باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 23093 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەشقەردە قىزىق گەپلەر
كەڭ ساي تورى ياخشى ماكانىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 445
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 3468 %
مۇنبەر پۇلى: 4241 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2011-09-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-24 00:39

قەشقەردە قىزىق گەپلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما oglan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-25)
بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىللىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ :-''خاتالاشتىڭلار ،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ھەتتا بەزىدە دىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي''- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بىرىپ گەپنى باشلىدى....
*تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن"-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.

**بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :''ھاجېېېېېم، قايدا چىراق بولسا ماڭىتىلە''-دېگىدەك.
***ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە ''جام'' دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ ،'' بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ''-دىگىدەك.
***بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ:'' ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئوتۇرىۋالاملىيا''-دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، ''باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن''-دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :"ماڭ قايلىسا، ئېۋۇ چىكەدىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ ''- دىگىدەك.

قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟

باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.

ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
-600 كوي.
- 300 كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار.

قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماششىنا توختىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگراپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماششىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى.

"بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم."

بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: " ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟"

ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.

ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو.
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟

***********************************************************************
تىببى ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا قەشقەرلىق ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىش بىلەن قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق،ئاغىنەم "ئاداش ئىشىكنى ئىچىڭلار 'دىسە ياتاقتىكى بالا قەستەنگە چاقچاق قىلىپ "ياتاقتا ئادەم يوق "دىگەنتى .ئاغىنەم تۇرۇپ كىتىپ ئەمىسە ئىشەك بولسىمۇ بولىدۇ دىمەمدا...نەتىجىدە ئىشىك ئىچىلدى...

ئۆتكەن يىل 8- ئايدا ئىدارىدكىلەرنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئېلىپ بارغاندىكى قىزىق ئىش ئىسىمگە كەپقالدى : ھېيتگاھ بازىرى ئەتراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلاشقاندىن ئەتىسى كەچتە بىر ياتاققا بىللەن ئورۇنلاشقان خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ھېتگاھ ئەتراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۇق ، بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ بىنانىڭ ئالدىدا باركەن ئۈچىمىز بىرگە چۆگىلەپ خام بازىرى دىگەن يەرگە كەپقاپتۇق ، قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان يەرلىك شاپتۇلنى كۆرۈپلا ئۈچىمىز تەڭلا بىرىنچى باققالنىڭ ئالدىغان كىلىشىمىزگە :
- كەسە خېرىدار كەسە ، بەشىكېرەمنىڭ شاپتۇلى ، بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن ....... يارىمىسا باكالىق .............
-كىلوسى نەچچە پۇل ؟
- 6 كوي غوجام ، تېتىپ كۆرسىلە ، يارىمىسا باكالىق
شوپۇر ئاكىمىز ئىككىلەنمەيلا بىر تال شاپتۇلنى يەپ بېقىپلا گەپ سۆز قىلماي شۇنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى تەنزىگە كېلىپ شاپتۇلغا قاراپ بولغۇچە بىرىنچى تەنزىدىكى باققال قوپۇپ : - ھاجېېېېېم ، مۇشۇنداق تېتىپ ئىشۇ باشقا چىقسىلا ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس ما ئىككى شىشىدەك خېنىملارنىڭمۇ قوسىقىنى تويدۇرۇپ كىتەلەيدىلا ........
- نىمانداق سېسىق گەپ قىلىلا .... ؟ ھېلى ئۆزلىرى يارىمىسا باكالىق دەپ توۋلاپ كىتىپبارمامتىلە ......؟ يارىغاننى ئالىدىغان گەپتە ............
- غوجوووووووووم يارىغان بولسا ئىۋۇنىمۇ يەمتىلە ......؟ ( سېۋەتتە خېرىدارلار يەپ دۆۋلەپ قويغان شاپتۇل شۆپۈكى ۋە ئۈچكىسى تۇراتتى )
نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ شاپتۇلنىمۇ ئالماي ئۇدۇل كىتىپ قالدۇق ، شۇ ئىزا تارتقانچە مېڭىپ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇق بۇ يولنىڭ ئايىقى چىقامدىغان دەمسىلە ئىچكىرلەپ مېڭىۋەردۇق ، ئارقىمىزغا يېنىپمۇ باقتۇق لېكىن كەلگەن يولنى تاپالماي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى بولماي شوپۇر ئاكىمىزنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەن بىر ئادەمدىن يول سورىدىم : - تىچلىقمۇ ئاكا ...؟ بۇ يولنىڭ ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ ...؟
- قوقماي مېڭىۋېرىشسىلە ، ئىشقىلىپ ئۇ دۇنياغا ئاپامايدا ..........
-ھېتگاھ بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي بۇ يەرگە كەپقالدۇق ، چوڭ يولغا چىقالماي يۈرىمىز ............
- يېڭى كىلىشكەن ئوخشىماملا بۇ يەگە ....؟ ئۆزلىرىمۇ شۇ بويلىرى بىلەن ئېزىپ كىتىدىغان ھاللىرىغا قىزباللىنى پىقىرتىمەن دېمەي ئۇخلاپ قاسىلا بوممامدۇ جانلىرىغا جاپا سامماي ................. ( بايىقى زەربىدىن ئېسىگە كىلەمەيۋاتقان شوپۇر ئاكىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ تىلى گەپكىمۇ كەلمىدى .. )
- ھوي ، ئابدۇسەمىتاخۇن ، كونكاڭنى ئېچىقىپ مالىنى يەتكۈزۈپ قويە مەنزىلىگە ... بالدۇر كە جۇمۇ بالام ......... ؟
مىڭ رەھمەتلەر بىلەن يامان تەسلىكتە ياتاققا كەۋالدۇق .

بىزنىڭ ناھىيىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياكى ئۆيىدە ئىشى يوق چوڭلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېسە يەپ بولمىسا چاي پۈۋلىگەچ جاھاننىڭ گىپىنى قىلىپ ياكى بولمىسا لۇشاڭ ( سىنئالغۇ ) كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر ئادەتمۇ بار چۇ - ! ( بۇ يەردە مەخسۇس چايخانا ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا ) ، مۇشۇنداق چايخۇماردىن ئىككى ئادەم قەشقەرگە بېرىپ بىر تاماقخانىغا كىرىپ شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قاپتۇ ، كۈتكۈچى قىزمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم چاي ئالماشتۇرۇپ بىرىپتۇ بولمىسا ، بىر چاغدا قارىسا كۆرىۋاتقان فىلىممۇ تۈگەپتىكەن بىر ئادەم يەنە بىرىگە : - ئەمدى چىقىلىمۇ ئامۇتاخۇن ، يەنە تېخى بىر مۇنچە يەر بار بارىدىغان ......
- شۇنداق قىلىلى .......... دەپ ئەمدى ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ، سەۋرى قاچىسى توشقان ئاشخانا خوجايىنى :
- ئوتتۇراشماملا غوجۇللۇرۇۇۇۇۇۇۇۇم .... دەنشى تۈگىسە چېكىت چىقىدا ....! ؛

بىژ كۇنى بىرقانچە ئاغىنىلەر بىلەن مەخمۇت قەشقىرى مەخبەرىسنى زىيارەت قىلغىلى چىقتۇق ، دەرۋازا ئالدىغا كەلسەك بىر توپ بالىلار بىلەت ئالمايلا چىرىپ كەتتى( بىز بۇگەن بىلەت ساتمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇق) بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ چىدۇق ، بىر چاغدا
بىلەت ساتقۇچى : غوجۇللۇرۇم بىلەت ئىلىۋىلىشسلا دىمەسمۇ . ئارىمىزدىكى ئاغىنەمدىن بىرسى : ماۋۇبالىلار بىلەت ئالمىدىغۇ ،دىسە .
بىلەت ساتقۇچى : ئۇلا ر دىگەن ئوپاللىق . دەيدۇ .
ئاغىنەم : شەلىكمۇ باغچىغا بىلەت ئىلىپ كىردىغۇ . *****************************************************************
بىژ كۇنى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ، بىرسى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى بەرمەي ماڭدى ،
ئاشپەز : قارىم تاماقنىڭ پۇلنى ، دىدى .
ھىلىقى كىشى : سەيدىن چىۋىن چىقتى ،
ئاشپەز دەرھاللا: سىلە يەپ بولغان 4 مومىدىن چىۋىن چىقمىغاندۇ؟

ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قەشقەردە ئىدى. بىر كۈنى قەشقەرگە كىرىپ نەۋرە ئاكام بىلەن كۆرۈشمەكچى بوپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۆيى 4- قەۋەتتە ئېدى. بىراق مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن 3- قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قاپتىمەن.ئىشىك ئېچىلىپ 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم چىقتې.ئىشىكنى خاتا چەككىنىمنى دەرھاللا بىلدىم-يۇ، گەپ قىلمايلا كەتسەم<سېسىق>گەپ ئاڭلاپ يۈرمەي دەپ -نەۋرە ئاكامنى ئىزلەيتتىم .دېدىم. ئۇ ئادەم باش-ئايىقىمغا بىر قارىۋىتىپ:-قارىسام ياشلا تۇرىلا.ئەمما سېلىگە قېرىلىق يىتىپتۇ. ئۆيگە كېرىپ ئازراق دەملىرىنى ئېلىۋىلىپ،يەنە بىر قەۋەت ئۆرلىسلىرى چىقىلا. دېمەسمۇ. <سېسىق>گەپ ئاڭلاپ قالماي دىگەنگە تويدۇم.

بىر كۈنى يىزىدىن كىرگەن بىر نەچچە ياش بىر ئاشخانىغا تاماق يىيىشكە كىرىپتۇ، ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا شەھەرلىك ياشلاردىن بىر نەچچىسى كىرىپتۇ. ئاۋال يىزىلىق بالىلارتاماق بۇيرۇتۇپتۇ پۇتۇندىن 4 ئاش.(لەغەن دىمەكچى) كۈتكۈچى شەھەرلىك بالىلاردىن سوراپتۇ سىلەرگە ئاشنى پۈتۈن ئەكىلەمدىم؟ يېرىممۇ؟ يېرىمدىن ئەكەل بىز يا سەھرالىق بولمىساق كالىدەك پۈتۈن ئاش يەيدىغان دەپتۇ........ يىزىدىن كىرگەن بالىلار بۇ گەپنى كۆڭلىگە سىپ قويۇپ ئوتۇرۇپتۇ.بىر كەمدە كۈتكۈچى كىلىپ يىزىلىق بالىلاردىن سوراپتۇ ئاش سۈيى ئەكىلەيمۇ؟ ياق، بىز يا شەھەرلىك بولمىساق يېرىم ئاش يەپ تويمىغىنىغا ئاش سۈيى ئىچىدىغان دەپتۇ.
***************************************************************
تىببىي ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئاشخانىسى دەيدىغان بىر ئاشخانا بولىدىغان، غۇشلۇكى ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىغان.. بىر چۇشتە بىر قەشقەرلىك بالا پولۇ يىگىلى كىرىپتۇ .پولۇمۇ بەكلا تەستە چىقىپتۇ، ئەمما قوشۇق يوق، تاڭجاڭدىن ئىككى ئۇچ قېتىم قوشۇق سوراپتۇ، قوشۇق كەلمەپتۇ .ئاخىرى ئۇ بالا چىدىماي: ئۇستوووووم، قوشۇق بولمىسا تىشاڭ بولسىمۇ مەيلىتى ئۇسسۇپ يىگىلى... بى ئەككىلىۋىتىڭلا! دەپتۇ.

بىرسى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە توققان يوقلاپ بېرىپتۇ، قارىسا بۇ قەشقەردە <كىرىڭ> دىگەننىڭ ئورنىغا< چىرىڭ>. <كىم> دىگەننىڭ ئورنىغا <چىما> دىگەننى ئىشلىتىدىكەندە،شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھېلقى كىشى ،تۇققىنىغا دەپتۇ، سىللەر داۋاملىق<ك> نىڭ ئورنىغا <چ> نى ئالماشتۇرۋالدىكەنسىلەر ،<كىرىڭ> دىگەننى <چىرىڭ> ،<كىم> دىگەننى <چىما> دىگەندەك، <چ> نىڭ ئورنىغا <ك> نىلا ئالماشتۇرساڭلا توغرا بولىدىكەنغۇ. دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىللە ئۇرۇمچىگە مېڭىپتۇ ئۈرۈمچىدە بېكەتتىن چىقىپلا ھېلقى قەشقەرلىق تۇققىنى ياپيېشىل چىملىقنى كۆرۈپ < ۋۇييۇ ماۋۇ كىملەرنى>. دىگۈدەك.

بىژكۈنى بى ئاغىنەم بىلەن بى ئاشخانىغا چىرىپ قالدۇق ،بۇئاغىنەم يامان سېسىق گەپ قىلاتتى دە.
ئاشىانىغا چىرىپ تاماق بۇرۇپ قوياپ خېلى ئوتتاساق يا تاماق يا چاي ئەكەممەيدۇ،شۇنىڭ ۋلەن ھېلقى ئاغىنەم تاڭجاڭنى تولاپ:<قايسسا ئې چاي پىشقان بوسا بى ئەكىلۋەتمەملا !> دىسە ھېلىقى تاڭجاڭ ماندا!!!!ئالىيىپ قوياپ :<ما!!مىمانغا!!!چاي!!!!!!>دەپ چاينى ئەكىلشىگە ،ھېلىقى ئاغىنىمىز قوپاپ :<ما! تاماقنىمۇ خېلى بولدى بۇرۇپ قويغىلى!>
-نېمى بۇرىغان!!؟دېدى ھېلىقى تاڭجاڭ! بوممىسا تاماقنى ئاشۇ تاڭجاڭغا بۇرىغان.
-ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن!!
-سەل تەستىراق چىقىدىغان تاماق بۇيرۇپ قاپلا! بوممىسا قورىماي موما يىمەملا ئىشتتكرەك چىقىدىغان!؟
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
بىژكۈنى بى قىز ساۋاقدىشىم بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولاپ قالدۇق ،ئەمدە كەچتە ئازراق يەي سەمرىپ كىتىدىكەنمە دەپتى،ماقا،دەپ گۆش ناندىن ئككىنى سۇيقاشتىن ئككىنى بۇيرىسام ،ھېلىقى تاڭجاڭ -كاۋاپ !؟
-ئككى زىخ قوياپ قويسا !؟ دىسەم.
ھېلقى تاڭجاڭ-ھې!!!!!!قو!!!!!!!قماي قويە،ما! مىمانغا كاۋاپتىن .ئىشككىنى!!!!!!!!!! دىمەسما!
ئاشخانىدا لىق ئەدەم باكىن يامان نۇمۇس قىپ كەتتىم!

$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
بىر ساۋاقدىشىمىز باتى دادىسى ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئۇ يامان ئاقسا تى دە !
تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چاغ ،خمىيە دەرىستە مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتسا پاراڭ قىپ ئولتۇرۇپتىكەن،داسكىغا چىقىرىپ سۇنىڭ خېميلىك فورمۇلاسىنى كۆرسىتىپ :
-بۇ!،نىمىنىڭ فورمۇلاسى دىسە دىيەلمەي قاراپ تۇدى دە-بۇ!،شۇنىڭ بىلەن مۇئەللم ھېي!
-سەن 12ژىلنىڭيا قى مەكتەپتە ئوقۇپ مۇشنىمۇ،ئۇقمامسە-ھە!؟ دەپ ئاچچىغلاپ پەستىكى بىر چىلەك سۇنى ئېلىپ جاڭتەيگە تاققىدە ! قوياپ ھې! نىمماۋۇ !؟-دىسە، ھېلىقې ئاغىنىمىز تۇرۇپ كىتىپ :
چىلەك!!!!!!! دىمەسما !

بىر كۇنى بىر قانچەيلەن بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى چىگەنتۇق ،تاڭجاڭ كىلىپ نىمە تاماق يەيسىلەر دەپتى بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن چاينى بەلەنرەك دەملەپ كىلەسىلە جۇما دىدۇق،بىر دەمدىن كىيىن چاينى ئەكلىپتى بىر ئاغىنمىز چاينى شۇنداق قۇيۇپتى چاينىڭ تەمى ئانچا چىقماپتىكىن ھېلقى ئاغىنىمىز تاڭجاڭنى قىشقىرىپ ماڭا قايلىسا بۇ چاينى بىرە قېتىم چاقىۋىتىپ دەملىگەنمۇ يا ، بۇدا چاقىۋەتمەيرەك بى دەملەپ ئەكەلسىلە دەپتى تاڭجاڭ تۇرۇپ كېتىپ بىر دەمدىن كىيىن چاينى قېنىغراق قىلىپ دەملەپ كەپتا .بىزلە شۇنداق كۇلۇشۇپ كەتتۇق. شۇندىن كىيىن بىز شۇ ئاشخانغا چىسەل تاڭجاڭغا چاينى چاقىۋەتمەيرەك دەملەپ كىلەلا جۇما دەپ چاخچاق قىلىپ قويدىغان بولدۇق .

بىر كۇ نى قەشقەردىكى بىر ئاغىنمېزنىڭ ئويگە كېر گەن ئوي ئېگېسى سۇ بېرەي دەپ تۇرسا بېرىنجى كېرگەن ئاغىنېمىز ئوي ئېگىسېگە ساڭا قول تەڭلېسەم سەت تۇرا مېكى دىيشېگە ئائاغېنىمز :ئۇنداق بولسا دا دامنى چاقېرايمۇ دەپتى ، ھەممېز جېم ئولتۇرغان.

بىر كۈنى 47~~48 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايال قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىغا كىرىپتۇ.
دوختۇر ھېلىقى ئايالدىن خېنىم قانچە ياش دەپ سورىسا، 39 ياش دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوختۇر ئاداش ھېلىقى ئايالنىڭ چىرايىغا بىر سەپسېلىۋىتىپ:''شەنبە يەكشەنبە ، ھېيت-بايرامنى چىقىرىۋىتىپما~~~''-دىگىدەك....

ھېيىت كۈنى بىر ئايال بازارغا بادام ئالغىلى چىقىپتۇ............ئايلىنىپ بادام بازىرىغا كەپتۇ ....

1-دۇكانغا كىرىپ دۇكانچىغا ئۈكەم بادامنى نەچچىدىن ساتتىىلا دەپ سوراپتۇ............دۇكانچى 45سوم دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .......ھېلىقى ئايال ئارتۇق گەپ قىلماي بىر تال بادامنى ئېلىپ بىر چىشلەپتىكەن .....بادام شۇئان چېقىلىپتۇ............ئايال دۇكانچىغا چاندۇرماستىن ،ئۇكەم قاتتتىقراق بادام يوقما دەپلا چىقىپ كېتىپتۇ................!

2-دۇكاندىمۇ 1-دۇكاندىكىگە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ ...............

3-4-دۇكانلاردىمۇ شۇنداق بوپتۇ ......

5-دۇكانغا كەلگەندە دۇكاندار ئالدىدا بولغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغانكەن ........ھېلىقى ئايال كىرىپ بىر تال بادامنى ئېلىپ چېقىپ بولۇپلا دۇكانداردىن يەنە ئۇكەم قاتتىقراق بادام يوقما دەپ سوراپتىكەن ....

بىر كۇنى بىر ئادەم قەشقەرگە كېلىپ بازار ئايلىنىپتۇ،ئۇئادەم بازار ئايلانغاچ بىر بېلىق كاۋىپى ساتىدىغان
يەرگە كېلىپ قاپتۇ.ھەم بېلىق كاۋىپى يىگىسى كېلىپ كاۋاپچىنىڭ قېشىغا كەپتۇ،ھەم بېلىقچىغا-:
بىر زىخ بېلىق كاۋىپى نەچچە پۇل ؟-دەپ سوراپتۇ.
بېلىقچى:-
بىر زىخى 4كوي-دەپتۇ .
ئۇ ئادەم :-
مەن 5نى ئالىمەن 2كويدەن بېرەملا -دەپتۇ.
كاۋاپ ساتىدىغان ئادەم:-
2كويدىن ئېرىقتىن تۇتۇپ يىسىلە -دەپتۇ
بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان دۇكاندار ئايالغا........:
خېنېم ئالدىلىرىغا قايلاپ ئۇدۇل ماڭسىلا ،ياغاچ بازىرى بار ،ئاشۇ يەردە سىلىگە ئوياپ بەرسۇن دەپتۇ ......

ئەسكەرتىش:مۇنبەرداشلارنىڭ يۇرت ئايرىمىچىلىق قىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمەن!!
دوستلىشىش
tugrul525
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 863
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-05
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-06 02:32

خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بىر ئوقۇغۇچىنى دۇسكىغا چىقىرىپ ،سۇنىڭ خىمىيۋىلىك فورمىلاسىنى يېزىشنى ئېيتىپتىكەن.
ئوقۇغۇچى توغرا يازالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى دەپتۇ: << ئۇكـــــــــــــــوم، بۇ سۇنىڭ فورمىلاسىمۇ ياكى يۇندىنىڭمۇ؟  خا خا خا خا
بىر ساۋاقدىشىم دەپ بەرگەنتى.