باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13380 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇرئان دېسەم !
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-24 20:26

قۇرئان دېسەم !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما oglan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-25)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتىھۇ!

     ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان شائىر قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى سۇندۇم: << شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق، دەپ سۆزلەيدۇ. پەقەت ئېمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اللەنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا؛ زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ!>> ( سۈرە شۇئەرا 224-ئايەتتىن 227-ئايەتكىچە ).
     قېنى، قېرىنداشلرىم، ئەمدى ئۆزەڭلار ئۆزەڭلاردىن سوراپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر زادى قايسى تىپتىكى شائىر ئىكەنسىلە؟!...

قۇرئان دېسەم

ئۆمەر 



تىللىرىم سايرايدۇ بۇلبۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم،
قەدىمىم تېزلەيدۇ دۇلدۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم؛
كېلىدۇ لەرزىگە جىسمىم كۆرىنىپ مەھشەر كۈنى،
سېزىمەن ئۆزۈمنى بىر قۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم!


يايرىدى جانۇ-تېنىم، تاپتىم ئارام، قۇرئان دېسەم،
ھەيۋىتىدىن ياشلىرىم تارام-تارام، قۇرئان دېسەم؛
مەيلى پانىي، مەيلى باقىيدا يۈزۈم بولغاي يورۇق،
يەپ ھالالدىن، زەررىچە يېمەي ھارام، قۇرئان دېسەم!


نە كېرەك قامۇس، كىتابلار مەن ئەگەر قۇرئان دېسەم،
تەڭدىشى يوق چىن ھەقىقەت، شاھ ئەسەر قۇرئان دېسەم؛
بىر اللەتىن قورقىمەن، غەيرىگە پەرۋايىم پەلەك،
مەنزىلىم نۇرلۇق ھامان، يوقتۇر خەتەر قۇرئان دېسەم!...


مەنبە: ئۆزۈم
[ omerتەرىپىدىن2010-11-02 22:54قايتا تەھرىرلەندى ]
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-25 14:57

قېرىنداشلار ئىختىلاپلاشماڭلار............................
رەسۇلۇللەنىڭ بىر سەھىھ ھەدىسىدە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىچى شىئىرغا توشقاندىن يىرىڭغا تولغىنى ئەپزەل دىگەن.
ئەمما بۇ يەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئادەمنىڭ روھىنى ئۆلتۇرىدىغان كۆيدۇم پىشتىم شىئىرلىرى، يەنە ئاشىقىنى كۆيلەپ يازغان مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئىسلام قانۇنلىرىغا زىت كەلگەن شىئىرلار كۆزدە تۇتىلىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز نىڭمۇ شائىرى بولغان ئۇ شىئىر ئۇقۇشتىن تۇسۇلمىغان.  بەلكى پەيغەمبىرىمىز ھەسسانغا ساڭا پەرىشتىلەر ياردەم بىرىدۇ دىگەن. ھەسسان ئىبنى سابىت دىگەن ئوت يۇرەك شائىر ساھابە پەيغەمبىرىمىزگە شىئىرى ئارقىلىقمۇ ياردەم قىلغان.
چۇنكى قۇرەيش مۇشرىكلىرى شىرغا بەكلا ئۇستا ئىدى. ئادەتتىكى بىر ئولتۇرۇشلىرىدىمۇ شىئىر بىلەن سۆزلىشەتتى.ماختانسىمۇ شىئىر ئارقىلىق ماختىناتتى. بىرەسىنى سۆكسىمۇ شىئىر ئارقىلىق سۇكەتتى.
پەيغەمبىرىمىزنىمۇ شىئىر ئارقىلىق مەسخىرە قىلغاندا ھەسسان ئىبنى سابىت ئۇلارغا شىئىر ئارقىلىق رەددىيە قايتۇرۇپ رەسۇلۇللەنى ئۇلاردىن قوغدىغان.
بەرائىبنى ئازىپتىن رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبىرىمىز  ھەسسانغامۇنداق دىگەن‹‹سەن شىئىر بىلەن مۇشرىكلارنى مەسخىرە قىلغىن . جىبرىئىل(پەرىشتىلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۇچلۇك ۋە ئىشەنچىلىك پەرىشتە.ئۇ جىمى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن) سەن بىلەن بىللە›› دىگەن(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز ھەسسان ئىبنى سابىتقا ‹‹ئى ھەسسان سەن ئەبۇ بەكرى توغۇرلۇق شىئىر ئۇقۇمۇدۇڭمۇ ››دىگەندە ئەلۋەتتە ئۇقۇدۇم. دەپ تۇۋەندىكى شىرنى ئۇقۇغان.

  باشپانا بولغان غاردىكى ئەشۇ ئەبۇ بەكرىنى
تاپالماستىن كەتتى دۇشمەنلەر تاغقا چىققاندا ئۇنى،
  بىلدى ھەمدە رەسۇلۇللەنىڭ ئاشۇ دوستىغا
ئىنسانلارنىڭ ھېچكىشىنىڭ تەڭ كىلەلمەسلىكىنى.
بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرىمز راست دەيسە ئى ھەسسان دەپ ئۇنى ماختىغان.

مانا مۇشۇنداق شىئىرلار بولسا ئىسلام دىنى چەكلىمەيدۇ بەلكى رىغبەتلەندۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز خەندەك كولىغاندا ياكى مەدىنىدىكى مەسچىتنى سالغاندا  ساھابىلىرىگە ئەگىشىپ شىئىر ئۇقۇغان.

شىئىرلارمۇ مەزمۇنىغا قاراپ  ھارام،مەكرۇھ.مۇباھ،جائىز،... دەپ ھۇكۇم چىقىرىلىدۇ.
بەزىلىرىڭلار بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئوت يۇرەك شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرى توغرىسىدا باش قاتۇرۋېتىپسىلەر.
ئەگەر ئۇ شائىرلىرىمىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسا ياخشى مەزمۇنلۇق شىئىرلىرى ئۇچۇن ئەجىرگە ئىرشىدۇ.ئەمما ئۇلاردا دىننى قاراشتىن مىللەتچىلىك قارشى ئۇستۇن بولسا ئۇلار شەكسىز ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ. چۇنكى پەيغەمبىرمىز قانداق بىر كىشى مىللەتچىلىك دەۋاسى قىلىپ ئۇلۇپ كەتسە كاپىر ھالىتىدە ئۆلگەن بۇلىدۇ دىگەن.
ئىسلام قانۇنى ئۆزگەرمەس قانۇندۇر.ئۇ 1400يىل ئىلگىرى بىكىتىلىپ بولغان. بۇنىڭغا شەكتە بولغىچىلارنىڭ ئىمانى پالەچتۇر.
قېرىنداشلار ئۇلۇپ كەتكەنلەر ھاياتى دۇنيادا قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۇرۇپ بولدى. ئۇلارنى بۇ مۇنبەرگە سۆرەپ ئەكىرمەيلى. ئۇلار پەقەت بىزلەرنىڭ تالاش تارتىش قىلىشىمىزغىلا پايدىسى بۇلىدۇ.