئۇ مالنى بەزى تەتقىقاتچى ئالىملار دىگەندەك سەدىقە قىلىۋېتىش لازىم. ھەتتا بەزى ئالىملار سەدىقە قىلىشمۇ دۇرۇس ئەمەس، تۇتماسلىقى لازىم ياكى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشى لازىم، چۈنكى ئۇ نىجىس مال،نىجىس مال سەدىقە قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ.
بىراق بۇ پىكىر ياكى بۇ خىل پەتىۋا، شەرىئەتنىڭ مالنى زايا قىلماسلىق دېگەن قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا  ئۇمالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كەمبەغەل مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش لازىم. ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىرەر خەيرىيەت جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىش لازىم. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق ھارام مال بۇلۇپ قالسا، يۇقىرىقىدەك مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئىئانەقىلىش كېرەك.
ھارام مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش بىلەنمۇ ھالال بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرھەدىسىدە مۇنداق دېگەن:«  ئاللاھ تائالا خىيانەت قىلىپ تاپقان ھارام مالدىن قىلىنغان سەدىقىنى قۇبۇل قىلمايدۇ »مەزكۇرئۆسۈمنى بانكىغا تاشلاپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟ ئەلۋەتتە دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق قىلىش جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مالنى ئۆزى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالمايدۇ، بەلكى ياخشى ئىشلار ئۈچۈن سەدىقە قىلىش مەقسەتتە ئېلىپ، سەدىقە قىلىپ بېرىۋېتىدۇ.
 سورىغۇچى مەن پۇل ئامانەت قويغان بانكا ، تىجارەت قىلىپ پايدا ئالىدىغۇ؟، مەن نىمىشقا ئۇنىڭ پايدىسىدىن ئالمايدىكەنمەن دەپ سۆرىشىمۇ مۇمكىن، مەن جاۋاپ بېرىپ ئېيتىمەنكى توغرا، بانكا تىجارەت قىلىدۇ، لېكىن پۇل ئامانەت قويغۇچى ئۇنىڭ تىجارىتىگە شېرىك بولغىنى يوق،  بانكىنىڭ تىجارىتىگە شېرىك بولغان بولسا ،  بانكا زىيان تارتسا زىياننىمۇ تەڭ تارتىش لازىم ئىدى. ئەمەلىيەتتە بانكا زىيان تارتىپ قالسا، بانكىدا پۇل قويغانلار ئۆزىنىڭ پۇلىنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بانكىمۇ ئۇلارنىڭ پۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا، ياكى بىر قانچە قېتىمغا بۆلەپ تۇلۇق بېرىدۇ. گەپنىڭ خۇلاسىسى بانكىدا قويغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئۈزى پايدىلىنىش مەقسەتتە ئېلىش قەتئىي ھارامدۇر، ئەمماجازانە قىلىدىغان بانكا بىلەن بىر زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن پۇل ئامانەت قۇيۇپ قالغان بولسا، ئۆسۈمىنى ئېلىپ كەمبەغەل كىشىلەرگە ۋەياكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يوللارغا سەدىقە قىلىۋىتىش لازىم.
 ئاللاھ تائالاھەممىدىن بەكبىلگۈچى زاتتۇر
مەنبە_____http://www.sjrt.org/uy/index.php?p=showarticles&id=74
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 836
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-04 18:16

بو !..........ھەمىمىڭلار باي ئۇخشىمامسىلەر! بىزگىمۇ ئاللاھىم بىرەر!!
ئاللاھىم جازانە يىگىلى ،يىگۈزگىلى نىسىپ قىلمىسۇن ! (ئەگەردەبانكىغا ئامال يۇق پۇل قۇيغان ، پۇل ئالغان بولساڭلار ،ماۋۇ پەتىۋا ئەمەس ماقما ، «شارائىتىمىزغا باققاندا » دىگەن گەپ  )
بانكىدا قۇيغان بۇلنىڭ ئۇسۇمىنى يەنەشۇ بانكىدىن قەرىز ئالغان ، قەرىز ئىلىشقا مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشلەرگە بانكىنىڭ ئۇسۇمى تۇلەشكە بېرىش كىرەك !ئەگەر تاپالمىساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار بىزنىڭ مەھەللىدە بانكىدىن قەرىز ئالمىسا تېرىقچىلىق قىلالمايدىغان دىققانلار بەك جىق !
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 836
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-05 21:31

بىزنىڭ مەھەلىلىدە ھەجكە نەچچە بارغان بايلارمۇ باشقىلارغا پۇل ئۇنتە قلىشىغا ئۇنىمايدۇ، شۇڭلاشقا بىچارە دىھقانلار يىزىلىق ئامانەت- قەرىز كوپىراتىۋىدىن باشقا بانكىلاردىن يۇقىرى ئۇسۇم بىلەن قەرىز ئىلشقا مەجبۇر بولىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇمۇ جازانىخۇرلۇققا ياردەملەشكەنلىك بولۇپ قالىدۇ ، لىكىن شۇنچە كۆپ دىھقانلار شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر ...........
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.