تولىمۇ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىگە ۋە تاكى قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغفىرىتىنى تىلەيمىز!
تونۇشتۇرۇش
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. اﷲ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [59]»{ سۈرە ئەھزاب، 33:59}
«مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار [31] » {سۈرە نۇر، 24:31}
بۇ ماقالىدە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ كىيىمى (ھىجاب) ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ شەكلى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام شەرىئىتىدىكى پۈركەنجە (جىلباب) نىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
بۇ ماقالىدە بىز بەلكىم تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىشىمىز مۇمكىن:
--جىلباب ئىسلام شەرىئىتى مۇسلىمە ئاياللاردىن تەلەپ قىلغان ھەقىقىي ئۆلچەملىك كىيىممۇ، ياكى مۇسلىمە ئايال ئۆي ئىچىدە قانداق كىيىنگەن بولسا چېچىنى يۆگەپلا شۇ كىيىمى بىلەن سىرتقا چىقىۋەرسە بولامدۇ؟
--بىرىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمان ئاياللار كىيگەن جىلباب قانداق ئىدى؟
--بىز دەۋاتقان «جىلباب» قانداق كىيىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ تەلەپلىرى نېمە؟
بىز بۇماقالىدە كەلتۈرگەن دەلىللەرنىڭ قۇرئان، سۈننەت ۋە بىرىنچى ئەۋلادنىڭ ھايات ئۆرنەكلىرىدىن ئېلىنغان قەتئىي، ئىشەنچلىك دەلىللەر بولۇشىغا دىققەت قىلىمىز. بىز ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالانىڭ بىزنى بۇ ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز، ھەم ئاللاھنىڭ ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تىلەيمىز.
جىلبابنىڭ مەنىسى ۋە شەكلى
جىلباب(پۈركەنجە) مۇسۇلمان ئايالنىڭ سىرتقى بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم بولۇپ، مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئىچكى زىننەتلىرىنى قىلچىلىك ئاشكارىلاپ قويمىغان ھالدا بېشىدىن ئايىغىغىچە پۈتۈن بولۇشنى، شۇنداق بەدەننىڭ ھېچقانداق بىر يېرىنىڭ شەكلىنى ئىپادىلەپ قويمايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
جىلباب(پۈركەنجە) تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان:
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. اﷲ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [59]» { سۈرە ئەھزاب، 33:59}
بۇ ئايەتتە مۇسۇلمان ئاياللارغا سىرتقا چىققىنىدا ئۇچىسىغا جىلباب كىيىشنى كەسكىن بۇيرۇق قىلىدۇ.
ئايەتتىكى «جەلەبىب» سۆزى «جىلباب» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، بۇ جىلباب كىيىش بۇيرۇقىنىڭ پۈتۈن ئاياللارغا ئورتاق بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تۆۋەندە سەلەف ئالىملىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ جىلبابنى قانداق شەھلىگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
ئىب مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جىلباب مۇسۇلمان ئايالنىڭ سىرتقى كىيىمى بولۇپ، ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن تاكى تاپانغىچە ھەممە يېرىنى يېپىپ تۇرىدىغان بولۇشى لازىم.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جىلباب مۇسۇلمان ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن ھېچقايسى قىسمى جىلبابنىڭ سىرتىدا قالماسلىقى، پەقەت كۆرەلىشى ئۈچۈن بىرلا كۆزى ئوچۇق قالدۇرۇلۇشى كېرەك. [تەفسىرى ئىبن كەسىر].
قۇرتۇبى: پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم.
ئىبنىل ھەزەم: جىلباب پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان پۈركەنجە بولۇپ، بىرەر قىسىمنى ئورالمايدىغان كىيىم جىلباب دەپ ئاتالمايدۇ.[ئەل مۇھەللا، 3-توم، 217-بەت]
مۇھەممەد ئىبن سىيرىن (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن): مەن ئۇبەيدە ئىبن سۇفيان ئىب ھارىس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)تىن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ بىر يېپىنچا بىلەن سول كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ، بەدەنلىرىنىڭ باشقا قىسمىنى تولۇق يېپىپ كۆرسىتىپ قويدى. بۇ ھەم مۇشۇ ئايەتتىكى ئەلەيھىننە سۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئىدى. [ ئىب جەرىر ھەم ئەھكامۇل قۇرئان 3-توم، 457-بەت]
قەتادە: ئۇ جىلبابنى چېكىسىدىن تارتىپ ئېڭەكلىرى، بويۇنلىرى تولۇق ئورالغان، يۈزىنىڭمۇ كۆپ قىسمى ئورالغان، تاكى ئوشۇقىغىچە پۈتۈن بولغان كىيىم، دېدى.
يۇقارقى بايانلاردىن باشقا بىز يەنە نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەر ئارقىلىق جىلبابنىڭ پەقەتلا بىرىنچى ئەۋلەد مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيگەن كىيىمى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيىدىن سىرتقا چىققاندا چوقۇم كىيىشكە بۇيرۇلغان كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆردۈق.
ئەبۇ داۋۇد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئايەت نازىل بولۇۋېدى، ئەنسارى ئاياللار ئېتەكلىرى بىلەن بېشىنى يۆگەپ خۇددى قارغىلارغا ئوخشاپ قېلىشتى.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن دېگەن ئايەت نازىل بولۇۋېدى، ئەنسارى ئاياللار جىلباب كىيىشىپ خۇددى ئۇچىسىغا قاغا قوندۇرۇۋالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز ھەيزدار ئاياللارنى ۋە ئۆيىدىن سىرتقا چىقمايدىغان قىزلارنى دىنىي يىغىشلارغا ۋە ئىككى ھېيت نامىزىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەيزدار ئاياللار نامازخانلار توپىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشتى. بىز ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، جىلبابى يوق ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟› دەپ سورىدۇق، رەسۇلۇللاھ :‹ ئۇنىڭغا خوشنىسى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرسۇن› دېدى.
ئاللاھۇ تائالا سۈرە نۇردا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار [31] »
{سۈرە نۇر، 24:31}
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللار پۇتلىرىغا قوڭغۇراق ئېسىۋالاتتى ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ جىرىڭلىتاتتى. ئاياللارنىڭ بۇنداق پۇتىغا قوڭغۇراق ئېسىلىۋېلىشىلا ئەمەس، بەلكى بېلەك ۋە پاچاقلىرىنىڭ ئوچۇق قويۇشى ئاللاھ تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنگەندۇر.
بەزىلەر خاتا ھالدا ئاياللارنىڭ پۇتلىرى، بېلەكلىرى ۋە قۇلىقى كۆرۈنسە بولىدۇ، دەپ كەلمەكتە. لېكىن بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى، ساھابىلەرنىڭ شۇنى توغرا دېگەنلىكى ياكى ساھابە ئاياللاردىن بىرەرىنىڭ شۇنداق كىيىنگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئەسلا يوق!!
ئەل-قۇرتۇبى مۇنداق دەپ شەرھلەيدۇ:
بۇرۇنقى ئاياللار (ئاياللارنىڭ ئورىنىشى تەلەپ قىلغان ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇنقى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ) بېشىغا رومال ئارتىپ كەينىگە تاشلىۋالاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چېكىلىرى ۋە كۆكرىكى ئوچۇق قالاتتى. ئاللاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلاردىن لېچەك بىلەن ئاشۇ ئوچۇق قالغان يەرلىرىنى ئوراشنى بۇيرىدى.
شۇڭا، لېچەك چوقۇم ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى، بوينىنى ۋە كۆكرىكىنى يېپىپ تۇرالىغۇدەك چوڭ بولۇشى كېرەك.
پۇت توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىس ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
قىيامەت كۈنى ئاللاھۇ تائالا ھاكاۋۇرلۇق تۈپەيلى كىيىملىرىنى ئۇزارتىۋالغانلارغا قارىمايدۇ. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى ئاڭلاپ سورىدى: ئۇنداقتا ئاياللارچۇ، ئى رەسۇلۇللاھ؟ ئۇلار بىر غېرىچ ئۇزارتسۇن. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇنىڭدا پۇتلىرى ئېچىلىپ قالارمىكىن؟ ئەمىسە بىر غۇلاچ ئۇزارتسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتمىسۇن. [تەبەرانى توپلىغان ھەدىس.]
يۇقارقى ھەدىستىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئاياللارنىڭ پۇتى كۆرۈنۈپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ كىيىمى چوقۇم پۈتۈن بەدىنىنى ئورايدىغان بولۇشى، پەقەت سىرتقى زىننەتلىرىلا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىم.
سۈرە نۇردا ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغانكى، ئاياللارنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە ئىچكى زىننىتىنى پەقەت تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالدىن باشقا ئەھۋالدا ئۆزىنى تولۇق ئورىشى لازىم. (1) ھەرخىل ھادىسە ياكى ئىنساننىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان تەبىئەت ھادىسىلىرى، مەسىلەن شامال چىقىپ كىيىمنى ئۇچۇرىۋېتىش.... قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئەۋرىتىنىڭ بىر قىسمى تاسادىپىي نامەھرەم ئەرلەرگە كۆرۈنۈپ قېلىش. (2) ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا.
دېمەك، يۇقىرىدىكى ئايەت، ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، مۇسۇلمان ئايال ئۆيىدىن سىرتقا چىققىنىدا چوقۇم جىلباب، ياكى پۈركەنجە ياكى يېپىنچا دېگەندەك پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان، پۈتۈن بولغان كىيىم بىلەن
ياتلارغا كۆرۈنۈشى كېرەك (ئۇنىڭغا مەھرەم بولمىغان ئەرلەرگە كۆرۈنۈپ قېلىش ئېھتېمالى بولغان ئورۇنلاردا). ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە كىيىپ يۈرىدىغان كىيىملەر بىلەن بېشىغا ياغلىق ئوراپلا سىرتقا چىقىشى يېتەرلىك ئەمەستۇر.
ئابايا، يېپىنچا دېگەندەك، باشقا كىيىملەرنىڭ سىرتىدىن كىيىلىدىغان، پۈتۈنلەي بىر تۇتاش بولغان، (مەسىلەن يوپكا-كوپتا دېگەندەك ئىككى پارچە بولمىغان) كىيىملەرمۇ جىلباب تۈرىگە كىرىدۇ.
جىلباب چوقۇم يېتەرلىك دەرىجىدە قېلىن ۋە كەڭرى بولۇشى كېرەك
جىلباب چوقۇم تېرىنىڭ رەڭگى بىلىنىپ قالمىغۇدەك دەرىجىدە قېلىن بولۇشى، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئېگىز-پەس يەرلەر ۋە بەدەن شەكلى بىلىنىشمىگۈدەك دەرىجىدە كەڭرى-ئازادە بولۇشى كېرەك. پەقەت تېرىنىلا ياپالايدىغان تار ۋە چىپپىدە كىيىملار جىلباب بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ.
بىز تۆۋەندىكى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ئارقىلىق ئەنە شۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەن ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرىمىز. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى مەن ئىككى تۈرلۈك ئادەملەر ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرمەيمەن، (يەنى ئۈممىتىمنىڭ ئارىسىدا سانالمايدۇ)، ئۇلارنىڭ بىرى قولىغا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى كۆتۈرىۋېلىپ ئادەملەرنى ساۋايدىغانلار ئادەملەر (يەنى خەلقىنىڭ نەپرىتىگە قالغان ئادەملەر). يەنە بىرى كىيىم كىيگەن، لېكىن يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللار. ئۇلار چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوككىلىرىدەك قىلىۋالىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى جەننەتنىڭ پۇرىقى ناھايىتى يىراق جايدىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.]
ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىم كىيگەن، لېكىن يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللار دېگەن سۆزىنى ئۇلار ئۇچىسىغا كىيىم كىيىدۇ، لېكىن كىيگەن كىيىمى ئۇلارنىڭ بەدىنىنى ياپالمايدۇ، دەپ شەرھلەشتى.
قۇرتۇبى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈردى: بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن بىر نەچچە ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرگىلى كەلدى، ئۇلار ئۇچىسىغا نېپىز كىيىملەرنى كىيىشىۋالغانىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: « سىلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنمۇ؟ بۇ ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ كىيىمى ئەمەس.» دېدى.
قۇرتۇبى يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى: بىر ئايال نېپىز ۋە كىچىك رومال بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرگەنىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا « بۇ كىيىم نۇر سۈرىسىدىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ كىيىمى ئەمەس» دېدى.
جىلبابنىڭ كەڭرى ۋە قېلىن بولۇشىنىڭ دەلىللىرى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى يەنە بىر ھەدىسنى سىلەرگە سۆلەپ بېرىمىز:
ئۇسامە ئىبن زەيد مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھقا مىسىردىن داھىيە ئەل كەلبى بىر يېپىنچا سوۋغا قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ماڭا بەردى. مەن ئۇنى ئايالىمغا بەردىم. رەسۇلۇللاھ مەندىن: ھېلىقى يېپىنچىنى كىيمىدىڭغۇ؟ دەپ سورىدى. مەن، ئايالىمغا بەرگەنىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ئايالىڭغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ ئىچىگە قېلىن بىر چاپان كىيىۋالسۇن، مەن ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى ئىپادىلەپ قويامدىكىن، دەپ قورقىمەن، دېدى. [ئەھمەد، بەيھەقى ۋە ھاكىملار رىۋايەت قىلغان.]
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نېپىز بولغان، ياكى بەدەنگە يېپىشىپ تۇرغان، بەدەننىڭ شەكلىنى ئىپادىلەپ قويىدىغان ھەر قانداق كىيىم ئاللاھ تەلەپ قىلغان جىلباب بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ.
قوشۇپ قويۇش كېرەككى، يېتەرلىك كەڭرى بولغان، لېكىن نۇر ئۆتكۈزىدىغان رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرمۇ جىلباب بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ. جىلباب چوقۇم تېرە رەڭگى بىلىنىشمىگۈدەك دەرىجىدە قېلىن بولۇشى كېرەك.
رەڭگى تۇتۇق بولۇشى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان لاھىيەلىرى بولماسلىقى كېرەك
ھىجاب ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن، ياتلارنىڭ نەزەرىدىن ساقلايدىغان، يوشۇرۇن تۇتىدىغان نەرسىكى، ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدىغان، ياتلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن جىلباب ئوچۇق رەڭلىك بولماسلىقى، يات جىنسلارنى قىزىقتۇرىدىغان، دىققەتنى تارتىدىغان پاسونلىرى ۋە لاھىيەلىرى بولماسلىقى كېرەك.
بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:
«ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار.» { سۈرە ئەھزاب، 33:33}
ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھنىڭ دېدەكلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن توسماڭلار. لېكىن ئۇلار ياسىنىپ چىقمىسۇن.
ئىمام زەھەبى (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) ئۆزىنىڭ كىتابۇل كەبەئىر (چوڭ گۇناھلار كىتابى) دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىدەك: زىننەتلىرىنى ئاشكارىلاپ يۈرىدىغانلار؛ سىرتقا چىققاندا ئەتىر سېپىپ چىقىدىغانلار؛ رەۇگارەڭ كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغانلار....
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمان ئاياللار ئامال بار ئاددىي، قارامتۇل كىيىملەرنى كىيىشى، گۈل، رەسىم، ھەرخىل نەقىش، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان قېنىق رەڭ ۋە لاھىيەلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم. قوشۇپ قويىمىزكى، يۇقىرىدا ئىمام زەھەبى قەيت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، جىلبابنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل كۆزلۈك زىننەت بۇيۇملىرى بولماسلىقى لازىم.
نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاياللار قارا كىيىم كىيىشىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى قارا كىيىمنىڭ پەرز بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىن ئەڭ يىراق تۇرىدىغانلىقى، زىننەتلەرنى ئاشكارا قىلمايدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
ئەبۇ داۋۇد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بۇ ئايەت (سۈرە ئەھزاب 33:33)
نازىل بولۇۋېدى، ئەنسارى ئاياللار ئېتەكلىرى بىلەن بېشىنى يۆگەپ خۇددى قارغىلارغا ئوخشاپ قېلىشتى، دېگەن سۆزمۇ ساھابە ئاياللارنىڭ قارا كىيىم كىيىشىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.
ئالىملار قاغىلارغا ئوخشاپ قېلىشتى، دېگەن سۆزنى بۇ ئۇلارنىڭ جىلبابىنىڭ قارا رەڭلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشتى.
ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئاياللارنىڭ كىيىمى لىباسۇس شۇھرا (شۆھرەتپەرەسلىك، ئايرويپەرەسلىك، ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن كىيگەن كىيىم) بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولىدىكەن، ئۇ ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسكە چۈشۈپ قالىدۇ: كىمكى لىباسۇس شۇھرا كىيىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئەڭ پەس، ناچار كىيىم كىيگەن ھالەتتە بولىدۇ. [ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.]
لىباسۇس شۇھرا بىراۋغا ئۆزىنىڭ كىيگەن كىيىمىنىڭ قانچىلىك قىممەت، قانچىلىك مودا كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، قەستەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان، سورۇنلاردا ئابروي تالىشىش ئۈچۈن كىيىدىغان كىيىمدۇر.
ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى دورىۋالماسلىق لازىم.
مۇسۇلمان ئايال كىيىنىشتە (ۋە باشقا جەھەتلەردە) ئەرلەرگە ئوخشىۋالماسلىقى لازىم.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھۇ تائالا ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]
ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ: ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەر بىزدىن ئەمەس. [ ئەھمەد، تەبەرانى رىۋايىتى]
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كەڭرى ۋە قېلىن بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ كىيىملىرى ئاياللارنىڭ ئۆلچەملىك جىلبابى بولالمايدۇ.
كۇففارلارنىڭ كىيىمىدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەك
مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىنىشى كۇففارلانىڭكىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ بىر ئومۇمىي قائىدە بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى ئېتىقاد، ھېيت-بايرام، ئۆرپ-ئادەت، ئىبادەت قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىدە كافىرلارنى دورىماسلىقى كېرەك.
بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرىمىز:
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مېنىڭ سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغىنىمنى كۆرۈپ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كافىرلارنىڭ كىيىمىدۇر، بۇنداق كىيىمنى كىيمىگىن، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى]
ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىشى كىمنى دورايدىكەن، شۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. [ ئەبۇ داۋۇد توپلىغان].
مەسىلەن، مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى ئۇزۇن، كەڭرى بولغان ھالەتتىمۇ موناخلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك.
بىز ئاللاھنىڭ چەكسىز مەرھەمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، قەلبىمىزنى ئۇنىڭ كىتابى ئۈستىدە قىلىشىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە قىلىشىنى، دەۋەت يولىمىزدا مۇستەھكەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز. پەقەت ئاللاھلا شۇنىڭغا قادىردۇر.
ئامىن!
ئاخىرقى دۇئايىمىز شۇكى، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
(تۈگىدى)
مەنبە: مەرىپەت مۇنبىرى ___http://bbs.merifet.net/read.php?tid=113&u=4