ئىسلام دىنى ئايال كىشىنى يۈزىنى يۆگەشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئىشلەش ۋە ئىلىم ئۆگىنىشتىن چەكلەيدۇ» دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە.
ئىسلام ئەر - ئايالنى ئوخشاش ئۇلۇغلايدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىسى شۇكى، ئايال كىشى روھى كېسەل، ئۇياتسىز ئەرلەرنىڭ قالايمىقان چېقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىسمىنى يۆگەشكە بۇيرۇلدى. شۇنداقتىمۇ، ئىسلام ھىجاپقا رىئايە قىلغان ئاساستا ئايال كىشىنىڭ شەخسىيىتىنى بىلدۈرىدىغان يۈزىنى، ئىش - ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولماسلىقى ئۈچۈن ئىككى ئالقىنىنى ئوچۇق قويۇشقا رۇخسەت قىلغان. ھىجاپ ئايال كىشىنى ئەدەپ - ئەخلاق دائىرىسى ئىچىدە بولۇش شەرتى بىلەن گۈزەل كېيىنىشتىن چەكلىمەيدۇ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىپ، پىتنىگە سەۋەب بولمىسىلا بولدى.
ھىجاپ ئىسلام ۋە خرىستىئان دىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان پەزىلەتتۇر. ئىنجىل ئايال كىشىدىن نامازدا چېچىنى يۆگەشنى تەلەپ قىلىدۇ (11 - ئىسھاھ بولىسنىڭ كورىنتوسقا يازغان خېتىدىن). خرىستىئان راھىب ئاياللار چېچىنى يۆگەيدۇ، ۋاتىكان پوپى ھەرقانداق بىر ئايالنى قوبۇل قىلسا، ئۇ ئايال رەئىسنىڭ ئايالى بولسۇن ياكى مەشھۇر ئايال بولسۇن، چېچىنى يۆگىشى شەرتتۇر.
ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەققدىن چەكلىمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىلىم تەلەپ قىلىشنى پەرز قىلىدۇ. ھەتتا مۇسۇلمانچىلىقمۇ ئوقۇپ، ئۆگەنمەستىن قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا : ﴿بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر﴾() دېيىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىرىشنىڭ شەرتى بولغان شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلمەستىنلا ئېيتىپ قويۇش بىلەن قوبۇل بولمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئوقۇش، ئۆگىنىش ھەر بىر ئەر - ئايال مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»() دەپ كەسكىن ئېيتقان.
ئىسلام دىنىدا ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش پەرزى ئەر ۋە ئايال ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا بۇيرۇلغان پەرز بولغىنىدەك، ئەر - ئايال ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر.
ئىسلام تارىخى بىزگە ئىسلامىي ئىلىملەر، ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيەتتە داڭق چىقارغان نۇرغۇنلىغان ئاياللارنى تونۇشتۇرىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئايەت ۋە ھەدىسلاردىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرالايدىغان ئالىم ئىدى. كۆپلىگەن ساھابىلار ئۇنىڭدىن ھەدىسلارنى رىۋايەت قىلغان ۋە كۆپلىگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگەنگەن. ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇستا خەتتات ئىدى.
ئەمما ئاياللارنىڭ ئىشلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، (1)ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئىشلىشىنى ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسمايدۇ. ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ مۇناسىپ ئىش ياكى خىزمەت تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە. جۈملىدىن ئىسلامدا ئاياللارنى ئىلىم تەلەپ قىلىش ياكى ئىشلەشتىن توسىدىغان بىرمۇ دەلىل يوقتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئاياللارمۇ جىھادلارغا قاتنىشىپ يارىدارلارنى داۋالاش، تېڭىش ۋە ئالدىنقى سەپتىكىلەرنى كېرەكلىك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەشكە ئوخشىغان ئۆزلىرىگە مۇناسىپ خىزمەتلەرنى قىلاتتى.
ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىرقى زاماندا بەزى جەمئىيەتلەردە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزى، ئالقانلىرىنى نىقابلىشى شۇ جەمئىيەتنىڭ شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىدۇر. چۈنكى ئايال كىشى ھەج قىلغاندا كەبىنى تاۋاپ قىلىش جەريانىدا يۈزى ئوچۇق تاۋاپ قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ياغلىق ئارتىش ئايال كىشىنىڭ ئىشلەش، ئىلىم ئۆگىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ دېيىش ھېچقانداق ئاساسىي يوق قۇرۇق دەۋادۇر. تەجرىبىلەر بۇنداق ئىغۋالارنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى. ياغلىق چەگكەن مۇسۇلمان ئاياللاردىن كۆپلىرى ئىلمىي ساھەلەردە ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە يەتكەن، خىزمەت ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن ئىجادىيەت، كەشپىياتلارنى ياراتقان، مائارىپ، مېدىتسىنا، سېسترالىق ۋە مەمۇرىي ئىشلاردا كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتقان. ھېچقاچان ئۇلارنىڭ ياغلىقى خىزمىتىگە توسالغۇ بولمىغان.