باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5695 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-15 15:08

ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)

                                                               


ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانى كەرىم بولسا 23يىل جەريانىدا پەيغەمبىرىمىزگە چۇشۇرۇلگەن.
قۇرئان ئىچىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەزىلەتلىرى بار.
ھازىر بىز توختالماقچى بولغان ئايەت: سۈرە بەقەرنىڭ 255.ئايىتى بولغان چوڭ -كىچىك ھەممە مۇسۇلمانلارغا تۇنۇلۇپ كەتكەن مەشھۇر سۇرە ئايەتۇلكۇرسىيدۇر.
تۇۋەندە ئايەتۇلكۇرسىينىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.

ھەدىستە ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلى ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇبەي ئىبنى كەئب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەندىن <ئاللاھنىڭ كىتابىدا قايسى ئايەت ئەڭ پەزلەتلىك> دەپ سورىدى.
مەن:ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلگۈچىدۇر دىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇ سۇئالنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىدى.
مەن: ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئايەتۇلكۇرسى ئەڭ پەزىلەتلىك دىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئى ئۇبەي ئىلىم ساڭا يار بولسۇن. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ھەقىقەتەن ئايەتۇلكۇرسىنىڭ ئاللاھنى ئەرشنىڭ يېنىدا ئۇلۇغلاپ تۇرىدىغان ئىككى كالپۇكى ۋە بىر تىلى بار(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دىگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مىنى بىر رامزاندا يىغىلغان زاكاتتىنى ساقلاشقا قۇيۇپ قويدى.
بىر كىشى كىلىپ مەن ساقلاۋاتقان مالدىن(بىر رىۋايەتتە خورما دىيىلگەن) ئالغىلى تۇردى. مەن ئۇنى تۇتۋېلىپ:مەن سىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن دىدىم. ئاندىن ئۇ كىشى ماڭا:مىنى قۇيۋەتكىن. مىنىڭ بالا چاقام بار.مىنىڭ ئۇ ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجىم بار دىدى. مەن ئۇنى قۇيۋەتتىم.
ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مەندىن:ئاخشامقى ئەسىرىڭ قانداق قىلدى دەپ سورىدى. مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: ئۇ ئۈزىنىڭ بالاچاقىلىرىنىڭ بارلىقى ھەم ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىپ ئۇنى قۇيۋەتتىم دىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:سەگەك بول ئۇ ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ. ئۇ چۇقۇم يەنە قايتا كىلىدۇ دىدى.
ئاندىن مەن ئۇنىڭ يەنە كىلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى كۇتۇپ تۇردۇم. ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالام دىگەندەك يەنە ئاشلىقتىن ئۇسۇشقا باشلىدى. مەن ئۇنى تۇتۋېلىپ:سىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دىدىم.
ئۇ كىشى ماڭا:مىنى قۇيۋەتكىن. مىنىڭ بالا چاقام بار.مىنىڭ ئۇ ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجىم بار مەن ئەمدى قايتا كەلمەي دىدى .مىنىڭ ئىچىم ئاغىرىپ ئۇنى قۇيۋەتتىم.
ئەتتىگىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مەندىن:ئاخشامقى ئەسىرىڭ قانداق قىلدى دەپ سورىدى. مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: ئۇ ئۈزىنىڭ بالاچاقىلىرىنىڭ بارلىقى ھەم ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىپ ئۇنى قۇيۋەتتىم دىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:سەگەك بول ئۇ ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ. ئۇ چۇقۇم يەنە قايتا كىلىدۇ دىدى.
ئاندىن مەن 3.قېتىم ئۇنى كۈزىتىپ تۇردۇم .دىگەندەك ئۇ يەنە كىلىپ ئاشلىقنى ئۇسۇشقا باشلىدى. مەن ئۇنى تۇتۋېلىپ:بۇنىڭ بىلەن ئۇچ قېتىم بولدى. مەن ئەمدى سىنى جەزمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دىدىم.ئاندىن ئۇ ماڭا مىنى بۇ قېتىممۇ قۇيۋەتكىن مەن ساڭا. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ساڭا پايدا يەتكۈزىدىغان بىر قانچە سۆزنى ئۈگىتىپ قۇياي دىدى. مەن : قايسى سۆزلەرئۇ دىدىم.
ئۇ: سەن ھەرئاخشىمى ياتىدىغان ۋاختىڭدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئاخىرىغىچە ئۇقۇساڭ. ساڭا بىر ساقلىغۇچى پەرىشتە ھەمراھ بۇلىدۇ ھەم ساڭا تاڭ ئاتقۇچە شەيتان يېقىن كىلەلمەيدۇ دىدى. مەن ئۇنى قۇيۋەتتىم.
ئەتتىگىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مەندىن:ئاخشامقى ئەسىرىڭ قانداق قىلدى دەپ سورىدى
مەن؛ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭ گۇمان قىلىشىچە مەن ئۇنى ئۇقۇسام ماڭا پايدا يەتكۇزىدىغان بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قويدى. مەن ئۇنى قۇيۋەتتىم دىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام: ئۇ سۆزلەرقايسى؟دىدى. مەن: ئۇ ماڭا سەن ھەرئاخشىمى ياتىدىغان ۋاختىڭدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئاخىرىغىچە ئۇقۇساڭ. ساڭا بىر ساقلىغۇچى پەرىشتە ھەمراھ بۇلىدۇ ھەم ساڭا شەيتان تاڭ ئاتقۇچە يېقىن كىلەلمەيدۇ دىدى.دىدىم.
ساھابىلار ياخشىلىققا قىزىققۇچى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى قۇيۋەتكەن ئىدىم . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئاگاھ بول ئۇ يالغانچى تۇرۇپ ساڭا راس سۆزلەپتۇ. ئى ئەبۇ ھۇرەيرە سەن ئۈچ كۇندىن بۇيان سۆزلىشىۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن دىدى.
مەن : ياق دىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئۇ شەيتاندۇر دىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

قانداق بىر ئادەم ئاياتۇلكۇرسىنى ئۇقۇسا ئۇ ئادەمگە بىر ساقلۇغۇچى پەرىشتە ھەمرا بۇلىدۇ. ئۇ پەرىشتە ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇغان كىشىنى جىن-شەيتانلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر كىچىلىكى يالغۇز بىرەر يەردە مېڭىشقا توغرا كىلىپ سىزنى قورقۇنۇچ باسسا سىز ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇسىڭىز قورقۇنچ سىزدىن كۇتۇلرۇپ كىتىدۇ.

يۇقۇرقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارغاندا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ساۋاب ئۇمىت قىلىپ ھەركۇنى ياتىدىغان چاغدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇساق شۇ كىچە شەيتان يېقىن كىلەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بۇلىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەر نامازنىڭ كەينىدە ئاياتۇلكۇرسىنى ئۇقۇغان ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرشىگە پەقەتلا ئۇلۇم تۇسالغۇ بۇلىدۇ دىگەن.

چۇنكى بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ سۇپىتى خېلى مۇكەممەل بايان قىلىنغان.
ئەرەپچىسىنى بىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي ئۆز تىلىمىزدىكى مەزمۇنىنىمۇ چۇشنىۋالايلى.

قېرىنداشلار بۇ ئايەتنى يادلىمىغانلار يادلىۋېلىڭلار.




ئاۋازلىقىنى يوللاي دەپمۇ يوللىيالمىدىم. بىلىدىغانلار ئۇگىتىپ قويساڭلار مۇشۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا يوللىۋېتىمەن.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
{بىر اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر



بۇ ئەرەپچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى. ئەمما جەزمەن ئاۋازلىق ئۇقۇلغىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن يادلاڭ. ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى بۇيىچە ئۇقۇغاندا مەنا ئۆزگىرىش كەپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولسىڭىز مەن بۇنىڭا ئىگە ئەمەس.


ئاللاھۇ لا ئىلاھە ئىللا ھۇ. ئەلھەييۇل قەييۇم. لا تەئخۇزۇھۇ سىنەتۇۋۋەلانەۋم. لەھۇ مافىسسەماۋاتى ۋەما فىلئەرزى . مەنزەللەزىي يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا بىئىزنىھى يەئلەمۇ ما بەينە ئەيدىيھىم ۋەما خەلفەھۇم. ۋەلا يۇھىيتۇنە بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە. ۋەسىئەكۇرسىييۇھۇسسەماۋاتى ۋەلئەرزە .ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما. ۋەھۇۋەلئەلىييۇلئەزىيم.



مەنبە____________ ھەمزە
[ uyghurتەرىپىدىن2010-12-20 19:30قايتا تەھرىرلەندى ]
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-16 11:35

ئىشلىتىش
引用第5楼xahruh于2010-09-15 20:52发表的 :

نىمە دىگەن گەپلەردۇر بۇ ؟؟؟
ئايتۇل كۇرىسىنى ئۇقىسا شەيتانلار يېقىن كىلەلمەيدۇ دەپتۇيۇ بۇ ئايەتنى شەيتان ئۆگىتىپ قۇيۇپتۇ ؟؟؟
جىنلار يېقىن كىلەلمەيدۇ دەپتۇيۇ يەنا جىنلار ئايتۇل كۇرىسى ئۇقىۋاتقان ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى
تاس قاپتۇ ؟؟؟؟؟
.......


توغرا ئايەتۇلكۇرسىينى ئۇقۇسا شەيتان يېقىن كىلەلمەيدۇ.
ھەدىستا سۆزلەنگەن ئەبۇ ھۇرەيرە دىگەن ساھابە ئايەتۇلكۇرسىينىڭ پەزىلىتىنى بىلمىگەنلىكتىن ئۇنى ئۇقۇمىغان. شۇنىڭ بىلەن شەيتان كىلىپ ئاشلىقلاردىن ئۇغۇرلاشقا باشلىغان.
بۇ ئىش يۇقۇردا دىيىلگىنىدەك ئۇچ قېتىم تەكرارلانغان.
ئاخىردا ئەبۇھۇرەيرە شەيتانغا :سىنى تۇتۋېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن دىگەندە شەيتان قورقۇپ كىتىپ راس گەپتىن بىرنى قىلىپ سالغان. ئەمەلىيەتتە شەيتان دائىم يالغان بىلەنلا يۇرىيدىغان مەخلۇق.
ھەممىمىزگە ئايانكى ھەممىمىزنىڭ قورقىدىغان نەرسىسى ئۈزىمىزگە بەكمۇ ئايان. شۇنىڭدەك شەيتانغىمۇ ئۇزىنىڭ قورقىدىغان نەرسىسى ئايەتۇلكۇرسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بېرىشتىن قورقۇپ راس گەپتىن بىرنى قىلغان.
ساھابىلەر ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر بولغانلىقتىن شەيتاننىڭ ئۇ قىلغان ياخشىلىقى ئۇچۇن ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئاپارماي قۇيۇپ بەرگەن. بۇ بىرى...
ئىككىنچى بىرى: جىنلار ئايەتۇلكۇرسىينى ئەمەس قۇرئاندىن ھەرقانداق يەرنى ئۇقۇسا  ئاللاھتىن قۇرئان تىڭشىتىشنى ئىرادە قىلىنغان مۇسۇلمانلىرى تىڭشاش ئۇچۇن كىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئان ئۇقۇشىغىمۇ جىنلار قۇلاق سېلىشىپ تىڭشاپ تۇرغان ۋە بىربىرىگە جىم تۇرۇڭلار دىگەن. ھەم جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمگە ئايەتۇلكۇرسى ئۇقۇلسا ئۇ ئادەمدىكى جىنلارنىڭ كۇيۇپ كىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھەم بۇنى بىز جىنلارنىڭ تىلى بىلەنمۇ ئاڭلىغان.
جىنلارنىڭ رەسۇلۇللاتىن قۇرئان ئاڭلىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سەقىف قەبىلىسىمۇ ياكى باشقا بىر قەبىلىمۇ( قايسى قەبىلە ئىكەنلىكى ئىنىق ئىسىمدە  يوق) ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ بارغان. ئۇ قەبىلىدىكىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى قاتتىقلىق بىلەن رەت قىلغان ھەم ئۇ زاتقا ھاقارەت قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز ئۇ يەردىنيېنىپ كىلىپ نەخلە دىگەن جايغا كىلىپ قۇرئان ئۇقۇپ ئولتۇرغان.
جىنلار بۇرۇن ئاسمان خەۋەرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاپ جىن موللىلىرىغا يەتكۇزەتتى.
بۇ ئىش ھەر كۇنى بۇلاتتى. ئاردا ئاسمان خەۋەرلىرىنى قوغداش ئۇچۇن جىنلارنى ئاسمان ساقچىسى قىلىپ تەيىنلەندى. جىنلار ئاسمان خەۋەرلىرىنى ئاڭلاش ئۇچۇن يۇقۇرغا ئۆرلىگەندە يۇلتۇزلار ئېقىپ چۇشۇپ ئۇلارنى كۆيدۇرۇپ ئۇلارنىڭ يۇقرىغا چىقىشىغا يول قويمىغان.
شۇنىڭ بىلەن جىنلارنىڭ باشلىقى زىمىندا نىمىش بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۇچۇن جىنلاردىن بولغان قۇشۇنلىرىنى زىمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتكەن.
ئۇجىنلارنىڭ بەزىسى مەشرىق تەرەپكە يەنە بەزىسى مەغرىپ تەرەپكە ئاتلىنىپ مېڭىشقان.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن  دەل رەسۇلۇللە قۇرئان ئۇقۇپ تۇرغان يىرىگە كىلىپ قالغان. ۋە رەسۇلۇللەنىڭ ئۇقۇغان ئايەتلىرىنى تىڭشاپ تۇرغان ۋە بىربىرىگە جىم تۇرۇڭلار دىيشىپ قۇرئان ئاڭلىغان.
ئۇ قۇرئاننى ئاڭلىغان جىنلار ئۆز قەۋمىگە بارغاندىن كىيىن مۇنداق دىگەن{)(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر- بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى.(29)ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق».(30)«ئى قەۋمىمىز! اﷲ غا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ غا ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ».} (سۈرە ئەھقاپ 29.30.31.ئايەتلەر)

يۇقۇرقى ئايەتتە ئېيتىلغاندەك قۇرئان تىڭشىغان ئۇ جىنلار ئۆز قەۋمى ئۇچۇن ئاگاھلاندۇرغۇچى بۇلۇپ بارغان.
ئىشلار يۇقۇرقىدەك... بۇ ئىشتا كاللىدىن ئۆتمەيدىغان ھېچقانداق يەر يوق.

يەنە چۇشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار بۇلىدۇ.


ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-16 12:25

بۇ ئەرەپچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى. ئەمما جەزمەن ئاازلىق ئۇقۇلغىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن يادلاڭ. ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى بۇيىچە ئۇقۇغاندا مەنا ئۆزگىرىش كەپ چىقىدۇ. مەن بۇنىڭا ئىگە ئەمەس.


ئاللاھۇ لا ئىلاھە ئىللا ھۇ. ئەلھەييۇل قەييۇم. لا تەئخۇزۇھۇ سىنەتۇۋۋەلانەۋم. لەھۇ مافىسسەماۋاتى ۋەما فىلئەرزى . مەنزەللەزىي يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا بىئىزنىھى يەئلەمۇ ما بەينە ئەيدىيھىم ۋەما خەلفەھۇم. ۋەلا يۇھىيتۇنە بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە. ۋەسىئەكۇرسىييۇھۇسسەماۋاتى ۋەلئەرزە .ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما. ۋەھۇۋەلئەلىييۇلئەزىيم.
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-18 19:43

يادلاشقا بەك لايىق ئايەت بۇ. مۇشۇ ئايەتنى ئۇقۇپ ناماز ئۇقۇسىمۇ بۇلىدۇ
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 18:28

ئەرەپچىسىنى ئۇيغۇرچە دەمسىز؟