باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3017 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەركەكلەرگە(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-29 13:02

ئەركەكلەرگە(ھەمزە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. تۇۋەندە ھەممە ئەركەكلەر جۇملىدىن ھەقىقى مۇسۇلمانلار دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.



زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئاسانلاشتى،يىراق يوللار يېقىنلاشتى. بۇ ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى نۆۋەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇنىڭ پايدىسى بىلەن بىرگە زىينىمۇ ناھايتى كۈرنەرلىك بولدى. ئەڭ خەتەرلىكراق بولغىنى يالغانچىلىق قىلىش.بۇ توغرىدائالدىنقى قېتىمىلىق تىمىدا توختالغان ئىدۇق ئۇ چاغدىكىسى يانفۇندىكى ئىدى. ھازىرقىسى بولسا ئىنتېرنىتتكىسى بۇ يانفۇندىكىدىنمۇ يامانراق. ئىنتىرنىتتىكى يالغانچىلىق بولسا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئالداپ ئۈزىگە قارتىۋېلىپ باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئېلۋالىدىغان ئۇزى ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان ئىشسىز بولسىمۇ ئۇزىنى {مەن ئۇنداق سودىگەر مۇنداق باي مۇنداق خىزمىتىم بار مائاشىم مۇنچىلىك. باللا ئىشلەۋاتىدۇ مەن يوقنى تېپىپ بىرىپ ئوينايمەن. تور ئىشخانامدىلا، مەن تېخى توي قىلمىغان.ئايالىم يوق} دەپ قەغەز ئايروپىلاندا ئۇچۇپ يالغاننى بۇلىشىغا سېلىپ باشقىلارنى ئالداپكىتىۋاتقانلار بەكمۇ كۆپ


 . بۇ يالغانچىلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئايالى بار تۇرۇپ ئايالىم يوق دىيشى. چۇنكى ئەرلەرنىڭ بۇنداق دىيشى ئارلىقتىكى نىكاھقا تەسىر يەتكۇزىدۇ . توردىكى ئەخلاقسىز نايناق بىر نىمىلەر ئۇچۇن ئايالىم يوق دەپ يالغان ئېيتىشىڭىز بۇ تۇلىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر. سىزدىن ئايالىڭىزنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغان يەردە ئەلۋەتتە باشقىلاردىنمۇ سۇرايدۇ. سىزدىن باشقا يەنە قانچىلىغان ئەرلەرگە ئايالىڭىز بارمۇ دىگەندۇ. قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن كۇرۇپ بولغاندۇ. قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن... ..
ھەقىقى ئەخلاقلىق قىزلا توردا بۇنداق بىمەنە گەپ-سۆزلەرگە ۋاختىنى ئىسراپ قىلىپ يۇرمەيدۇ

. قېرىندىشىم. ئۇزىڭىزنى ھەقىقى ۋىجدانىڭىز بىلەن تەكشۇرۇپ بېقىڭ ئايالىڭىز ئۇيىڭىزدە بالىلىرىڭىزنى بېقىپ كىرلىرىڭىزنى يۇيۇپ،ئۆيلەرنى تازلاپ يۇرسە سىز سىرتلاردا تورلاردا قانداقتۇر بىر يولدىن چىققان بىر نىمىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ يۇرسىڭىز سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز قانداق ۋىجدان؟؟سىزنىڭ ئىمانىڭىز قانداق ئىمان؟؟ كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ.

 رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن{ئۇچ ئىش بار راستىمۇ راست، چاخچىقىمۇ يالغىنىمۇ راست. ئۇلار بولسا نىكاھ،قەسەم.تالاقتىن ئىبارەتتۇر } دىگەن شۇنداق بولغانىكەن سىز يالغاندىن ئايالىم يوق دەپ قويسىڭىزمۇ تالاق بۇلىۋېرىدۇ. سىز بۇنى بىلمەي ئايالىڭىز بىلەن بىرگە تۇرىۋېرىسىز شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭىز ھارام، ئايالىڭىزغا قارىشىڭىز ئۇنى تۇتىشىڭىز....... ھەممىسى ھارام. چۇنكى تالاق ھالال ئايالنى ھارامغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ. بالىڭىز بولسا ھارامدىن بولغان بۇلىدۇ.ھارامدىن بولغان بالا جەمىيەتكە بىر بالايى ئاپەت بۇلىدۇ. شۇڭا ھەممىڭلارغا دەيدىغىنىم مەيلى توردا ياكى ئىجتمائىي جەمىيەتتە بولسۇن ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭلار سىلەر ھەممىڭلار باشلانغۇچنىڭ 1.يىللىقىدا يالغانچى بالىنىڭ ھىكايىسىنى ئۇقۇغانغۇ دەيمەن. رەسۇلۇللە {يالغانچى مىنىڭ ئۇممىتىم ئەمەس}دىگەن . رەسۇلۇللەنىڭ ئۇممىتىدىن چىقىپ كىتىش بىر ئادەم ئۇچۇن يىتەرلىك زىيان. اللە ھەممىمىزنى يالغانچىلىقتىن ساقلىسۇن


مەنبە....... ھەمزە
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-29 15:43

ئىشلىتىش
引用第1楼rayhan于2010-09-29 14:34发表的 :
ياخشىكەن بىلۋالدۇق ....نىمە دىگەن ئىنچىكە مەسىلە بۇ؟ئۇخماستىن دەپ قۇيغانلار بولسا ،بىردەملىك ئاچىقىدا دەپ قويغانلار بولسا يەنە ھۇكۇم ئوخشاشمۇ؟مەجبۇرى ئاساستا خېتىنى بەردىم دەپ قۇيۇپلا يەنە مىنۇت ئوتمەي ياخشىلاشسا يەنە ئوخشاش بۇلامدۇ؟......بىلۋالساق .....


تالاق سۈزى مەيلى ئۇقۇپ دىسۇن مەيلى ئۇقماي دىسۇن ھىساب بۇلىدۇ. بەزى ئالىملار ئاچچىقى كەلگەندە قىلغان گۇناھ سۈرۈشتۇرۇلمەيدۇ دەيدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئالىملار بۇ سۆزنىڭ ئىتىبارسىزلىقىنى قەيت قىلدى. مەسلەن بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۇرغان بولسا ئۇ ئۇرغۇچى ئادەم قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە ئاندىن ئۇرىدۇ. بەزىلەر دىگەندەك ئاچچىقى كەلگەندە قىلغان گۇناھ سۈرۈشتۇرۇلمىسە باشقىلارنى ئۇرغان،ۋە تىللىغان،چوڭراقى ئۆلتۇرگەن گۇناھلار سۈرۈشتۇرۇلمىسە بۇلىدۇ. ئەمما بۇ شەرىئىتكە ئۇيغۇن ئەمەس. يەنى ئاچچىقى كەلگەندىمۇ قىلغان گۇناھلىرىدىن سۇرىلىدۇ.
 پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مىنىڭ ئۇممىتىمدىن مەجبۇرلانغانلىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق سەۋەبلىق قىلغان گۇناھلار كەچرۇم قىلىندى دىگەن.
ئەمما مەجبۇرلاش ئىككى خىل بىرسى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەپ يەتسە يەنە بىرسى شۇ ئادەمنىڭ پۇتۇن مال بىساتىغا تەسىر يەتسە.
مانا مۇشۇنىڭدىن باشقا مەجبۇرلاشلار قاتارغا ئېلىنمايدۇ
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-29 16:20

توۋۋا.............. ئەركەكلەرگە دەپ ماۋزۇ قويمىغان بولسام نىمىش بۇلار ئىدى ھە............ قارغاندا ھەقىقى ئەركەكلەر ئاز قالغانمىدۇ بۇ مۇنبەردە.؟
ئايال قېرىنداشلىرىمىزلا كىرىپتۇغۇ......................
مەن قايسى بىر پەيلاسوپنىڭ ھازىر ئەركەكلەر ئاز قالدى دىگىننى ئەمدى چۇشەنگەندەك بولدۇم.............
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 13:23

Re:3(hamza)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئىشلىتىش
引用第9楼rayhan于2010-09-29 21:14发表的 3(hamza)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :
بۇ ھۇكۇملەرنى دەسلەپ ئۇخمىغان (چۇشەنمىگەن) بولسىچۇ؟چۇشەنگەندىن كېيىن دىققەت قىلىش كېرەك بۇلامدۇ ياكى؟
  چۇنكى تالاق ھۇكۇمنى سىز دىگەندەك كوپ ساندىكى ئادەملەر بىلمەيدۇ ...ئۇلار خىتىنى بەرمىسەملا مېنىڭ نىكاھىمدا دەپ قارايدۇ ...ئاندىن نىكاغا چۇقۇم گۇۋاچى كېرەك بۇلدۇ .تالاققا گۇۋاچى كېرەكمۇ ئەمەس؟


بىلمىگەنلىكتىن قىلغان گۇناھلارغا چىن قەلبىدىن تەۋبە قىلسا بۇلىدۇ. ئاللاھ خالىسا كەچۇردۇ خالىسا شۇ گۇناھى تۇپەيلى ئازاپلايدۇ.
ئەگەر يول چىقمايدىغان تالاق(ئۇچ تالاققا ئوخشاش) بۇلۇپ كەتكەن بولسا ئۇقماي ئولتۇرىۋەگەن بولسا كىيىن  ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلسە شۇ ھامان ئاجىرشىپ كەتسە بۇلىدۇ. ئەگەر ئۇچ تالاق بۇلۇپ كەتمىگەن بىر ياكى ئىككى تالاق بۇلۇپ كەتكەن بولسا ئۇلار خاتالىقىنى بىلگەن ھامان قايتا نىكاھ ئۇقۇتۇپ ئولتۇرسا بۇلىدۇ. قىلغان گۇناھىدىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيدۇ.

رەسۇلۇللەنىڭ دەۋرىدە بىر ئايال كىلىپ <مەن ھازىر ئەر خوتۇن بۇلۋاتقان پالانى ھەم پالانىنى ئىمىتكەن.ئۇلار ئىمىلدەش دىگەندە پەيغەمبىرىمز ئۇلارنى ئاجىرشىپ كىتىشكە بۇيرىغان. چۇنكى بۇنداق ئىمىلداشلارغا مەڭگۈ يول چىقمايدۇ.

نىكاھنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ قاتارىدىن نىكاھ ئۇقۇلغاندا گۇۋاھچىلارنىڭ بۇلىشى شەرت.
ئەمما تالاق قىلغاندا گۇۋاچى بۇلۇشى شەرت ئەمەس. تالاق سۈزى ئەرنىڭ ئاغىزىدىن چىققاندىن باشلاپ كۇچكە ئىگە. ئەر كىشى ئايالنىڭ تالىقىنى ئايالنىڭ ئۈزىگە دىسىمۇ ياكى بىراۋغا ھاۋالە قىلىپ قويسىمۇ بۇلىدۇ.