باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5945 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىيىتلەرئۈچۈن ناماز ئۇقۇش(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 17:57

مىيىتلەرئۈچۈن ناماز ئۇقۇش(ھەمزە)

                                                   

مەن ئانام ئۇچۇن  ھەر ئەتتىگەنلىكى بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇيتتۇم. ۋە ئۇ نامازنىڭ ساۋابىنى ئانامغا ھەديە قىلاتتىم.ھەم كۇنى بىر پارە قۇرئان ئۇقۇپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئانامغا ئاتايتتىم.
بىر كۇنى بىرسىدىن مەن قىلغان ئىشلارنىڭ بىدئەت ئىشلار قاتارىغا كىردىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ۋە قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم.
ماترىيال كۆردۇم،ئەمما ھېچقانداق يەردە مەن قىلغاندەك ئىشلارنى رەسۇلۇللە قىلمىغانلىقى،ۋە ساھابىلەرگە بۇيرىمىغانلىقىنى بىلدىم.
ھەم مۇشۇ ئىشقا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سەئۇدىيدىكى ئالىملاردىن پەتىۋا ئېلىش ئۇچۇن ئىزدەندىم.
skaype  دا تۇنۇشۇپ قالغان سەئۇدىينىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق بىرئەرەپ قېرىندىشىمىزغا مەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بايان قىلدىم.
ئۇ ماڭا : مەن سەن ئۈچۈن ئىزدىنىمەن. ئاللاھ خالىسا پات يېقىندا سەن ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىرشەلەيسەن دىدى.
ئاردىن كۆپ ئۆتمەي ماڭا بىر تور بەتنىڭ ئادرىسنى ئەۋەتتى. ۋە: سەن بىلمەكچى بولغان نەرسە شۇ ئادرىستا بار دىدى.
مەن ئۇنى ئۇقۇپ راسلا مىنىڭ قىلغان ئىشىمنىڭ ئىسلامدا ئورنى يوق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەمدە باشقا قېرىنداشلىرىمغىمۇ بۇنى يەتكۈزۈش خىيالىغا كەلدىم.
مەن ئۇ بەتتىكى ئىبارىلەرنى ئۆزئەينى تەرجىمە قىلىپ قۇياي.

بۇ شەيىخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋاسى.

سۇئال:مەن قانداق بىر ۋاقىتتا نامازدىن  بىرقانچە رەكئەت ئۇقۇسام ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مىيىت ئۈچۈن ئاتىسام توغرا بۇلامدۇ؟ئۇنىڭ ساۋابى مىيىتقا يىتەمدۇ ياكى يەتمەمدۇ؟

جاۋاب: سىز ئۇقۇغان نامازنىڭ ساۋابىنى مىيىتقا ھەديە قىلىشىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى ئۇ بىدئەتتۇر. چۇنكى ئۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ۋە ساھابىلاردىن كۆرۇلگەن ئىش ئەمەس.
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام «قانداق بىر كىشى بىزدە يوق ئىشنى پەيدا قىلسا ئۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ››(رواە البخاري ومسلم)

سۇئال:ئەگەر قۇرئاننى باشتىن ئاخىر ئۆيدە ياكى مەسجىددە ئۇقۇسام ،ئاندىن مىيىتقا قۇرئان ئۇقۇغۇنىمنىڭ ساۋابىنى ھەديە قىلسام ،ئۇنىڭ ساۋابى يىتەمدۇ ياكى يەتمەمدۇ؟ ۋە سۈرە پاتىھەنى ياكى باشقا قۇرئان ئايەتلىرىنى قەبرە ئۇستىدە ئۇقۇسام توغرىمۇ؟

جاۋاپ: قۇرئان ئۇقۇش ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ئاتاش دۇرۇس ئەمەس. ۋە قەبرە ئۇستىدە قۇرئان ئۇقۇشمۇ ھەم دۇرۇس بولمايدۇ.

بۇ ئەرەپچىسىنىڭ ئۈزى



مانا يۇقارقى سەئۇدىينىڭ پەتىۋاچىسى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى.
پەيغەمبىرىمىز پەقەتلا مىيىت ئۇچۇن سەدقە قىلىش،ھەج قىلىپ قۇيۇش،قېپقالغان قازا رۇزىسى بولسا ئۇنى تۇلۇقلاپ تۇتۇپ قۇيۇش توغۇرلۇق مەلۇمات بەرگەن. يەنى رۇخسەت قىلغان.
بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەنلەر ،يەنى قۇرئان ئۇقيدىغانلار قەبرە بېشىدا ،ناماز ئۇقۇپ ساۋابىنى ئاتايدىغانلار رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە قىلىنمىغان ئىشتىن بىرنى پەيدا قىلغان بۇلىدۇ دە بۇ ئىش بىدئەت بۇلىدۇ.
پەيغەمبىرىمز بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق دىگەن.
ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەت ئىشتىن يىراق قىلسۇن.!




دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 222
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە222دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 19:00

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، توغرا ،قۇرئان كەرىمنىڭ ئېنىق  ھۆكمى شۇكى «ھەر بىر ئىنسانغا پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغىنى مەنسۇپتۇر»  ھەدىستە« قانداق بىر ئادەم ئىسلامدابىر ياخشى ئىشنى يولغا قويغان بولسا (باشلامچىلىق بىلەن قىلسا ئاندىن باشقىلار ئەگەشسە )باشلامچىلىق قىلغۇچىغا شۇ ياخشى ئىشنى ئەگىشىپ  قىلغانلارنىڭ ساۋابى بولىدۇ. ئەگىشىپ قىلغانلارنىڭ ساۋابىمۇ كىمەيتىۋىتىلمەيدۇ...»دىيىلگەن. يەنە«بىرئادەم ئۆلسە ئۇنىڭ ئەمىلى ئۈزۈلىدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا،ئۈزۈلمەس سەدىقە، پايدىلىق ئىلىمدىن ئىبارەت ئۈچ ئەمەل ئۈزۈلمەيدۇ» دىيىلگىنى بويىچە  ھەر بىر ئادەم پەقەت ئۆزى قىلغان ياكى سەۋەپچى بولغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. ھەرگىزمۇ يات بىر ئادەملەرنىڭ  مېيىتقا ئاتىغان ئەمەللىرىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.(ئەمما ھەرقانچە يات ۋە  ئالاقىسى بولمىغان ئادەم بولسىمۇ مۇسۇلمانلا بولسا ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئاقىلسا ، اللە ئۇدۇئانى ئىجابەت قىلسا ئاندىن ئۇكىشىگە پايدىسى يىتىدۇ. بۇ پۈتكۈل ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن مەسىلە)..... يۇقۇرىدىكى ئايەت بۇنىڭ دەلىلى. ھەدىستە سورالغان مەسىلە دەل مېيىتنىڭ پەرزەنتىلىرى ھەققىدىكى جاۋاپتۇر. بۇ ھەدىسنىڭ تىكىستىدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. . شۇڭا ياخشى پەرزەنت قانداقلا بىر ياخشى ئەمەلنى قىلسا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىركىشىلىك ساۋاپ يىتىپ تۇرىدۇ.(ئۇكىشى ئاتا-ئانىسىغا ئاتىمىسىمۇ بەرىبىر)چۈنكى مېيىت ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كىلىشىگە ھەم شۇنداق ياخشى ئادەم بولۇشىغا سەۋەپچى بولغاندۇر. ئەمما سىزنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىڭىزغا سەۋەپچى بولمىغان بىرىگە ساۋابلىرىڭىزنى بىرىۋەتسىڭىزمۇ بۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.بەزىلەر تېخى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى  رەسۇلۇللاغا بەخشەندە قىلىش ئارقىلىق رەسۇلۇللانىڭ شاپائىتىگە ئىرىشمەكچى بولىدۇ.ھالبۇكى بۇمۇ رەسۇلۇللا بۇيرىمىغان ،ساھابىلارمۇ قىلمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. ئالاقىسى بولمىغان ئادەملەرگە ساۋابىنى ئاتاشمۇ ئوخشاشلا بىدئەت.رەسۇلۇللانىڭ ئۈممىتى قانچىلىك ۋە قانداق ياخشى ئىش قىلسا رەسۇلۇللاغا بىركىشىلىك ساۋاپ يىتىپ تۇرىدۇ. چۇنكى ئۇزات بىزنىڭ ھىدايىتىمىزگە سەۋەپچى بولغان. ساۋاپ ئىشلارمۇ ،گۇنالىق ئىشلارمۇ ئاشۇنداق تورلاشقان. مەيلى بەخشەندە قىلامسىز ياكى قىلمامسىز بەرىبىر.سىز قانداق بىرئىشقا سەۋەپچى بولسىڭىز مەيلى سىز نەدىلا بولماڭ ئۇنىڭدىن بىركىشىلىك نىسىۋە سىزگە يىتىپ تۇرىدۇ. مەيلى تونۇشۇڭ مەيلى تونۇشماڭ بەرىبىر. خۇددى   قاچان،قانداق يەردە بىرئادەم ناھەق ئۆلتۈرۈلسە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسىغا بىركىشىلىك گۇناھ يېزىلغاندەك. شۇڭا ھەر بىر ئادەم  ئىمكانقەدەر پايدىلىق ئىلىم قالدۇرۇپ كىتىشى ،ياكى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىلىشى ۋەياكى جەمىيەتكە،مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىش ھەركەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن ئۈزۈلمەس سەدىقە قالدۇرۇپ كىتىشى،  بۇنى قىلالمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزى ئۆلگەندىن كىيىن دۇئا قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن ئۇلاردا ياخشى تەسىر،ياخشى نام قالدۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم. بۇنچىلىك ئىشمۇ قىلالمىسا اللەنىڭ رەھمەت ۋەمەغپىرىتىنى ئۈمىت قىلىشتىن  باشقا ئامال يوق.  اللە ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن. قۇرئان ۋە ھەدىسنى توغرا چۈشىنىشنى ،شەرىئەتتە يوق ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولماي ئاساسى بار ئىشلارنى قىلىشنى نىسىپ قىلسۇن.
[ sayram0998تەرىپىدىن2010-10-01 19:42قايتا تەھرىرلەن ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.