كومپىيوتېر cmd بۇيرۇقلىرى توغرىسىدا (چوقۇم ئۈگىنىۋىلىڭ)
كومپىيوتېر cmd بۇيرۇقلىرى دېگىنىمىز ، باشلاش ئىستونىدىكى قارا ئىكرانلىق تاختىغا ئۇرۇلدىغان بۇيرۇقلار بولىدۇ . بەزى چاغلاردا سىز كومپىيوتېردا بېۋاستە قىلالمىغان ئىشلىرىڭىزنى cmd بۇيرۇقلىرى ئارقىلىق ئورۇنداپ چىقالايسىز. ئەمسە بۇيرۇقلىرىنى بېسىپ سېناپ بېقىڭ .
mem.exe ---- ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
drwtsn32 ---- بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق كومپىيوتېر دوختۇرىنى ئىكرانغا چىقارغىلى بولىدۇ.
syskey --- سىستىما مەخپى نۇمۇر كېرگۈزگۈچ بولۇپ ، بۇنىڭدا كېرگۈزۈلگەن مەخپى نۇمۇرنى يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ ، windows xp نىڭ قوش مەخپى نۇمۇرى بولۇپ ساقلىنىدۇ.
tsshutdn ---- ئاتمىش سىكونىتتىن كېيىن كومپىيوتېر ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالىدۇ.
eventvwr ---- كومپىيوتېردا بولۇۋاتقان ئىشلارنى تەكشۈرۈش.
regedt32 ---- تېزىملىتىش تېزىملىكىنى ئۆزگەرتىش .
Nslookup ---- كومپىيوتېر IP ئادىرسىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى.
msconfig ---- بۇ يەردىن كومپىيۇتېر قوزغالغاندا بىللە قوزغىلدىغان پىروگىراممىلارنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
ping ---- بۇيرۇقى قارشى تەرەپنىڭ تور سۈرئىتىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
netstat ---- بۇيرۇقى كومپىيوتېر ئىچكى ئىشلىتىلىش ئەھۋالى.
بۇ بۇيرۇقلارنى تېز ئىشلىتىشتە كومپىيوتىرىڭىزنىڭ 开始 تىزىملىكىنى چىكىپ ئاندىن 运行 نى قوزغىتىسىز ، ئاندىن چىققان رامكىغا كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ