باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13379 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇرئان دېسەم !
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-24 20:26

قۇرئان دېسەم !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما oglan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-25)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتىھۇ!

     ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان شائىر قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى سۇندۇم: << شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق، دەپ سۆزلەيدۇ. پەقەت ئېمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اللەنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا؛ زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ!>> ( سۈرە شۇئەرا 224-ئايەتتىن 227-ئايەتكىچە ).
     قېنى، قېرىنداشلرىم، ئەمدى ئۆزەڭلار ئۆزەڭلاردىن سوراپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر زادى قايسى تىپتىكى شائىر ئىكەنسىلە؟!...

قۇرئان دېسەم

ئۆمەر 



تىللىرىم سايرايدۇ بۇلبۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم،
قەدىمىم تېزلەيدۇ دۇلدۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم؛
كېلىدۇ لەرزىگە جىسمىم كۆرىنىپ مەھشەر كۈنى،
سېزىمەن ئۆزۈمنى بىر قۇلدەك گويا، قۇرئان دېسەم!


يايرىدى جانۇ-تېنىم، تاپتىم ئارام، قۇرئان دېسەم،
ھەيۋىتىدىن ياشلىرىم تارام-تارام، قۇرئان دېسەم؛
مەيلى پانىي، مەيلى باقىيدا يۈزۈم بولغاي يورۇق،
يەپ ھالالدىن، زەررىچە يېمەي ھارام، قۇرئان دېسەم!


نە كېرەك قامۇس، كىتابلار مەن ئەگەر قۇرئان دېسەم،
تەڭدىشى يوق چىن ھەقىقەت، شاھ ئەسەر قۇرئان دېسەم؛
بىر اللەتىن قورقىمەن، غەيرىگە پەرۋايىم پەلەك،
مەنزىلىم نۇرلۇق ھامان، يوقتۇر خەتەر قۇرئان دېسەم!...


مەنبە: ئۆزۈم
[ omerتەرىپىدىن2010-11-02 22:54قايتا تەھرىرلەندى ]
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
ئاز  بولساڭمۇ ، ساز  بول !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 148
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 89 %
مۇنبەر پۇلى: 359 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-08-31
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-25 14:36

<<قۇرئان كەرىم>> ھاياتىمدىكى ئەڭ بۈيۈك شىىئېريەت قامۇسى .
                                                                  - مۇختار بۇغرا