تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، بىلەكنى تەكرار ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى قىلىپ بەرسە، ئالىقان ۋە بارماق پەللىرى غىدىقلىنىپ، بىلەكنىڭ قان ئايلىنىشى راۋانلىشىپ ، مېڭىنىڭ يىگىلەپ قېلىشىنى كونترول قىلىش رولىنى ئپينايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. يېشى بىر قەدەر چوڭ، سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغان ياشانغانلار ھاۋالىق جايلاردا يېنىك دەرىجىدىكى ساغلاملىق ھەرىكىتى، مەسىلەن، قولىنى سوزۇپ ئايلاندۇرۇش، بەل تولغاش قاتالىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسە، مېڭە يىگىلەش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مېڭە يىگىلەشنى يېنىكلىتىش ھەم مېڭىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن، پېدىگەن، ماش، كەرەپشە، موگۇ، ئۈزۈم، ئالما قاتارلىقلار. ئادەتتە مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم سېرىقى، سېرىق پۇرچاق ياكى پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تېبابەتچىلىكتە، مېڭە بىلەن بۆرەك بىر مەنبەلىك ئەزا، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن بىر قىسىم بۆرەككە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، كۈدە، سامساق كۆكى، پىچەكگۈل، ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلار. ساقلاشمۇ چوڭ مېڭە بالدۇر زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ
مەنبە : سەمەر تورى .