باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 848 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاتتىق دىتاللارنى ئاسراشتىكى 19 خىل پىرىنسىپ
ئەخلاق ئادەم زىننىتى .
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 92
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 259
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە259دانە
ئۆسۈش: 668 %
مۇنبەر پۇلى: 1367 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-08 01:47

قاتتىق دىتاللارنى ئاسراشتىكى 19 خىل پىرىنسىپ

قاتتىق دىتاللارنى ئاسراشتىكى 19 خىل پىرىنسىپ
1. كومپىيۇتىرنىڭ IDE ئۈسكىنىلىرىنى ئۇلىغان چاغدا رەڭلەر ماس كىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۇلاش كېرەك. يەنى قىزىل باشنى قىزىل باش بىلەن ئۇلاش كېرەك.
2. قاتتىق دىتاللارنى ئاساسى تاختا ياكى باشقا ئۈسكىنىلەرگە چاتقاندا، ھەرگىزمۇ زورلاپ كىرگۈزمەڭ. چۈنكى كومپىيۇتېر ئۈسكىنىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ئۇنچىلىك كۈچ تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەت سىزدىن دىققەت بىلەن كىرگۈزىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر كىرمىسە، زورلاپ كىرگۈزىمەن دىمەي دەرھال خاتا بولۇپ قالدىمۇ، يىڭنىلەر ئېگىلىپ كەتتىمۇ دىگەنلەرنى تەكشۈرۈڭ.
3. ئادەتتە ئاساسى تاختىدىكى ھەر قايسى ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزلىرىغا ، رەڭلەر، سۈرەتلەر ياكى خەتلەر بىلەن بەلگە قويۇلغان بولىدۇ.(مەسىلەن: مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى دىگەندەكلەر) شۇڭا ئۇلاشتىن ئاۋال ئاساسى تاختىدىكى بەلگىلەرگە دىققەت قىلىڭ.
4. كومپىيۇتېر ئاساسى قېپىنى ئېچىپ، رىمۇنت قىلماقچى بولغاندا توك مەنبەسىنى ئۈزىتىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
5. قاتتىق دىتاللارنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشى سەۋەپلىك ئېكران يۇرۇمايدىغان ھادىسە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا، كۆرستىش كارتىسى، ئىچكى سىغىم كارتىسى قاتارلىقلارنىڭ كىرگۈزۈش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
6. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىراگراممىسنى قايتا قاچىلىغاندا ياكى كۆرسىتىش كارتىسىنى چىقىرىپ سالغاندا، ئىكراننىڭ يىڭىلاش چاستوتىسىنى قايتىدىن بەلگىلەڭ.(ئادەتتە 75 ئەتراپىدا قىلسا كۆزگە بەك زىيان قىلىپ كەتمەيدۇ.)
7. ئاساسى تاختىغا CPU نى ئورناتقاندا CPU نىڭ يۆلىنىشىگە دىققەت قىلىڭ. ھەرگىزمۇ مەجبۇرى كىرگۈزمەڭ.
8.توپا چاڭلادىن كۆرسىتىش كارتىسى، ئچىكى ساقلىغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ئالتۇن چىشى (金手指) ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق كېلىپ چىققان كاشىلىنى ھەل قىلىشتا ئالتۇن چىشنى ئۆچۈرگۈچ بىلەن سۈرتۈچ ياكى پاختىغا ئىسپىرت تەكگۈزۈپ ئاندىن سۈرتۈپ قايتا سالساق يورىمىغان ئىكرانلار يورۇپ كېتىدۇ.
9. ئاساسى تاختىدىكى قاتتىق دىسكىنىڭ چىرىقى لىپىلداپ يېنىپ تۇرغاندا ھەرگىزمۇ كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغاتماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئاسانلا بۇزۇق سىكتور ياكى رايۇنلار ئايرىش جەدىۋىلىدە خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.
10.قاتتىق دىسكا، يۇمشاق دىكسا، ئوپتىك دىسكا قاتارلىقلارنى ئورناتقاندا چوقۇم ۋىنتىلاپ ، مۇقۇملاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا دىسكا ئوقۇش ياكى باشقا تەۋرىنىشنىڭ قاتتىق دىتالغا بولغان ناچار تەسىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.   
11. ئەگەر سىزدە بىرتاللا ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا، ئامال بار CPU يېقىن يەردىكى ئوقۇرىغا سېلىڭ.
12.ئىكران ياكى ئوپتىك دىسكىلارنى تازىلىغان چاغدا ھەرگىزمۇ ئىسپىرىت ئىشلەتمەڭ. يۇمشاق رەخت ياكى يۇمشاق قەغەز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر چىقمايدىغان داغلار بولسا، ئاغزىڭىز ئارقىلىق ھورداپ، ئاندىن سۈرتسىڭىز ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
13. ئوپتىك دىسكا دىسكا قوزغاتقۇچتىن چىقماي تۇرىۋالسا، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچى ئۈستىدىكى يىڭنە تۆشۈگىدەك كېچىك تۆشۈككە يىڭنە قاتارلىق نەرسىلەرنى كىرگۈزۈپ ئېتتىرىش ئارقىلىق مەجبۇرى چىقىرىشقا بولىدۇ.
14. ئاساسى تاختا ئىچىدىكى ھەر خىل سىملارنى ئەڭ ياخشىسى بىرلەشتۈرۈپ باغلاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا ھاۋا ئۆتۈشۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
15. فوتۇ ئېلىكتىرلىك مائۇس (光电鼠标) نى كۈچلۈك نۇر ياكى نۇر قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولغان مائۇس تەگلىكى ئۈستىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
16. كومپىيۇتېرنىڭ CPU شامالدۇرغۇچىنى ئورناتقاندا ئۇنىڭ توك مەنبە سىمىنى ئاساسى تاختىدىكى CPU شامالدۇرغۇچى دىگەن ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلاڭ. بۇنداق بولغاندا CPU كۆيۈپ كېتىشنى ساقلاش بىلەن بىللە شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى BIOS كۆرۈنىدۇ.
17. يانفۇننى ئىكران ياكى ياڭرۇتقۇنىڭ يېنىغا قويماڭ. ئەگەر تېلفۇن كەلسە ياكى ئۇچۇر كەلسە، تەسىر قىلىدۇ.
18.ئەگەر كومپىيۇتېر نورمال ئىشلەۋىتىپ تۇيۇقسىز، ئۆچۈپ قالسا، قايتا ياندۇرسىڭىز 1-2 مىنۇتتىن كيىن يەنە ئۆچۈپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاساسى تاختىنى ئېچىپ، CPU شامالدۇرغۇچىنىڭ پىرقىراۋاتقان ياكى پىرقىرىمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.
19. كومپىيۇتېر ئاساسى قېپىنى بىر پەسىلدە بىر قېتىم ئېچىپ تازىلاشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋىلىڭ.


مەنبە :رازىمەن تورى .
كىبىر ئەقلى كەمتۈك كىشلەردە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك .
ئاز  بولساڭمۇ ، ساز  بول !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 148
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 89 %
مۇنبەر پۇلى: 359 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-08-31

تېمىڭزغا رەھمەت ، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.