باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13758 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇرئان دېسەم !
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5102 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-24 20:26

قۇرئان دېسەم !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما oglan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-25)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتىھۇ!

     ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان شائىر قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى سۇندۇم: << شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق، دەپ سۆزلەيدۇ. پەقەت ئېمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اللەنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا؛ زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ!>> ( سۈرە شۇئەرا 224-ئايەتتىن 227-ئايەتكىچە ).
     قېنى، قېرىنداشلرىم، ئەمدى ئۆزەڭلار ئۆزەڭلاردىن سوراپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر زادى قايسى تىپتىكى شائىر ئىكەنسىلە؟!...

قۇرئان دېسەم

ئۆمەر 



تىللىرىم سايرايدۇ بۇلبۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم،
قەدىمىم تېزلەيدۇ دۇلدۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم؛
كېلىدۇ لەرزىگە جىسمىم كۆرىنىپ مەھشەر كۈنى،
سېزىمەن ئۆزۈمنى بىر قۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم!


يايرىدى جانۇ-تېنىم، تاپتىم ئارام، قۇرئان دېسەم،
ھەيۋىتىدىن ياشلىرىم تارام-تارام، قۇرئان دېسەم؛
مەيلى پانىي، مەيلى باقىيدا يۈزۈم بولغاي يورۇق،
يەپ ھالالدىن، زەررىچە يېمەي ھارام، قۇرئان دېسەم!


نە كېرەك قامۇس، كىتابلار مەن ئەگەر قۇرئان دېسەم،
تەڭدىشى يوق چىن ھەقىقەت، شاھ ئەسەر قۇرئان دېسەم؛
بىر اللەتىن قورقىمەن، غەيرىگە پەرۋايىم پەلەك،
مەنزىلىم نۇرلۇق ھامان، يوقتۇر خەتەر قۇرئان دېسەم!...


مەنبە: ئۆزۈم
[ omerتەرىپىدىن2010-11-02 22:54قايتا تەھرىرلەندى ]
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 393
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2012-01-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-25 11:11

مېنىڭچە ، نۇرغۇن كۆپتۈرمىچىلىك ، ئوخشىتىش ، جانلاندۇرۇش ، سىموۋول قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ يۇغىرىلىپ چىقىلغان ۋە كۆپ يالغانچىلىق قوشۇلغان چوڭ بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇپ ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتالمىغاندىن سەمىمىيلىك بىلەن بىر ئېغىز ھەق گەپ ۋە ياكى بىر قېتىم توغرا ئەمەل قىلىش ئارتۇقتۇر .
ھەركىمنىڭ چۈشىنىشى ، قوبۇل قىلىشى ئوخشىمايدۇ . تېما يوللىنىپلا ھەرخىل پىكىر ئېقىمى شەكىللىنىپتۇ . بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىسام بولماس ، مەن ئوڭ قولۇمنىڭ باش بارمىقىنى كۆتەردىم .
ئەينى چاغدا ئەرەبلەر بىر - بىرى بىلەن بەسلەشمەكچى بولسا شېئىر - نەزمە ، قوشاق ئېيتىشىپ ئۈستۈنلىك تالىشار ئىكەن . يازغان شېئىر قوشاقلىرىنى بەيتۇللانىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇپ مەغرۇر يۈرەركەن . شۇڭا قۇرئاندا شائىر يازغۇچىلار مەسخىرە قىلىنغان ئايەتلەر بىر قانچە ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان . ئاللاھ ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سېھىر مۆجىزىسى( زېمىننى سېھرىگەرلەر قاپلاپ كەتكەن مەزگىل ) ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش مۆجىزىسى ( تىبابەتچىلىك تەرەققى قىلغان مەزگىل ) بەرگەنگە ئوخشاش ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەمگە ئىلمىيلىقى بەدىيلىكى جەھەتتىن بولسۇن ھېچ مەخلۇقات ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدىغان قۇرئان مۆجىزىسىنى بەرگەن . بىز قۇرئاننىڭ ساماۋىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك .
قۇرئاننىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرچىسى يوق ئىدى ، ھازىر بار . ئوقۇپ كۆرمىگەنلەر ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ تىرىشىپ كۆرگەي ، ئوقۇغانلار پىكىر  يۈرگۈزۈپ كۆرگەي .