باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3766 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئەتراپىمىزدىكى جالاپ ئەرلەر (يېڭى)
ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 475
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
ئۆسۈش: 228 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 19:26

ئەتراپىمىزدىكى جالاپ ئەرلەر (يېڭى)

ئاپتۇرى ؛ ئۆزھال

 

*ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،

ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.

قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،

ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

 

---كۈندىلىك خاتىرەمدىن.

 

يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا قاتنىشىپ قالدىم.ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن قەدەم ئېلىپلا ئۆي ئىچىگە

 لىق تولغان قاڭسىق ھاراق بۇسى ، ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق بۇرنۇمغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى.

ئارقامغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتەي دېدىم –يۇ، يەنىلا ئاغىنەمنىڭ كۆڭلىنى ئاياشقا توغرا

كەلدى. [دېمىسىمۇ مەندەك يا ھاراق ئىچمەيدىغان ،يا تاماكا چەكمەيدىغان،بىكار بولساملا قولۇمدىن كىتاپ چۈشمەيدىغان ،

كومپىيۇتېر ئالدىدىن كەتمەيدىغان بىر ‹‹كىتاپ خالتىسى››ئۈچۈن بۇنداق ئايىغى چىقماس سورۇندا ئولتۇرماقمۇ بىر بەسى

مۈشكۈل ئىش ئىدى.] كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا جايلىشىپ بولۇپ ،ئەتراپىمغا سەپسالدىم.سورۇندا 15-20 چە ئادەم بار بولۇپ،

كۆپىنچىسى مەن دېمەتلىك ،مۇقىم خىزمەت ئورنى بار زىيالى ياشلار ئىدى.سورۇن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتقان ئىدى.

پات-پات رۇمكىلارنىڭ جاراڭشىپ سۇقۇشتۇرۇشلىرى، توختىماي كۆڭۈل چۈشەندۈرۈشلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

شۇ ئارىدا ئۇدۇلىمدا ئولتۇرغان چاچلىرىنى گەدەنگىچە قويۇپ ،بىر يەرلىرىنى سارغايتىپ،بىر يەرلىرىنى قىزارتىۋالغان ،

ئۇچىسىغا يا ئايالچىغا يا ئەرەنچىگە ئوخشىمايدىغان ئالا پۇلىماچ غەلىتە بىر كىيىملەرنى كىيىۋالغان ‹‹ئاقسا›› بىرسىنىڭ

مۇنۇ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى؛

-ئادەم ياش چېغىدا ئوينىماي نېمە ئىش قىلىدۇ دەيمەن!؟ خىزمەتنىمۇ قىلىش ،ئويۇننىمۇ ئويناش كېرەك.‹ ياشلىق

چېغىم- ئالتۇن چىغىم ›دەيدىغۇ كونىلار.ياشلىق مەڭگۈ تۇرامدۇ ئادەمدە. قېرىپ ھەممە نەرسە پىنسىيىگە چىققاندا

نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ دەيسىلەر! مانا مەن،پو ئاتقىنىم ئەمەس،باشقا چوڭ ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ، مۇشۇ قىز

كەلتۈرۈشتە تولىمۇ ئېپىم بار ،بۇ قىزلارمىچۇ،تەپسە تەۋرىمەيدىغان، يولدا ماڭسىمۇ ئۇخلاپ ماڭىدىغان ،بېلى بوش

‹مۆمىنجان›لارغا ئەمەس،بەلكى شاش ئاتتەك چاپچىپ تۇرىدىغان،گەپ-سۆزىنىڭ ئازراق‹شېكىرى› بار،‹دەۋىرگە لايىق›

ئاقسا يىگىتلەرگە ئامراق.مانا مەن سىلەرگە دېسەم ،ھەرقانچە مانا مەن دېگەن قىزنىمۇ 1-2 كۈن ئىچىدە ئېرىتىپ

‹ شاما › قىلىۋىتمەن.مانا مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت  ئىچىدىلا نەچچە قىز بىلەن ئارلىشىپ ،مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ،

ئاخىرىدا ئاستاغىنا يولىغا سېلىپ قويدۇم. كۆرگەنسىلەر،ھازىر ھېلىقى تۇمۇچۇق بىلەن يۈرۈۋاتىمەن... ... ...

ئۇنىڭ ئەزۋەيلەشلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئېدى. ئۇ ھەتتا يېنىدىكىلەرگە قىز كەلتۈرەلمىگەن ‹ھاجەتمەنلەر› بولسا،

ئۆزىنىڭ دوسىتلۇق يولىدا ياردەم قولىنى ئايىمايدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ

ھەيران بولدۇم ھەم شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى،  شۇنداق ئەمەسمۇ ،سېنىڭ قەيىرىڭ نەچچە يىل تەربىيە كۆرگەن زىيالى،

جەمئيەتتىكى بىرەرسى بولغان بولسىغۇ، بوپتۇلا  دېسەك، ھەي، سېنىڭچە بۇ مۇھەببەت دېگەن شۇنداق ئاددىي نەرسىمۇ،

ساڭا نېسبەتەن خۇددى بىر ئويۇننىڭ ئورنىدا. مۇھەببەت دېگەن زادى نېمە؟---مۇھەببەت-كىشلىك ھاياتتىكى قەدىرلەشكە

تېگىشلىك ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ مۇقەددەس،ئەڭ گۈزەل بىباھا نەرسە ئەمەسمۇ؟!!!  سەن بەلكىم مۇھەببەت دېگەن سۆزنىڭ

مەنىسىنى مەڭگۈ چۈشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن، ئويلاپ باقتىڭمۇ، سەن ئەخمەق قىلىپ، كۆڭلۈڭنى خوش قىلىپ

تاشلىۋەتكەن شۇ ساددا،سەبىي قىزلار قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندۇ؟ ۋىجدانىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۆرتەنمىدىمۇ؟،دەپ

 باققىن، سېنىڭ ئۆز سىڭلىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىپ تاشلىۋىتىلسە،قانداق ھېسسىياتتا بولار ئىدىڭ!!!!!!!.............................

چۇڭقۇر خياللار ئىچىدە ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا يېنىمدىكى ئاداشنىڭ نۇقۇشى بىلەن ئېسىمگە كېلىپ قارىسام ،

ئەسلى ھاراق ‹نۆۋىتى› ماڭا كېلىپ قالغانىكەن، ھاراق قۇيۇۋاتقان ساقىي لىق تولدۇرۇلغان بىر رۇمكا ھاراقنى ماڭا

تەڭلەپ تۇرغانىكەن، قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ ،ئەدەپ بىلەن ساقىيغا ئۆزۈمنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم.

شۇ ھامان ساقىي ۋە باشقىلار تۇشمۇ تۇشتىن توينىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىرەر رۇمكا ئىچكەنگە ھېچ نەرسە بولمايدىغانلىقى ،

بۇندىن كېيىن پەقەت ئېچىشكە زورلىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سالا قىلىپ تۇرۇۋالدى. راسىتلا بىرەر رۇمكىمۇ ئىچەلمەيمەن

دىۋىدىم، ياندىكى چالا كەيىپ بولغان بىرسى، ھاراق دېگەننى بۇرۇت چىققان ئەر كىشى ئىچىدۇ دېمەسمۇ،قۇيقا چاچلىرىم

تىك تۇرۇپ كەتتى.ۋاي بولدىلا، ئادەم ئۆلىدىغان زەھەر بولسىمۇ ،مۇشۇنى ئىچىپلا چىقىپ كېتەي دەپ رۇمكىنى قولۇمغا

ئالدىم ۋە بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىمەكچى بۇلۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللىدىميۇ،دەررۇ نىيىتىمدىن ياندىم،بېھۇدە سۆزلەپ ۋاقتىمنى

ئىسراپ قىلىپ قانداق قىلارمەن، ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا دۇتتار چېلىپ بەرسە چۈشىنەمدۇ دەيسىز؟! شۇنداق قىلىپ

ھاراقنى ئىچكىنىمنى بىلەرمەن، خۇددى بىر چوغ گېلىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك ، قىزىق سۇيۇقلۇقتا ئۈچەي-باغرىم ئۆرتىنىپ

كەتتى،كۆڭلۈم ئېلىشىپ ،كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلاپ كەتتى، شۇئان ئۆزەمنى تالاغا ئاتتىم... ... ... ... ... ... ... ...

مانا شۇ ئىش يۈز بېرىپ نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك خارامۇش يۈردۈم،ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى.

 ئولتۇرسام-قوپسام ھېلىقى سورۇندىكى كۆرۈنۈشلەر ،گەپ-سۆزلەر كۆز ئالدىمدىن كەتمەيىتتى،ئىختىيارسىز  قايسىبىر

 دانىشمەننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى يادىمغا ئالدىم؛ ‹‹دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە- گۈزەل ئەخلاقلىق،

تەربىيىلىك بولۇپ،شۇ گۈزەل خىسلەتلەر بىلەن نام چىقىرىشتۇر. ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر يامان نەرسە-ئەخلاقسىزلىق،

ۋىجدانسىزلىق،بەتخۇيلۇق ۋە ئىپلاسلىق-پاسىقلىق بىلەن نام چىقىرىشتۇر... ... ...››.


مەنبە: دىيانەت تورى

باھالاش خاتىرىسى:
  • 铜币:+1(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئەي قىز،گۈزەللىك ئىزلەپ گۈزەللىكىڭنى يوقاتما!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 155
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 173
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
    ئۆسۈش: 420 %
    مۇنبەر پۇلى: 1434 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-04
    ئاخىرقى: 2012-02-19

    بۇ تېما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ھازىر قايسى تور بەتلەرگە قارىسا قىزلارنىڭ چۈشكۈن ئەخلاقى ئەيپلەنگەن تېمىلار يوللانغان.،ئەلۋەتتە ،قىسمەن قىزلار ھەقىقەتەن يولدىن چىقماقتا،بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى مانا مۇشۇ تېمىدا دىيىلگەن <جالاپ ئەرلەر>.  ئۇلار ئەخلاقنى ،قىزلارنى ھەرمەتلىگەن،قەدىرلىگەن بولسا ،قىزلارمۇ ئۇنداق ئەخلاقسىز بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى.........
    ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
    قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
    تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
    كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

    ئابدۇقادىر جالالىدىن
    اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدا قىلسۇن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 145
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 77
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
    ئۆسۈش: 28 %
    مۇنبەر پۇلى: 98 سوم
    تۆھپىسى: 6 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-04
    ئاخىرقى: 2010-07-31
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 20:28

    ئەگەر ئۇ شۇئان ئارقىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەكەن بولسا ئۆزى ئۈچۈن بەكلا ياخشى بولغان بولاتتى........................
    ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 858
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
    ئۆسۈش: 2702 %
    مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 20:28

                ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە ئۆزى باشلامچى بولۇشى كېرەك، ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئىگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
                 گەپنىڭ قىسقىسى ئاتا-ئانىنىڭ ساپاسى بېقىپ-تەربيىلەپ چوڭ قىلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ساپاسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
    پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
    ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 475
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
    ئۆسۈش: 228 %
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-28
    ئاخىرقى: 2012-01-16
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 20:39

    دىلبەر پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن. ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئانا بولىدىغان قىزلىرىنى ئۇيۇنچۇق ئورنىدا
    كۆرىدىغان ئەرلەرگە  نەپرىتىم كۈچلۈك.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 167
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 309 %
    مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 21:06

    شۇنداخ ئاددىيكى ھايۋان جىندا ھۇھابەتنڭ قەدىرگە يىتىپ تۇخۇلغان باللىسنى تاشليۋەتمەي باقىدۇ بۇھايۋاندىكى مۇھابەت
    بىرئنسان تۇرۇپ ھۇھابەتنڭ قەدىرگە يەتمەي ئۇنۇڭدن پايدىلىنىپ باشقىلارنى خارلىسا
    چوقۇم مۇشۇ ھۇھابەتتىن خارلىنىپ ھەسرەت چىكېدۇ  باشقىلارنىڭ قەلبىگەچۇشكەن مۇھابەت بۇنىڭغىمۇ چۇشدۇ
    ھەركىم قىلسا .ئۈزگەقىلدۇ.......
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 167
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 309 %
    مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 21:07

    بۇ ئوتنەجاھان
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 167
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 309 %
    مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 21:14

    بۇ نىيم ئشلادۇ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 60
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 37
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
    ئۆسۈش: 33 %
    مۇنبەر پۇلى: 139 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-31
    ئاخىرقى: 2011-08-09
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 23:11

     مەن ئويلايمەن؛قىزلار؟ئوغۇللارنى بۇزدىمۇ؟؟وغۇللار قىزلارنى بۇزدىمۇ؟
    دوسلارمەن مۇنبەردىن جاۋاپ تاپالارمەنمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 702
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
    ئۆسۈش: 1870 %
    مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
    تۆھپىسى: 85 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2011-08-18
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-06 23:37

    چاۋاك ئىككى قولدىن  چىقىدۇ!  
    بىراق  ئەركەك بولغانكەن ئەركەكتەك بولىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ خوتۇن قىزلىرىنى دەپسەندە قىلغان ئەركەكنىڭ ئەركەك بولۇشقا  ئەمەس ئادەم بولۇشقىمۇ  سالاھىيتى توشمايدۇ.
    ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
    بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.