باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1793 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۈرە ئىخلاسنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-17 14:29

سۈرە ئىخلاسنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)

                                                           



قۇرئانى كەرىمدىكى ھەممە سۈرە ئايەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەزىلىتى بار.
مەن تۇۋەندە ھەممىمىزگە يادا، ئۇقۇلىشى ئەڭ ئاسان، قۇرئانى كەرىمدىكى ئەڭ قىسقا سۈرىلەرنىڭ قاتارىدىن بولغان بۇيۇك ئاللاھنىڭ سۈپىتى سۆزلەنگەن سۈرە ئىخلاسنىڭ پەزىلىتىنى سىلەرگە تۇنۇشتۇرماقچىمەن.

بۇ سۈرە مەككىدە نازىل بولغان 4ئايەتلىك سۈرە.

بۇ سۈرە مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ئاللاھنىڭ زاتىنى سۇپەتلەب بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا چۇشۇرۇلگەن.
مۇشرىكلار نەسەبكە بەكلا ئەھمىيەت بىرىدىغان خەلىق ئىدى. پەيغەمبىرمىز ئاللاھنى سۇپەتلەپ بەرگەندە ئۇلار:بىزگە ئاللاھنىڭ نەسەبىنى تۇنۇشتۇرغىن دىگەن. شۇنىڭ بىلەن سۈرەئىخلاس چۇشۇرۇلگەن.

بۇ سۈرىنىڭ ئۇلۇغلىقى توغرىسىدا ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام بىر كىشىنى بىر قۇشۇنغا باشلىق قىلىپ ئەۋەتكەن بۇلۇپ،ئۇكىشى ھەر نامىزىدا سۈرە ئىخلاسنى ئۇقۇپ ئاندىن نامازنى تۇگىتىدىكەن. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇلارغا:ئۇنىڭدىن سۈراپ بېقىڭلار ئۇ نىمىشقا شۇنداق قىلىپتۇ؟دىدى. كىشىلەر ئۇكىشىدىن نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ كىشى: سۈرە ئىخلاس بولسا ئاللاھنى سۇپەتلەپ كەلگەن سۈرىدۇر.شۇڭا مەن ئۇ سۈرىنى ئۇقۇشنى ياخشى كۇرىمەن دىدى. كىشىلەر بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا خەۋەر قىلغاندا ئۇ:ئۇ كىشىگە دەپ قۇيۇڭلار ئاللاھ ھەقىقەتەن ئى كىشى ياخشى كۇرىدۇ دىدى.(بۇخارى،مۇسلىم،نەسەئىي رىۋايەت قىلغان)
ئەنەس ئىبنى مالىك مۇنداق دەيدۇ قۇبا مەسچىتىدە كىشىلەرگە ئىماملىق قىلىدىغان بىر ئادەم بار ئىدى.ئۇنامازنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە سۈرەئىخلاسقا يەنە بىر سۈرە قۇشۇپ ئۇقۇيتتى.
كىشىلەر ئۇنىڭغا: سەن سۈرەئىخلاسنى ئۇقۇيسەن. يەنە تېخى ئۇ يىتەرلىك ئەمەستەك باشقا بىر سۈرىنى قۇشۇپ ئۇقۇيسەن.سەن سۈرە ئخلاسنىلا ئۇقۇ ياكى باشقا بىر سۈرنىلا ئۇقۇ دىدى.
ئۇ كىشى: مەن سۈرەئىخلاسنى ئۇقۇشنى تاشلاپ قۇيالمايمەن.
ئەگەر سىلەر مىنىڭ مۇشۇنداق ئىمام بۇلۇپ بېرشىمنى خالىساڭلار سىلەرگە ئىمام بۇلۇپ بىرىمەن.
ئەگەر خالىمىساڭلار ئىمام بۇلۇپ بەرمەيمەن دىدى.
ئۇلار ئۇكىشىنى ئارسىدىكى ئەڭ ياخشى كىشى دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۆزلىرىگە ئۇنىڭدىن باشقا بىر كىشىنى ئىمام قىلىشقا خالىمايتتى. كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ،ئۇلار بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالامغا دىيىشتى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:ئى كىشى سەن نىمىشقا ھەمراھلىرىڭ سەندىن تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلمىدىڭ؟سىنىڭ ھەر بىر رەكئەتتە سۈرە ئىخلاسنى ئۇقۇشىڭنىڭ سەۋەبى نىمە؟ دىدى.
ئۇ كىشى: مەن ئۇ سۈرىنى ئۇقۇشنى ياخشى كۇرىمەن دىدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:سىنىڭ بۇ سۈرىنى (ئۇقۇشنى)ياخشى كۆرگەنلىكىڭ سىنى جەننەتكە كىرگۇزىدۇدىدى.(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
ئارىمىزدىكى كۇپۇنچە كىشىلەر بۇ سۈرىنىڭ پەزىلىتىنى بىلمەيدۇ. ھەم بۇ سۈرىنى قىسقا ساناپ نامازلىرىدا بەك ئۇقۇپ كەتمەيدۇ.
ئەمما بۇ سۈرنى ئۇقۇغان كىشى ئويلاپ باقمىغان ساۋابقا ئىرشىدۇ. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
ئەبۇ سەئىد(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ.بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ سۈرە ئىخلاسنى قايتا قايتا ئۇقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇنى ئاددى سانىغاندەك قىلىپ سەھەردىلا پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭغا دەپ بەردى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى. شەك شۇبھىسىزكى سۈرە ئىخلاس قۇرئاننىڭ ئۇچتىن بىرىگە باراۋەردۇردىدى.(بۇخارى،نەسەئىي ئەبۇ داۇد رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ سەئىد(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كىچىدە قۇرئاننىڭ ئۇچتىن بىرىنى ئۇقۇشقا ئاجىز كىلەمدۇدىدى. بۇ ئىش ساھابىلارغا ئېغىر كىلىپ:ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزدىن كىممۇ ئۇنىڭغا قادىر بۇلالىسۇن دىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: سۈرە ئىخلاس قۇرئاننىڭ ئۇچتىن بىرگە تەڭدۇر. دىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
يۇقۇرقى ھەدىسلەردىن سۈرەئىخلاسنى ئۇقۇغان ئادەم قۇرئاننىڭ ئۇچتىن بىرىنى يەنى 10 پارە قۇرئان ئۇقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
قانداق بىر ئادەم كۆپ ياخشىلىققا ئىرشەي دىسە ھەقىقى چىن كۆڭلىدىن ساۋاپ ئۇمىت قىلىپ سۈرەئىخلاسنى ئۇقۇسا ئاللاھ خالىسا ياخشىلىققا ئىرشىدۇ.

يەنە بۇ سۈرىنى كۆپ ئۇقۇش،ئۇنى ئۇقۇشنى ياخشى كۇرۇش ئۇنى ئۇقۇغان ئادەمنى جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەبچى بۇلىدۇ.
بۇ توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.
ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ .
ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دەيدۇ:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بىللە كىتۋاتقان ئىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسلام بىر كىشىنىڭ سۈرە ئىخلاسنى ئۇقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ:ۋاجىپ بولدى دىدى. مەن نىمە ۋاجىپ بولدى دىسەم ئۇ:جەننەت ۋاجىپ بولدى دىدى.(بۇ ھەدىسنى نەسەئىي ۋە تىرمىزى قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلدى)

ئىمام ئەھمەد مۇئاز ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى خەبىبتىن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.بىر كۇنى ئازراق يامغۇر ياغدى.ۋە ھاۋا قاراڭغۇلاشتى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بىزگە ناماز ئۇقۇپ بىرشىنى كۇتۇپ تۇرۋاتقان ئىدۇق.
بىر ئازدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قۇلۇمنى تۇتۇپ:قۇل(دىگىن)دىدى. مەن شۇك تۇردۇم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قۇل(دىگىن) دىدى. مەن نىمىنى دەيمەن دىدىم.پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:سەن سۈرە ئىخلاسنى،فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئەتىگەن ئاخشامدا ئۇچ قېتىمدىن ئۇقۇساڭ بۇلار ساڭا ھەر كۇنى ئىككى قېتىمدىن يىتەرلىك بۇلىدۇدىدى.(بۇ ھەدىسنى ئەداۋۇد تىرمىزى،ۋە نەسەئىيلارمۇ رىۋايەت قىلدى)ئەمما نەسەئى مۇنداق شەكىلدە رىۋايەت قىلدى.سەن بۇلارنى ئۇقۇساڭ ھەممە نەرسە ئۇچۇن يىتەرلىك بۇلىدۇ

سۈرە ئىخلاس يەنە دۇئا قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىنسا دۇئا ئىجابەت قىلىنغۇچىدۇر بۇ توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسكە قاراپ باقايلى

نەسەئىي ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيددىن ئۇ دادىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.ئۇ (يەنى دادىسى)پەيغەمبەرئەلەيھىسالام بىلەن مەسچىتكە كىردى. مەسچىتتە بىر ئادەم ناماز ئۇقۇپ دۇئا سىدا ئى ئاللاھ سەن بىردۇرسەن.ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجتۇر،ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس،ھېچ بىر كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بۇلالمايدۇ. سەن شۇنداق سۇپەتلىك ئاللاھتۇرسەن.مىنىڭ سىنىڭدىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ئىمان ئېيتقانلىقىم ئۇچۇن مەن دەندىن تىلەكلىرىمنى سورايمەن دەۋاتقەنىكەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:جېنىم قۇلىدا بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى. ھەقىقەتەن ئۇ ئادەم.ئاللاھ شۇ ئىسمى بىلەن بىر نەرسە  سۇرالسا بىرىدىغان ۋە دۇئا قىلىنسا ئىجابەت قىلىنىدىغان ئۇنىڭ كاتتا ئىسمى بىلەن ئاللاھتىن تىلىكىنى تلىدى دىدى.(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى، ئىبنى ماججە ،ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان)

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا سۈرە ئىخلاس شىىپالىق سۈرىدۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئانھا مۇنداق دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەر كىچىسى يېتىپ بۇلۇپ ئىككى ئالقىنىنى جۇپلەپ ئۇنى پۇۋلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا سۈرە ئىخلاس،فەلەق،ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئۇقۇپ بېشى ۋە يۇزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرپىدىن باشلاپ قۇلى يەتكەن يەرگىچە سىلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇ ئىشنى ئۇچ قېتىم قىلاتتى.(بۇخارى ،تىرمىزى، ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان)

مانا يۇقارقىلار بولسا بۇ ھۆرمەتلىك سۈرىنىڭ پەزىلىتى. بۇ ئۇقۇشقا ئاسان،يادلاشقا يەڭگىل سۈرە بولغانلىقى ئۇچۇن  كەڭ قېرىنداشلىرىمىنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
بۇ سۈرىنىڭ ئەرەپچىسىنى ھەم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى چىقىرىپ قويدۇق.



ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى

{قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد. ئاللاھۇسسەمەد، لەم يەلىد. ۋەلەم يۇۋلەد، ۋەلەم يەكۇنلەھۇ كۇفۇۋان ئەھەد.}

ئۇيغۇر دىگەن، ئۇيۇش، ئـتپاق دىگەن سۆز،تىكىلىدۇ، ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 892
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 565
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە565دانە
ئۆسۈش: 4620 %
مۇنبەر پۇلى: 6821 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 1000 نۇمۇر
گۇرۇپپا: XaX ATUX
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2011-04-05
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-17 23:14

مەنبە يوق