كاۋاپ بىلەن كولانى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلغاندا، كولا تەركىبىدىكى كوفېئىن پىشۇرۇلۇش جەريانىدا كاۋاپتا قالغان كاربوننىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىۋېتىپ ، بەدەندە ئېغىر دەرىجىدە كالىتسىي خوراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن خورىغان كالىتسىينى تولۇقلاش ئۈچۈن زور مىقتداردا سۆڭەك ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچەيدۇ ، بۇ خىل نورمالسىزلىق ئاسانلا سۆڭەك راكىنى پەيدا قىلىدۇ. كاۋاپنى يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە–چېۋىلەر بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق. كۆكتاتلاردىن پالەك، كەرەپشە، كاۋا ؛ مېۋىلەردىن ئالما، مايمۇن شاپتۇلى، لىمون قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنC ، ۋىتامىن B ، مىقدارى مول بولۇپ، ۋىتامىن C راك ھۈجەيرىسىنى پەيدا قىلغۇچى ئاممونىي نىتراتنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەيدۇ.
مەنبە:ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى