باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 529 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشتىكى ئۈچ خىل خاتالىق
ئەخلاق ئادەم زىننىتى .
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 92
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 258
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
ئۆسۈش: 668 %
مۇنبەر پۇلى: 1367 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-08 13:43

دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشتىكى ئۈچ خىل خاتالىق

گۈرۈچ، ئۇن، قارا ئاشلىق قاتارلىقلار دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولۇپ، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى . ئەمما تۆۋەندىكىدەك خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىش لازىم: گۈرۈچ، ئۇن قانچىكى ئاق بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك . نۆۋەتتە ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغاچقا، گۈرۈچ ۋە ئۇن يۇقىرى دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەنمەكتە. ئوزۇقلۇق ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دانلىق زىرائەت سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ كېپەك، ئالېئورۇن قەۋىتى، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتى دەپ تۆت بۆلەككە بۆلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشىمايدۇ. كېپەك سېلليۇزا ۋە يېرىم سېلليۇزا، مېنېرال ماددىلاردىن تەركىب تاپقان. ئالىئورۇن قەۋىتىدە ئاقسىل ۋە B تۈرىدىكى ۋېتامىن بار. تۆرەلمىدە ۋىتامىن B ۋە ۋېتامىن E مول، يەنە ياغ، ئاقسىل، كاربون سۇ بېرىكمىلىرى ۋە مېنېرال ماددىلار بار. تۆرەلمە سۈتى تەركىبىدە كراخمال ۋە ئاز مىقداردا ئاقسىل بار. شۇڭا ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ، كېپەك ۋە ئاللېئورۇن قەۋىتىنى كۆپلەپ چىقىرىۋېتىش، ئەمەلىيەتتە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.
   گۈرۈچ، ئۇن، ياڭيۇ قاتارلىق تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار يېمەكلىكلەر ئاسان سەمىرتىدۇ دەيدىغان خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. سەمىرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئېنېرگىيىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى. ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل ۋە ياغدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ئىچىدە ئېنېرگىيە ئېشىپ، كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرىراقى ياغ.
    ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى قانچە ئاز يېسە، شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. گۈرۈچ ۋە ئۇن تائاملىرى تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بەدەندە گليۇكوزىغا ئايلىنىپ، قانغا كىرىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر قان قەنتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ دائىم گۈرۈچ، ئۇن تائاملىرىنى ئاز يەيدۇ. ئەمما كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئورگانىزىم خىزمىتىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، بەدەن ئاسان پايدىلىنالايدۇ. ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ، بەدەندە يىغىلىدۇ.
مەنبە : سەمەر تورى .
 
كىبىر ئەقلى كەمتۈك كىشلەردە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك .