باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5693 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-15 15:08

ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى(ھەمزە)

                                                               


ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانى كەرىم بولسا 23يىل جەريانىدا پەيغەمبىرىمىزگە چۇشۇرۇلگەن.
قۇرئان ئىچىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەزىلەتلىرى بار.
ھازىر بىز توختالماقچى بولغان ئايەت: سۈرە بەقەرنىڭ 255.ئايىتى بولغان چوڭ -كىچىك ھەممە مۇسۇلمانلارغا تۇنۇلۇپ كەتكەن مەشھۇر سۇرە ئايەتۇلكۇرسىيدۇر.
تۇۋەندە ئايەتۇلكۇرسىينىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.

ھەدىستە ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلى ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇبەي ئىبنى كەئب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەندىن <ئاللاھنىڭ كىتابىدا قايسى ئايەت ئەڭ پەزلەتلىك> دەپ سورىدى.
مەن:ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلگۈچىدۇر دىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇ سۇئالنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىدى.
مەن: ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئايەتۇلكۇرسى ئەڭ پەزىلەتلىك دىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئى ئۇبەي ئىلىم ساڭا يار بولسۇن. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ھەقىقەتەن ئايەتۇلكۇرسىنىڭ ئاللاھنى ئەرشنىڭ يېنىدا ئۇلۇغلاپ تۇرىدىغان ئىككى كالپۇكى ۋە بىر تىلى بار(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دىگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مىنى بىر رامزاندا يىغىلغان زاكاتتىنى ساقلاشقا قۇيۇپ قويدى.
بىر كىشى كىلىپ مەن ساقلاۋاتقان مالدىن(بىر رىۋايەتتە خورما دىيىلگەن) ئالغىلى تۇردى. مەن ئۇنى تۇتۋېلىپ:مەن سىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن دىدىم. ئاندىن ئۇ كىشى ماڭا:مىنى قۇيۋەتكىن. مىنىڭ بالا چاقام بار.مىنىڭ ئۇ ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجىم بار دىدى. مەن ئۇنى قۇيۋەتتىم.
ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مەندىن:ئاخشامقى ئەسىرىڭ قانداق قىلدى دەپ سورىدى. مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: ئۇ ئۈزىنىڭ بالاچاقىلىرىنىڭ بارلىقى ھەم ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىپ ئۇنى قۇيۋەتتىم دىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:سەگەك بول ئۇ ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ. ئۇ چۇقۇم يەنە قايتا كىلىدۇ دىدى.
ئاندىن مەن ئۇنىڭ يەنە كىلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى كۇتۇپ تۇردۇم. ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالام دىگەندەك يەنە ئاشلىقتىن ئۇسۇشقا باشلىدى. مەن ئۇنى تۇتۋېلىپ:سىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دىدىم.
ئۇ كىشى ماڭا:مىنى قۇيۋەتكىن. مىنىڭ بالا چاقام بار.مىنىڭ ئۇ ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجىم بار مەن ئەمدى قايتا كەلمەي دىدى .مىنىڭ ئىچىم ئاغىرىپ ئۇنى قۇيۋەتتىم.
ئەتتىگىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مەندىن:ئاخشامقى ئەسىرىڭ قانداق قىلدى دەپ سورىدى. مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: ئۇ ئۈزىنىڭ بالاچاقىلىرىنىڭ بارلىقى ھەم ئاشلىققا قاتتىق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىپ ئۇنى قۇيۋەتتىم دىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام:سەگەك بول ئۇ ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ. ئۇ چۇقۇم يەنە قايتا كىلىدۇ دىدى.
ئاندىن مەن 3.قېتىم ئۇنى كۈزىتىپ تۇردۇم .دىگەندەك ئۇ يەنە كىلىپ ئاشلىقنى ئۇسۇشقا باشلىدى. مەن ئۇنى تۇتۋېلىپ:بۇنىڭ بىلەن ئۇچ قېتىم بولدى. مەن ئەمدى سىنى جەزمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دىدىم.ئاندىن ئۇ ماڭا مىنى بۇ قېتىممۇ قۇيۋەتكىن مەن ساڭا. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ساڭا پايدا يەتكۈزىدىغان بىر قانچە سۆزنى ئۈگىتىپ قۇياي دىدى. مەن : قايسى سۆزلەرئۇ دىدىم.
ئۇ: سەن ھەرئاخشىمى ياتىدىغان ۋاختىڭدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئاخىرىغىچە ئۇقۇساڭ. ساڭا بىر ساقلىغۇچى پەرىشتە ھەمراھ بۇلىدۇ ھەم ساڭا تاڭ ئاتقۇچە شەيتان يېقىن كىلەلمەيدۇ دىدى. مەن ئۇنى قۇيۋەتتىم.
ئەتتىگىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مەندىن:ئاخشامقى ئەسىرىڭ قانداق قىلدى دەپ سورىدى
مەن؛ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭ گۇمان قىلىشىچە مەن ئۇنى ئۇقۇسام ماڭا پايدا يەتكۇزىدىغان بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قويدى. مەن ئۇنى قۇيۋەتتىم دىدىم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسالام: ئۇ سۆزلەرقايسى؟دىدى. مەن: ئۇ ماڭا سەن ھەرئاخشىمى ياتىدىغان ۋاختىڭدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئاخىرىغىچە ئۇقۇساڭ. ساڭا بىر ساقلىغۇچى پەرىشتە ھەمراھ بۇلىدۇ ھەم ساڭا شەيتان تاڭ ئاتقۇچە يېقىن كىلەلمەيدۇ دىدى.دىدىم.
ساھابىلار ياخشىلىققا قىزىققۇچى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى قۇيۋەتكەن ئىدىم . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئاگاھ بول ئۇ يالغانچى تۇرۇپ ساڭا راس سۆزلەپتۇ. ئى ئەبۇ ھۇرەيرە سەن ئۈچ كۇندىن بۇيان سۆزلىشىۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن دىدى.
مەن : ياق دىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئۇ شەيتاندۇر دىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

قانداق بىر ئادەم ئاياتۇلكۇرسىنى ئۇقۇسا ئۇ ئادەمگە بىر ساقلۇغۇچى پەرىشتە ھەمرا بۇلىدۇ. ئۇ پەرىشتە ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇغان كىشىنى جىن-شەيتانلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر كىچىلىكى يالغۇز بىرەر يەردە مېڭىشقا توغرا كىلىپ سىزنى قورقۇنۇچ باسسا سىز ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇسىڭىز قورقۇنچ سىزدىن كۇتۇلرۇپ كىتىدۇ.

يۇقۇرقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارغاندا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ساۋاب ئۇمىت قىلىپ ھەركۇنى ياتىدىغان چاغدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇساق شۇ كىچە شەيتان يېقىن كىلەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بۇلىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەر نامازنىڭ كەينىدە ئاياتۇلكۇرسىنى ئۇقۇغان ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرشىگە پەقەتلا ئۇلۇم تۇسالغۇ بۇلىدۇ دىگەن.

چۇنكى بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ سۇپىتى خېلى مۇكەممەل بايان قىلىنغان.
ئەرەپچىسىنى بىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي ئۆز تىلىمىزدىكى مەزمۇنىنىمۇ چۇشنىۋالايلى.

قېرىنداشلار بۇ ئايەتنى يادلىمىغانلار يادلىۋېلىڭلار.




ئاۋازلىقىنى يوللاي دەپمۇ يوللىيالمىدىم. بىلىدىغانلار ئۇگىتىپ قويساڭلار مۇشۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا يوللىۋېتىمەن.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
{بىر اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر



بۇ ئەرەپچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى. ئەمما جەزمەن ئاۋازلىق ئۇقۇلغىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن يادلاڭ. ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى بۇيىچە ئۇقۇغاندا مەنا ئۆزگىرىش كەپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولسىڭىز مەن بۇنىڭا ئىگە ئەمەس.


ئاللاھۇ لا ئىلاھە ئىللا ھۇ. ئەلھەييۇل قەييۇم. لا تەئخۇزۇھۇ سىنەتۇۋۋەلانەۋم. لەھۇ مافىسسەماۋاتى ۋەما فىلئەرزى . مەنزەللەزىي يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا بىئىزنىھى يەئلەمۇ ما بەينە ئەيدىيھىم ۋەما خەلفەھۇم. ۋەلا يۇھىيتۇنە بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە. ۋەسىئەكۇرسىييۇھۇسسەماۋاتى ۋەلئەرزە .ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما. ۋەھۇۋەلئەلىييۇلئەزىيم.



مەنبە____________ ھەمزە
[ uyghurتەرىپىدىن2010-12-20 19:30قايتا تەھرىرلەندى ]
بارچە  ئالەم  ھامان بىرھەقىقەتكە قايت  ..ئ ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1802
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 545 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-11
ئاخىرقى: 2011-03-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-15 23:54