بىر مەھەللىدە كەچكىچە بىكار يۈرىدىغان بىر كەمبەغەل ئادەم بار ئىكەن، مەھەللىنىڭ مەزىنى ئۇنىڭ بىكار يۈرگىنىنى كۆرۈپ ، بۇيەردە بىكار ئولتۇرغىچە بىر بەش ۋاق نامازنى باشلىساڭ ، ئەلۋەتتە مەن جامەئەتتىن ئاز تولا پۇل يىغىش قىلىپ بىرىپ تۇرسام بولمامدۇ، دەپتۇ
بۇ سۆز ھىلىقى ئادەمگە مايدەك خوش يىقىپتۇ ،ئەتىسىدىن باشلاپ بەش ۋاق نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ ، بىر ئاي ئۆتۈپتۇ ،مەزىناخۇنۇم جىم،ھىلىقى يىغىپ بىرىدىغان پۇلدىن سادامۇ يوق، ئىككى ئاي ئۆتۈپتۇ ، مەزىناخۇنۇم يىغىپ بىرىدىغان پۇلنىڭ ئۆزىمۇ ، سۆزىمۇ يوق ،
شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئادەم بىر كۈنى نامازدىن يىنىپ : مەزىناخۇنۇم ، ناماز باشلىساڭ ئاز تولا جامائەتتىن پۇل پۇچەك يىغىپ بىرەي
دىگەن ئىدىلە ، ئىككى ئاي بولدى پۇلنىڭ قارسىنىمۇ كۆرمەيمىزغۇ ؟ دەپ سوراپتۇ،
مەزىناخۇنۇم: ھېي سىنى بىز بىلەن ئىبادەتكە كىرىشتۇرۇپ قويدىم ، ناماز ئوقۇساڭ ئۆزۈڭگە ئوقۇيسەن ساۋاپ تاپساڭ ئۆزۈڭگە ، يەنە نىمە پۇل دەيسەن ، دەپتۇ
ھىلىقى ئادەم ئاچچىقلاپ: سەن مەزىننىڭ ئوساللىقىنى مەن بىلگەچكە تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇغان ، دەپتۇ