پارىس تىلى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى تىلارنىڭ نىڭ بىرى بولۇپ ،بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىلا بۇ تىلدا يازما خاتىرلەر قالغان.
پارىس تىلى ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ھىندى- ئىران تىلگۇرۇپىسىنىڭ ئىران تىل تارمىقىغا كىرىدۇ.پارىس تىلى --ئىران،ئفغانىستان ۋە تاجىكىستاندا ياشايدىغان ئاھالىلەر قولۇندىغان ئاساسلىق تىل،ئىراندا ھۆكىمەت تىلىدۇر.پارىس تىلدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەر نوپوسى 63 مىليون 530 مىڭ بولۇپ ،بۇلارنى 55 مىليونى ئىراندا ياشايدۇ ،قالغانلىرى تاجىكىستان،ئافغانىستان،پاكىستان،ئامىركا،تۈركىيە،ئىراق،سەئۇدى ئەرەبىستان،ئەرەپ بىرلەشمە خىەلپىلىكى،قاتار ۋە ئوتتۇرا ئاسىىيا جۇمھىريەتلىرىگە تارالغان.
پارىس تىلىدا 32 تاۋۇش بار بولۇپ .بۇنىڭ 28 سەككىزى پارىس تىلدا ئەسلى بار تاۋۇشلار ،4 ئەرەپ تىلدىن كىرگەن تاۋۇش تۇر.
پارىس تىلدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇسالمان بولغاچ ،ھەم پارىسلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ۋە ئىسلامنى تەتقىق قىلىشتا رولى ۋە تارىخى ئۇزۇن بولغاچ،ئىسلامنى چۈشىنىشۋە تەتقىق قىلىشتا پارىس تىلى كەم بولسا بولمايدۇ.
پارىس تىلىغا ئەرەپ تىلىنىڭ تەسىرى پەۋقۇللادە زور بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى سوزلىكلەرنىڭ يېرى ،ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن،شۇنداقلا تۈرك ۋە مۇڭغۇل تىلنىڭمۇ روشەن سۆزلىكلىرى بار.
يېقىنقى زاماندا پارىس تىلىغا فىرانسوز،ئەنگىلىس،روس ۋە باشقا ياۋروپا ئەلىرى تىلىرىنىڭ تەسىرى روشەن بولماقتا.