باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2426 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىيتى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-16 15:25

ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىيتى(ھەمزە)

                                                  


بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ۋە بىزنى چىرايلىق شەكىلگە كىرگۇزگەن ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ئۇستىدە مەجبۇرىيەت بەلگىلىدى. بۇ مەجبۇرىيەت جانلىقلاردىمۇ ،جانسىزلاردىمۇ ھەممىسىدە مەۋجۇت.

پېقىر ھازىر شۇ مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر مەجبۇرىيەتنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇ مەجبۇرىيەت بولسىمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۇستىدىكى مەجبۇرىيتىدۇر.
ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن{ئاياللىرى ئۇستىدە ئەرلىرىنىڭ ھەققى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۇستىدە ھەقلىرى بار}(سۈرى بەقەر 228.ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن ئالىدىغان ھەق بار.ئاياللارنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۇستۇڭلاردا ئالىدىغان ھەق بار>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئاللاھ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئەقىل،كۈچ،ئىقتىدار جەھەتتە ئۇستۇنرەك ياراتقان. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ.\
{ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ-قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). }(سۈرە نىسا 34.ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ھامىي دىگەن بۇ سۆز بىزنىڭ تىلىمىز بۇيىچە ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى ، ياخشى قارىغۇچى دىگەن مەنىدە .
بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ بارلىق چىقىملىرى،ئايالنىڭ ئۈلۈكى،تىرىكى، ھەممىسى  نىكاھ ئۇقۇغاندا <ئالدىم> دىگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئەرنىڭ زىممىسىگە يۇكلىنىدۇ.
ئەمما بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىز ئاياللىرىنى تىجارەت ئۈچۈن سېلىپ قۇيۇپ ئۈزى ئۆيىدە بالىلىرىغا قاراپ ئولتۇرىدىغان
يەنە بەزىلىرىمىز،ئايالىمىز ساق چېغىدا خوتۇن قىلىپ ئاغىرىپ قالغاندا ئۇنى داۋالىتىدىغان چىقىمدىن قورقۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇيىگە قايتۇرۋېتىدىغان،ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان كىسەلدىن ساقايغاندا يۈزىنى چەمدەك قىلىپ يەنە ئايالىنىڭ يېنىغا بارىدىغان.يەنە بەزىلىرىمىز ئۈزىمىز ئۆيدە قېلىپ ئايالىمىزنى سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقارتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار خېلىلا كۆپ.
بۇلۇپمۇ جەنۇپ تەرەپلەردە ئىرى ئۆيدە قېلىپ ئايالىنى ئاقسۇ،كورلا،شىخەنزە تەرەپلەرگە پاختا تەرگىلى ئەۋەتىدىغان ئىشلار خېلىلا ئېغىر.
بۇ مۇسۇلماننىڭ قىلىقى ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنى تۇسۇپ مۇنداق دىگەن.

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى جەزمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن. ‹ئايال كىشى ئۇچ كۇنلۇك يولغا مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ› يەنە بىر رىۋايەتتە بىر كىچە كۇندۇزلۇك دىگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمز ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۇنىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان ئايالنىڭ بىر كىچە كۇندۇزلۇك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى ھالال بولمايدۇ(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
مانا بۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھۆكمى.

قانداق بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن يۇز ئۆرىيدىكەن ئۇ پاسىق. قانداق بىر كىشى پەيغەمبىرىمزىنىڭ سۈزىنى يالغانغا چىقىرىدىكەن ئۇ كاپىر ھىسابلىنىدۇ. ئەمما بىز توختالماقچى بولغان مەسىلە بۇ ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن<ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئاياللار ئەگرى قۇۋۇرغىدىن يارتىلغان .ئۇنى تۇزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۋالىسەن.قۇيۇپ قويساڭ ئۆز پېتى تۇرىۋېرىدۇ>(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
سۇندۇرۋالىسەن دىگەنلىك تالىقىنى بىرىۋېتىسەن دىگەن گەپتۇر.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئايال كىشى ئەگىر قۇۋۇرغىدىن يارتىلغان ئۇ ھەمىشە تۇز بۇلىۋەمەيدۇ. ئۇنى تۇزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۋالىسەن. پايدىلىنىمەن دىسەڭ شۇ ئەگىرلىك ھالىتىدىنمۇ پايدىلىنىۋېرىسەن. دىگەن.

دۇنيادا يۇز پىرسەنلىك ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. شۇنىڭ ئۇچۇن ئايالىڭىزدىن مەلۇم خاتالىقلار نىڭ سادىر بۇلىشى تەبىي. ئۇنى پۇتۇنلەي تۇزەش مۇمكىن ئەمەس. تويدىن بۇرۇن بولغۇسى ئايالىڭىز نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىسىز ئەمما تويدىن كىيىن كىچەكىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان بىچارە ئايالىڭىز ئۆيىڭىزدە خىزمىتىڭىزنى قىلىپ يۇرسە سىز سىرتلاردا ئاللىقانداق بىراۋلار بىلەن بىللە يۇرىيدىغان باشقىلارغا سېخلىق بىلەن پۇل خەجلەۋاتقان،ئۆيىدە قالغان جاپاكەش ئايالىڭىزغا چىقىم قىلىدىغان بىر ئىككى سوم ئۇچۇن تىك تۇرىدىغان بۇنداق ناچارلىقلارنى قىلمىغايسىز .
بۇنداق قىلىش ئىمانسىز،ۋىجدانسىز نامەرتنىڭ ئىشى.

ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۇستىدىكى ھەقلىرى تۇۋەندىكىچە:

1.ئايالىغا ياخشىلىق بىلەن يىمەك-ئىچمەك،كىيىم -كىچەك تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەفىقىلەرنى بىرىش. پەيغەمبەرئەلەيھسالام ئايالنىڭ ئىرى ئۇستىدىكى ھەقتىن سۇرالغان ئۇ<تاماق يىسەڭ ئۇنىڭغىمۇ بىرىسەن،كىيىم كەيگۈزسەڭ ئۇنىڭغىمۇ كەيگۈزىسەن.يۇزىگە ئۇرما. سەت گەپ بىلەن ھاقارەت قىلما. ئۆيدىن تاشلاپ باشقا يەرگە كىتىپ قالما>دەپ جاۋاب بەرگەن.
2.ئايالىنىڭ يېنىدا ھەر تۆت كۇندە بىر كىچە يېتىش.ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاجىز كەلسە(ئىختىدار ياكى باشقا سەۋەپلە تۇپەيلى) تۆت ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ بىرگە بۇلۇش ۋاجىپ.

3.ئايالىغا كەڭ قۇرساق بۇلۇش. چۇنكى ئەر ئايالغا قارغاندا سەۋىرچان كىلىدۇ. بىلىپ بىلمەي سىزگە بويسۇنمىسا ياكى ئاچچىقىڭىزنى كەلتۇرۇپ قويسا ئۇنى ئۇرماستىن چىرايلىق گەپ بىلەن نەسھەت قىلىش. ياكى ئۇنىڭ گۇناھىنى(ئۇزىڭىز ئالدىدىكى) ئىچىگە يۇتۋېتىش مۇسۇلمان دىگەن قۇپال سەت گەپ قىلىدىغان،يولسىز كەلمەيدۇ.
پەيغەمبرىىمز ئاياللارنى ئۇرۇشتىن تۇسۇپ مۇنداق دىگەن<.... نۇرغۇن ئاياللار مۇھەممەدنىڭ (ئۇزىنى دىمەكچى) ئۇيىنىڭ ئەتراپىدا يۇرىيدۇ.ئۇ ئاياللارنى رەنجىتكەنلەر ياخشى كىشىلەر ھىسابلانمايدۇ>

4.ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇش. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئايالىڭىزغا خۇشچاقچاق بۇلىشىڭىزمۇ ھەتتا ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۇچۇن قىلىنغان ئىش ھەركەتلىرىڭىزەىمۇ ئاللاھ ئەجىر بىرىدۇ.
رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن<مۇئمىلەرنىڭ ئەڭ ئەخلاقلىقلىرى ئىمانى كامىل كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلاردۇر>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

5.ئايالىنىڭ بارلىق چىقىملىرى ،ئۆيگە كىتىدىغان بارلىق چىقىملار ئەرنىڭ ئۇستىگە يۇكلەنگەن بۇلىدۇ. پەيغەمبىرىمز ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا  قىلغان چىقىممۇ ئەر كىشى ئۇچۇن سەدىقىدۇر دىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە بىر ئايال ئىرىنىڭ ئۈزىگە پەقەتلا چىقىم قىلىپ بەرمەيدىغانلىقى شۇ سەۋەبتىن ئىرىنىڭ پۇللىرىنى ئىرىگە بىلدۇرمەي ئېلىپ ئىشلەتسە بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسالامغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە پەيغەمبىرىمز ئۇ ئايالغا سىز ئائىلىڭىزگە يەتكۇدەك مىقداردا ئېلىپ ئىشلىتىڭ دىگەن.
ئەگەر ئەر ئۆيىگە،ئۆزىنىڭ ئۆي ئەھلىگە چىقىم قىلغىلى ئۇنىمىسا كۆپ ئېلۋالماسلىق شەرتى بىلەن ئىرىنىڭ ئىزنىسىز ئىرىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان.

6.ئايالىڭىزغا سىزئاڭلىغان ھەقلەرنى يەتكۈزۈش. ئاياللار تەبلىق سورۇنلىرىغا بارالمايدۇ. ئەمما ئەرلەر كۇندە،كۇندە بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىر كۇن (جۇمە كۇن) تەبلىق ئاڭلىيالايدۇ. ئەرلەر ئاڭلىغان تەبلىغلىرىنى ئايالىغا ۋە بالا چاقىلىرىغا يەتكۇزىشى ئەرلەرنىڭ ئۇستىدىكى ئەڭ زۈرۈر بولغان ھەقتۇر.
ئايالىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى -يامان ئەمەللىرى سىز گىمۇ كىلىدۇ. رەسۇلۇللە سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى. سىلەر ئائىلەڭلاردىن سۇرىلىسىلەر. دىگەن.  يەنى ئاياللارنىڭ قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرى ئەرلىرىدىن سۇرلىدۇ. دىمەك شەرىئەتنى ئاياللارغا يەتكۇزۇش ئەرنىڭ ئۇستىدىكى پەرزدۇر.

7.ئايالىڭىزسىزگە ياردەملىشىپ تىجارەت قىلىشىپ بەرگىلى ئۇنىمىسا زورلىماڭ. چۇنكى ئۇنداق قىلىشقا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق. ئاياللارنى بېقىش ئەرلەرگە يۇكلەنگەن. ئەگەر چىقىمىنى قىلىپ باقالماسلىقىڭىزدىن قورقسىڭىز توي قىلماڭ!
ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيتى پەقەتلا ئىرىگە ئىتائەت قىلىش،بالا-چاقىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەشتىنلا ئىبارەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دۇنيادىكى ئىنسان ئۇچۇن مەنپەئەتلىنىشكە يارتىلغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىنى سالىھ ئايال دىگەن. شۇنداق بولغانىكەن ئايالىڭىز سالىھ ئايال بۇلىدىغان بولسا ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايالىڭىزنى ئۇستۇن كۇرشىڭىز گە ئەرزىيدۇ.

تىمىمىز بەك ئۇزىراپ كەتتى . سۈزۈمنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبىرىمزىنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى قالدۇرۇپ قۇيىمەن

ئەمىرئىبنى ئەھۋەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<ئاگاھ بۇلۇڭلار! ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن ئۇلار سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قۇلۇڭلارغا چۇشكەن ئەسىرگە ئوخشايدۇ.سىلەر ئۇلاردىن ئاشۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگە ئىگە بۇلالمايسىلەر.ئەگەر ئۇلار ئۇچۇق ئاشكارا بىرەر يامان ئىشنى سادىر قىلسا ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماڭلار.ئۇلارنى قاتتىق ئۇرماڭلار.
ئەگەردە ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا ئۇلارنى بۇزەك قىلماڭلار.ئاگاھ بۇلۇڭلاركى سىلەرنىڭ ئۇستۇڭلاردا ئاياللارنىڭ ھەققى بار.سىلەرنىڭ ئۇلار ئۇستىدە ھەقلىرىڭلار بار. سىلەرنىڭ ئۇلار ئۇستىدىكى ھەقلىرىڭلار. ئاياللار يات كىشىلەرنى ئۆيگە كىرگۇزمەسلىك. ئۇلارنىڭ سىلەر ئۇستىدىكى ھەقلىرى:كىيىم-كىچەك يىمەك-ئىچمەكتە ياخشى تەمىنلەشتۇر(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)


يۇقارقىلار بولسا ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدۇر. مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان ھەر بىر ئەركەك يۇقۇرقىلار بۇيىچە ئىش تۇتۇشى لازىمدۇر.
ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيتى توغرىسدىكى مەزمۇننى كۆرمەكچى بولغانلار بۇ ئادرىسقا مەرھەمەت.
/read.php?tid=2161


مەنبە_______________ ھەمزە






بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 557
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە557دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6334 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-01-11
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-16 19:06

ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبەسى يېزىپ قويسىڭىز. ئەلمەۋسۇئەتۇششامىلەhttp://islamport.com/6688.htm نى ئىشلىتىشنى بىلىۋالسىڭىز، ھەدىسنىڭ سەھىھ - زەئىفلىكىنى ئاسانلا ئايرىيتتىڭىز.
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 557
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە557دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6334 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-01-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-16 19:51

سىزنى بىلەتتىم. زەئىف بولغانلىرىنى يوللىمىسىڭىز، بۇ ھەدىس سەھىھ، دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىز، ئەقەللىي قائىدە. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى ھەدىسلەر مەنبەسىنى يېزىپ قويۇڭ.  سەھىھ - زەئىفلىكىنى دەپ قويالمىسىڭىز، قايسى بابتىن ئېلىنغانلىقىنى بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.  سېلىشتۇرۇشقا ئاسان بولىدۇ. ھەدىس ئىشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

<تاماق يىسەڭ ئۇنىڭغىمۇ بىرىسەن،كىيىم كەيگۈزسەڭ ئۇنىڭغىمۇ كەيگۈزىسەن.يۇزىگە ئۇرما. سەت گەپ بىلەن ھاقارەت قىلما. ئۆيدىن تاشلاپ باشقا يەرگە كىتىپ قالما>
<.... نۇرغۇن ئاياللار مۇھەممەدنىڭ (ئۇزىنى دىمەكچى) ئۇيىنىڭ ئەتراپىدا يۇرىيدۇ.ئۇ ئاياللارنى رەنجىتكەنلەر ياخشى كىشىلەر ھىسابلانمايدۇ>
سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى. سىلەر ئائىلەڭلاردىن سۇرىلىسىلەر.
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 557
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە557دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6334 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-01-11
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-17 14:02

ئاللاھ رەھىم قىلغاي.
ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇزۇندىن بېرى مەنبەسىز، ساختا ھەدىسلەر زەھەرلەپ يۈردى. ئەمدى يەنە زەھەرلىسە بىلىپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرمىساق بولمايدۇ.
ھەدىس مەنبەسىنى، بابىنى يازماسلىق چوڭ خاتالىق. مانا مانبەسىنى يېزىپ قويدىڭىز. خالىغان كىشى بۇ ھەدىسلەرنى تەكشۈرەلەيدۇ.
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.