باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5968 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىيىتلەرئۈچۈن ناماز ئۇقۇش(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 17:57

مىيىتلەرئۈچۈن ناماز ئۇقۇش(ھەمزە)

                                                   

مەن ئانام ئۇچۇن  ھەر ئەتتىگەنلىكى بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇيتتۇم. ۋە ئۇ نامازنىڭ ساۋابىنى ئانامغا ھەديە قىلاتتىم.ھەم كۇنى بىر پارە قۇرئان ئۇقۇپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئانامغا ئاتايتتىم.
بىر كۇنى بىرسىدىن مەن قىلغان ئىشلارنىڭ بىدئەت ئىشلار قاتارىغا كىردىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ۋە قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم.
ماترىيال كۆردۇم،ئەمما ھېچقانداق يەردە مەن قىلغاندەك ئىشلارنى رەسۇلۇللە قىلمىغانلىقى،ۋە ساھابىلەرگە بۇيرىمىغانلىقىنى بىلدىم.
ھەم مۇشۇ ئىشقا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سەئۇدىيدىكى ئالىملاردىن پەتىۋا ئېلىش ئۇچۇن ئىزدەندىم.
skaype  دا تۇنۇشۇپ قالغان سەئۇدىينىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق بىرئەرەپ قېرىندىشىمىزغا مەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بايان قىلدىم.
ئۇ ماڭا : مەن سەن ئۈچۈن ئىزدىنىمەن. ئاللاھ خالىسا پات يېقىندا سەن ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىرشەلەيسەن دىدى.
ئاردىن كۆپ ئۆتمەي ماڭا بىر تور بەتنىڭ ئادرىسنى ئەۋەتتى. ۋە: سەن بىلمەكچى بولغان نەرسە شۇ ئادرىستا بار دىدى.
مەن ئۇنى ئۇقۇپ راسلا مىنىڭ قىلغان ئىشىمنىڭ ئىسلامدا ئورنى يوق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەمدە باشقا قېرىنداشلىرىمغىمۇ بۇنى يەتكۈزۈش خىيالىغا كەلدىم.
مەن ئۇ بەتتىكى ئىبارىلەرنى ئۆزئەينى تەرجىمە قىلىپ قۇياي.

بۇ شەيىخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋاسى.

سۇئال:مەن قانداق بىر ۋاقىتتا نامازدىن  بىرقانچە رەكئەت ئۇقۇسام ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مىيىت ئۈچۈن ئاتىسام توغرا بۇلامدۇ؟ئۇنىڭ ساۋابى مىيىتقا يىتەمدۇ ياكى يەتمەمدۇ؟

جاۋاب: سىز ئۇقۇغان نامازنىڭ ساۋابىنى مىيىتقا ھەديە قىلىشىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى ئۇ بىدئەتتۇر. چۇنكى ئۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ۋە ساھابىلاردىن كۆرۇلگەن ئىش ئەمەس.
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام «قانداق بىر كىشى بىزدە يوق ئىشنى پەيدا قىلسا ئۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ››(رواە البخاري ومسلم)

سۇئال:ئەگەر قۇرئاننى باشتىن ئاخىر ئۆيدە ياكى مەسجىددە ئۇقۇسام ،ئاندىن مىيىتقا قۇرئان ئۇقۇغۇنىمنىڭ ساۋابىنى ھەديە قىلسام ،ئۇنىڭ ساۋابى يىتەمدۇ ياكى يەتمەمدۇ؟ ۋە سۈرە پاتىھەنى ياكى باشقا قۇرئان ئايەتلىرىنى قەبرە ئۇستىدە ئۇقۇسام توغرىمۇ؟

جاۋاپ: قۇرئان ئۇقۇش ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ئاتاش دۇرۇس ئەمەس. ۋە قەبرە ئۇستىدە قۇرئان ئۇقۇشمۇ ھەم دۇرۇس بولمايدۇ.

بۇ ئەرەپچىسىنىڭ ئۈزى



مانا يۇقارقى سەئۇدىينىڭ پەتىۋاچىسى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى.
پەيغەمبىرىمىز پەقەتلا مىيىت ئۇچۇن سەدقە قىلىش،ھەج قىلىپ قۇيۇش،قېپقالغان قازا رۇزىسى بولسا ئۇنى تۇلۇقلاپ تۇتۇپ قۇيۇش توغۇرلۇق مەلۇمات بەرگەن. يەنى رۇخسەت قىلغان.
بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەنلەر ،يەنى قۇرئان ئۇقيدىغانلار قەبرە بېشىدا ،ناماز ئۇقۇپ ساۋابىنى ئاتايدىغانلار رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە قىلىنمىغان ئىشتىن بىرنى پەيدا قىلغان بۇلىدۇ دە بۇ ئىش بىدئەت بۇلىدۇ.
پەيغەمبىرىمز بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق دىگەن.
ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەت ئىشتىن يىراق قىلسۇن.!




ئېې!!!ئۇيغۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1752
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 1005 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2011-07-17
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-01 18:31

ھەمزە   رەخمەت سىزگە    ھارمىغايسىز!