ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر:
قالدۇرغان ئادرىستىن ھۇكۇملەرنى كۆردۇم. ئەمما ئۇنىڭدە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانماپتۇ. بەلكى بەزەن ئالىملارنىڭ كۆز قارشىنى سۆزلەپتۇ. ھەتتا ئۇنىڭدا قەبرىستاندا 3كۇن قۇرئان ئۇقۇلسا بۇلىدۇ دىگەن پەتىۋانىمۇ بىرىپتۇ.
بەزى كىشىلەرنى ساھابىلەر قاتارىغىمۇ كۈتۈرۋېتىپتۇ. مەسلەن [الشيخ الدردير ]بۇ كىشىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن دەپ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى پەقەت ساھابە ئىكراملار ئۈچۈنلا دەيمىز.
بەس.............
مەن سىزگە ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ بىر جۇملە سۈزىنى ھەديە قىلاي.
كىشىلەر ئۇ كىشىگە:ئەگەر سىزنىڭ پەتىۋايىڭىز رەسۇلۇللەنىڭ سۈزىگە زىت كەپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
-ئىتتىرۋېتىڭلار(يەنى مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتىبارغا .ئالماڭلار)
-ساھابىلەرنىڭكىگە زىت كەپ قالسىچۇ؟
ئىتتىرۋېتىڭلار.
تابىئىنلارنىڭكىگە زىت كەلسىچۇ؟
ئۇلار ئەركەك بولسا مەنمۇ ئەركەك.
ئىمام شافىيمۇ مىنىڭ سۈزۈم رەسۇلۇللەنىڭ سۈزىگە زىت كەپ قالسا مىنىڭ سۈزۈمنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار دىگەن
قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كۆرىلمىگەن. پەيغەمبىرىمىز قەبرىستاندا پەقەت مىيىت ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغان. ۋە شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان. ئەگەر قۇرئان ئۇقۇلسا پايدىسى يىتىدىغان ئىش بولسا ئەلۋەتتە تاغىسى ھەمزە(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) گە ئۇقۇيتتى.چۇنكى ئۇنىڭ ئۇلۇمىدەك ھېچ بىركىشىنىڭ ئۇلۇمى رەسۇلۇللەقا ئېغىر كەلمىگەن. قېرىندىشى ئوسمان ئىبنى مەزئۇن ئۇلۇپ كەتكەندىمۇ قۇرئان ئۇقۇمىغان پەقەتلا بىر دانە تاش قۇيۇپ قويغان(نىشانە قىلىش ئۇچۇن)
يەنە ئىسلام دەۋەتچىسى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير شەھىد بولغاندىمۇ قۇرئان ئۇقۇمىغان.
سىز توغرا دەپ قاراۋاتقان قۇرئان ئۇقۇش ئەگەر پايدىسى يىتىدىغان بولسا رەسۇلۇللە ئۇنى بىلمەسمىدى؟ ياكى قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇڭلار دىيىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ(ئاللاھ ساقلىسۇن) بۇ پەقەتلا بىدئەت ئىش. چۇنكى بۇ ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە سابىت بولمىغان.
سىز قەلدۇرۇپ قويغان ئۇ توردا يەنە مىيىتقا ناماز ئۇقۇپ قويسا بۇلىدۇ قۇرئان ئۇقۇپ ساۋابىنى ئاتىسا بۇلىدۇ دەپ بارئىكەن.
ئۇلارنىڭ دەلىلى ساھابە سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس ئانىسى ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلىش ئۇچۇن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا سەدقە قىل دىگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلىشىدىكەن.
بۇ ھەدىس توغرا ئەگەر سىزنىڭ قارشىڭىزدىكىدەك ناماز ئۇقۇش توغرا قۇرئان ئۇقۇپ ساۋابىنى ھەديە قىلسا مىيىتقا يىتىدىغانلىقى راست بولسا پەيغەمبىرىمىز بۇنى نىمىشقا ئۇ ساھابىگە دىمەيدۇ؟ ياكى پەيغەمبىرىمىز ئۇقماسمۇ؟ پەقەتلا سەدقە قىل دەيدۇ؟
رەسۇلۇللە مىيىتقا پايدىسى يىتىدىغان ئۇچ ئىشنى يەتكۇزدى. سىز ئەرەپ تىلدىكى الا نىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ؟ ئۇ ھەدىستە مىيىتقا ھېچقانداق نەرسە پايدا يەتكۇزەلمەيدۇ مۇشۇ ئۇچ ئىشتىن باشقا دەپ ،سەدقە جارىيە،پايدىلىق ئىلىم،سالىھ بالا دىگەننى زىكرى قىلمىغانمۇ؟
بىز ھەقىقى ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە دەيدىكەنمىز پەيغەمبىرىمىز بۇيرىغاننىلا قىلىمىز .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئەھلى كىتابلار 71 پىرقىغە بۇلنىدۇ مىنىڭ ئۇممۇتۇم 72 پىرقىغە بۇلنىدۇ. ئۇلاردىن بىر پىرقىلا نىجات تاپقۇچى پىرقىدۇر. دىگەن كىشىلەر يا رەسۇلۇللاھ كىم ئۇ نىجات تاپقان پىرقىلەر دىگەندە<مىنىڭ يۇلۇمدا ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يۇلىدا ماڭغانلار> دەپ جاۋاب بەرگەن.(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)
مانا بۇ ئەقىل ئىگىلىرى ئۇچۇن يىتەرلىك دەلىل.
ئاللاھ ھەممىمزىنى نىجات تاپقان پىرقىلەر قاتارىدىن قىلۋەتسۇن.