بىر بويتاق پىسخۇلۇگ ئالىمدىن سورىدى 
: -بويتاقلىقتىن جاق تويدۇم ،ئۆيلۈك بولاي دەيمەن قانداق ئاياللار ۋاپادار كىلىدۇ ؟ قارا چاچلىقمۇ قوڭۇر چاچلىقمۇ ؟
----ئاق چاچلىقى .
ئايرۇپىلان ئىزنىكى تاقىۋالغان مودا بىر قىز ئاپتۇبۇس بىكىتىدە تۇراتتى ، بىر يىگىت قىزنىڭ ئىزنىكىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراۋەردى ، ىقزنىڭ ئاچچىقى كىلىپ يىگىتكە دىدى : ئايرۇپىلان كۆرمىگەن سەھرالىقمۇ سىز ! .
ئايرۇپىلاننىغۇ كۆرگەن ، لىكىن بۇنداق ئىگىز دۆڭگە قونغىننى كۆرمىگەن .
ئايال : ئۆتۈنۈپ قالاي جېنىم ئېرىم   مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ھاراقنى تاشلسىڭىزچۇ..؟               
ئەر: ۋۇ ئەخمەق كىم سەن ئۈچۈن ھاراق ئىچىپتۇ ..
خوتۇنۇم بىلەن 20نەچچە يىل ئۆي تۇتقان بولساممۇ ئاران بىر قىتىم نىيىتىمىز بىر يەردىن چىقتى . 
نىمىش توغىرسىدا ؟ 
 بىر كۈنى ئۆيىمىزگە ئوت كەتتى شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئىشىكتىن بىللە قىچىپ چىقتۇق ..
ئۆي خىزمەتچىسى سارايدىكى يوغان تەشتەكنى سۇندۇرۇپ قويدى خوجايىن ئايال قاقشاپلا كەتتى . ۋىيەي تازىمۇ ئېىسىل تەشتەك ئىدى بىر ئايلىق ئىش ھەققىڭمۇ ئۇنىڭ پۇلىغا يەتمەيدۇ . سەن جۇۋاينىمەكنىڭ  !   
كۈتكۈچى ئايال: خىجالەتتە بىر ھازا تۇرغاندىن كىيىن دىىدى : كەچۈرسىلە خىنىم بىر ئايلىق ئىش ھەققىم يەتمىسە ، يەتكۈدەك قىلىپ ئۆستۈرۈپ قويسىلا بولاتتى..
خوتۇنى : سەمەت ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭچۇ ، خوراز قىچارغىلى نە ۋاق !  
سەمەت : خوراز قىچارسا نىمە ماڭا كايىپ كىتىسە ، يا مەن مىكىيان بولمىسام .
شەھەرلىك بىر خانىم تاققا سەيلە قىلغىلى چىقىىپ توپ -توپ ئوتلاپ يۈرگەن كاللارغا ھەۋەسلىنىپ قارىغانتى ،بىر بۇقىنىڭ ئۆزىگە ھومىيىپ قاراۋاتقىنىنى كۆرۆپ قورقۇپ توۋلىۋەتتى : ۋىيەي ئاۋۇ بۇقا ماڭا بىر قىسىملا قاراپ كەتتىغۇ ؟ 
 ----<<  قىزىل كۆڭلەك كىيىۋالغىنىڭىز ئۈچۈنشۇنداق قىلىۋاتىدۇ >>   دىدى پادىچى .   
توۋۋا تاغدا يۈرۈپمۇ كىيىمنىڭ مودىدىن قالغانلىقىنى  بىلۋالغانلىقىنى قاراڭلا ، بۇ ھايۋاننىڭ .
 ئىككى ئوقوغۇچى دۇككاندىن بىردىن شەپكە سېتىۋىلىپ كوچىغا چىقىشىغا يامغۇر يىغىپ كەتتى .قانداق قىلىمىز دىدى بىرى شەپكىنىڭ يامغۇردا ھۆل بولوپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ . 
مۇنداق قىلايلى دىدى ئاغىنىسى شەپكىمىزنى ئالماشتۇرۇپ كىيەيلى بۇ چاغدا ھۆل بولوپ كەتسىمۇ << مىنىڭ ئەمەسقۇ >> دەپ ئويلايمىزدە ئىچىمىز ئاغرىمايدۇ 
سىزنىڭ يەلپۈگۈچىڭىز نىمە دىگەن پۇختا ، 20يىل ئىشلەتسىڭىزمۇ يىپيىڭى تۇرۇپتۇ  . 
ناھايىتى ئاسراپ ئىشىلتىۋاتىمەن شامالدىماقچى بولسام يەلپۈگۈچنى ئەمەس بېشىمنى لىڭىشتىمەن .
بىر ئەر كىشى دوختۇرغا تىلفۇن بىرىپ دىدى ،: بالام قاتتىق ئاغرىپ قالدى كىلىپ كۆرۆپ باقسىڭىز .
تۈنۈگۈن بىرىپ كۆرگەنغۇ يۇقۇملۇق كىسەلگە گىرىپتار بۈپتۇ ،بالىدىن ئۈزۈڭلارنى تارتىڭلار  بولمىسا يۇقتۇرۋالىسىلەر ...
ئاپلا مەن بالامنى ئەركىلتىپ سۆيۈپ قويغانىدىم .
چاتاق بوپتۇ ئۇنداقتا سىزگىمۇ يۇقۇپتۇ
قورقاتماڭچۇ كىيىن مەن خوتۇنۇمنىمۇ سۆيگەنتىم 
 . نىمە؟ دوختۇرنىڭ رەڭگى تاتىرىپ توۋلاپ كەتتى : ئوخوي ! .....ئۇنداختا ماڭىمۇ يۇقۇپتۇ - دە
خوتۇنۇڭ ساڭا ئامراقمۇ ؟  
بەك ئامراق ،سۈيۈملۈكۈم ئەزىزىم دەپلا تۇرۇدۇ . 
نىمىدىگەن كۈيۈمچان دائىم شۇنداقمۇ ؟ 
ھەئە ، ئەتتىگەندە ئەزىزىم توپلىيىمنى مايلىۋىتىڭ دەيدۇ .چۈشتە سۈيۈملۈكۈم تاماقنى چاپسان تەييارلاڭ دەيدۇ    كەچتە ئامرىقىم سۇنى ئىسسىتىتپ پۇتۇمنى يۇيۇپ قۇيۇڭ دەيدۇ ..
خوتۇنى :دادىسى ئايگۈل تۇغۇپتۇ .
ئېرى: تۇغسا تۇغمامدۇ بۇ ئۇنىڭ ئىشى .
خوتۇنى : ھەي سىنى بالىنىڭ دادىسى دەيدىغۇ ؟ 
ئېرى : بۇ مىنىڭ ئىشىم .
خوتۇنى ئەمسە مەن قانداق قلىمەن ؟ 
ئېرى : بۇ سېنىڭ ئىششىڭ .
بىر موماي ھاسىراپ ھۆمۆدەپ ئاپتۇمۇبىلغا ئاران چىقىپ شوپۇرنىڭ ئارقىسىدىلا ئولتۇردى ، ئاپتۇمۇبىل ھەر بىر بىكەتتە توختىغاندا موماي كۈنلۈكنىڭ ئۇچى بىلەن شوپۇرنىڭ كاسسسىسىغا نوقۇپ <<بۇ قايسى بىكەت ؟ >> دەپ سوراۋەردى . شوپۇر ئۈنچىقماي يەنە بىر بىكەتتە بىرىپ توختىۋىدى ، موماي كۈنلۈكنىڭ ئۇچىنى قاتتىق سانجىپ يەنە سورىدى : بۇ قەيەر ؟ 
شوپۇرنىڭ كاسسىسى ئاغرىدى بولغاي رەنجىپ دىدى: بۇ مىنىڭ كاسسام سىز چۈشىدىغان بىكەت ئەمەس .
ئەر -خوتۇن ئىككسى ئۇرۇشۇپ بولغاندىن كىيىن خوتۇنى كەچۈرۈم سورىدى : ئەپۇ قىلىڭ يۈزىڭىزنى مورلاپ قانىتىپ قويدۇم تالاغا چىقسىڭىز تازىمۇ سەت بولدىغان بولدى .   دە ....  
ھىىچقىسى يوق مۆشۆكتىن بىرنى كۆتۈرۋالسام چانمايدۇ .دىدى ئېرى .
كۆپلىگەن جانىۋارلار بۇلبۇلنى ماختاپ كىتىشتى ، بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ئۆكۆز سورىدى ؟  
بۇلبۇلنى ھەجەپ ماختاپ كەتتىڭلارغۇ ، ئۇنىڭ مۆڭگىزى شۇنداق يوغانمۇ ؟  
بۇلبۇلنىڭ مۆڭگۈزى بولمايدۇ .
توۋۋا مۆڭگۈزى بولمىسا نىمانچە ماختىشىدىكىنا....ھەيران بولدى ئۆكۆز...
خەيىر كىيىن كۆرىشەيلى ....